ئەيسا يۈسۈف ئالىپتېكىن ۋاپاتىنىڭ 25 يىللىقى خاتىرىلەندى

0:00 / 0:00

د ئۇ ق نىڭ ئۇيۇشتۇرىشى بىلەن مەشھۇر «3 ئەپەندىلەر» نىڭ بىرى بولغان ئەيسا يۈسۈف ئالىپتېكىن ۋاپاتىنىڭ 25 يىللىقىنى خاتىرىلەش تور مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

17-دېكابىر د ئۇ ق نىڭ ئۇيۇشتۇرىشى بىلەن تور مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، مەرھۇم ئەيسا يۈسۈف ئالىپتېكىن ۋاپاتىنىڭ 25 يىللىقى خاتىرىلەندى ۋە ئۇنىڭ ھايات پائالىيەتلىرى ئەسلەپ ئۆتۈلدى. يىغىنغا ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ دوتسېنتى، دوكتۇر ئەركىن ئەمەت ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى.

بۇ تور مۇھاكىمە يىغىنىغا مەرھۇم ئەيسا يۈسۈف ئالىپتېكىن ئەپەندى 1995-يىلى ئىستانبۇلدا ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەن، سەپداش بولۇپ خىزمەت قىلغان ھەمدە مەخسۇس ئەيسا يۈسۈف ئالىپتېكىن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كىشىلەر ۋە ئالىپتېكىن جەمەتىنىڭ ئەزالىرى قاتناشقان ئىدى.

يىغىندا ئالدى بىلەن ئېچىلىش نۇتۇقى سۆزلىگەن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى «20-ئەسىردىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى تارىخىدا ‹3 ئەپەندىلەر› دەپ ھۆرمەت بىلەن تەرىپلىنىدىغان ۋە ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنىڭ بۈگۈنگە قەدەر يېتىپ كېلىشىگە بۈيۈك تۆھپىلەرنى قوشقان» ئەيسا يۈسۈف ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ كۆرەش تارىخىغا يۈكسەك باھالارنى بەردى. ئۇ سۆزىدە 1949-يىلى كوممۇنىست خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا بېسىپ كىرىشتىن ئىلگىرى ئەيسا يۈسۈف ئالىپتېكىن بىلەن بىرلىكتە ھىندىستانغا ھىجرەت قىلغان مۇھەممەدئىمىن بۇغرانىڭ ئۆز ۋاقتىدا خاتىرىسىگە مۇنۇلارنى يېزىپ قالدۇرغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى: «شەرقىي تۈركىستاننىڭ كوممۇنىست مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىشى بىلەن ھىندىستانغا ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن 1950-يىلى ئەيسابەگ بىلەن مۇزاكىرە قىلىپ، ۋەتەن دەۋاسى ئۈچۈن ئېلىپ بارىدىغان قەتئىي ھەرىكىتىمىزنى تۆۋەندىكىدەك قارارلاشتۇردۇق: بىرى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تولۇق مۇستەقىللىقىنى مەقسەت قىلىش، ئىككىنچىسى، ۋەتەن سىرتىدا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئىدىيەسىگە مۇستەقىللىق پىكرىنى سىڭدۈرۈش، ئۈچىنچىسى، بۇ غايىنى مەقسەت قىلغان ھالدا تەشۋىقاتقا ئەھمىيەت بېرىش، تۆتىنچىسى، دۇنيا جامائەتچىلىكىگە شەرقىي تۈركىستاننى تونۇتۇش، ئانا ۋەتەندىكى خىتاي زۇلۇمىنى ئاڭلىتىش ۋە ئۇلارنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈش.»

يىغىنغا ئەيسا يۈسۈف ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ ئۈچۈنچى ئوغلى ئىلغار ئالىپتېكىن ئەپەندىمۇ قاتناشقان ئىدى. ئۇ سۆزىدە دادىسى ئەيسا يۈسۈف ئالىپتېكىننىڭ 1901-يىلى قەشقەرنىڭ يېڭىسار ناھىيەسىدە تۇغۇلغانلىقى ۋە مەدرىس، مەكتەپلەردە ئوقۇش تارىخى، كېيىنكى ھايات مۇجادىلىلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى. ئەيسا يۈسۈف ئالىپتېكىننىڭ ۋاپاتىغا قەدەر ئۇنىڭ بىلەن بىرگە خىزمەت قىلغان تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مويسىپىتلىرىدىن ھامۇتخان كۆكتۈرك ئەپەندىمۇ ئەسلىمىلىرىنى ئىزھار قىلدى.

ئەيسا يۈسۈف ئالىپتېكىن بىلەن ئىستانبۇلدا 7 يىلدىن ئارتۇق بىرلىكتە خىزمەت قىلغان بۈگۈنكى د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى ئەسلىمىسىدە، ئەيسا يۈسۈف ئالىپتېكىننىڭ سۆز، ھەرىكەت، دېپلوماتىك ئالاقىلاردا دۆلەت ئەربابى كەبى سالاپەتكە ئىگە بىر زات بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ ھاياتىدا نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەربابلىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، تۈركىيە دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە خەلقى ئارىسىدا بۈيۈك نوپۇز ياراتقان ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر شەخس بولغانلىقىنى مىساللىرى بىلەن سۆزلەپ ئۆتتى. ئەيسا يۈسۈف ئالىپتېكىن بىلەن ئىلگىرى بىرلىكتە خىزمەت قىلغان، ھازىر د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بولسا، ئەيسا يۈسۈف ئالىپتېكىننىڭ كىشىلىك پەزىلىتىدىكى راستچىللىق، كەمتەرلىك، پىداكارلىق، مىللەتسۆيەر ئالاھىدىلىكلىرىگە ناھايىتى يۈكسەك باھا بەردى. يىغىنغا ئەيسا يۈسۈف ئالىپتېكىن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، تۈركىيەدىكى «ئەيسا يۈسۈف ئالىپتېكىن ۋەقپى» نىڭ رەئىسى دوكتۇر ئۆمەرقۇلمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇمۇ ئۆز قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى.

2 سائەتتىن ئارتۇق داۋام قىلغان بۇ تور مۇھاكىمە يىغىنىڭ خاتىمىسىدە مەرھۇم ئەيسا يۈسۈف ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ ھەرخىل تىللاردا يېزىپ قالدۇرغان ئەسەرلىرى بىرمۇ-بىر تىلغا ئېلىندى ۋە كىشىلەرنىڭ ئەيسا يۈسۈف ئالىپتېكىنگە باھا بېرىشتىن ئىلگىرى، بۇ ئەسەرلەرنى كۆرۈپ چىقىشلىرى تەۋسىيە قىلىندى.