بۇرسادا ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

17-دېكابىر تۈركىيەنىڭ بۇرسا شەھىرىدىكى تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋاپاتىنىڭ 29 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىكى سىمۋول ئىسىم - ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ۋاپاتىنى خاتىرىلەش كۈنىدە دەپسەندىچىلىك، ئېكسپلاتاتسىيە، ئاسسىمىلياتسىيەگە ئۇچراۋاتقان ئاتا يۇرتىمىز شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنغا بۇرسا تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى پىروفېسسور دوكتور ناجى چاغلار، مۇئاۋىن مۇدىرى بارىش تامەر توڭغۇچ ئەپەندى، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋاپاتىنىڭ 29-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇرسا شەھىرىدىكى تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن دوكلات بېرىش يىغىنىغا بۇرسا شەھىرىدىكى ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتى پىروفېسسورى ئەردەم ئۆزدەمىر ئەپەندىرىياسەتچىلىك قىلدى. 2024-يىلى 17-دېكابىر، تۈركىيە.
مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋاپاتىنىڭ 29-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇرسا شەھىرىدىكى تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن دوكلات بېرىش يىغىنىغا بۇرسا شەھىرىدىكى ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتى پىروفېسسورى ئەردەم ئۆزدەمىر ئەپەندىرىياسەتچىلىك قىلدى. 2024-يىلى 17-دېكابىر، تۈركىيە. (RFA/Erkin Tarim)

يىغىنغا بۇرسا شەھىرىدىكى ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتى پىروفېسسورى ئەردەم ئۆزدەمىر رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن توغرىسىدا توختىلىپ، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق كۆرۈشىدىكى رولىنىڭ ئىنتايىن زور ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ھۆرمەتلىك ئۇنىۋېرسىتېت مۇدىرى، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ سىمۋول ئىسمى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننى خاتىرىلەش ۋە بۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندا تېخىگىچە داۋاملىشىۋاتقان ئىنسانىيەت تىراگېدىيەسىنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېغىر بېسىم سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن بۇ يەرگە جەم بولدۇق. بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان مەكتەپ رەھبەرلىرىگە رەھمەت ئېيىمەن. مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن1995-يىلى 17-دېكابىردا تۈركىيەدە ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇ، پۈتۈن ئۆمرىنى ۋەتىنى ۋە مىللىتىگە ئاتىغان ئۇلۇغ كۈرەشچى، ئۇ، چەت ئەلدە باشلاتقان مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشى بۈگۈن يۇقىرى پەللىگە چىقتى. بۈگۈنكى يىغىنىمىزدا مەرھۇم لىدىرىمىز ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ھاياتىنى يەنە بىر قېتىم ئەسلەپ ئۆتىمىز.»

مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋاپاتىنىڭ 29-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇرسا شەھىرىدىكى تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن دوكلات بېرىش يىغىنىدا ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى پىروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 17-دېكابىر، تۈركىيە.
مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋاپاتىنىڭ 29-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇرسا شەھىرىدىكى تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن دوكلات بېرىش يىغىنىدا ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى پىروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 17-دېكابىر، تۈركىيە. (RFA/Erkin Tarim)

يىغىندا ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى پىروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى «ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ھاياتى ۋە كۈرەشلىرى» تېمىسىدا دوكلات بەردى. ئۇ، دوكلاتىدا ئەيسا ئەپەندىنىڭ ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى پائالىيەتلىرى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بەردى. مەرھۇمنىڭ 95 يىللىق ئۆمرىنىڭ ۋەتەن مىللەت دەۋاسى بىلەن ئۆتكەنلىكىنى، دۇنيادا بولۇپمۇ تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ سىمۋول ئىسمىغا ئايلانغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ، دوكلاتىنىڭ مەزمۇنىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئالىمجان ئىنايەت، ئىككى سائەت داۋاملاشقان يىغىندا بېرىلگەن دوكلاتنى بۇرسا تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرى پىروفېسسور دوكتور ناجى چاغلار ئەپەندىنىڭ باشتىن ئاخىرى ئاڭلىغانلىقىنى ۋە پائالىيەتنىمۇ مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېت رەھبەرلىرىنىڭ ئالاھىدە ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋاپاتىنىڭ 29-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇرسا شەھىرىدىكى تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن دوكلات بېرىش يىغىنىدا مۇزىكا پىروفېسسورى ئەردەم ئۆزدەمىر ئەپەندىنىڭ راۋاب چېلىشى بىلەن رەھىمە مەھمۇد خانىم ناخشا ئورۇنلىماقتا. 2024-يىلى 17-دېكابىر، تۈركىيە.
مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋاپاتىنىڭ 29-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇرسا شەھىرىدىكى تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن دوكلات بېرىش يىغىنىدا مۇزىكا پىروفېسسورى ئەردەم ئۆزدەمىر ئەپەندىنىڭ راۋاب چېلىشى بىلەن رەھىمە مەھمۇد خانىم ناخشا ئورۇنلىماقتا. 2024-يىلى 17-دېكابىر، تۈركىيە. (RFA/Erkin Tarim)

يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان يۆرۈك تۈركلىرى بىرلىكى باش كاتىپى جامال ئاققۇش ئەپەندى تەسىراتىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى: «ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ئىش-ئىزلىرىنى بارلىق تۈرك ياشلىرى ئۆگىنىشى كېرەك. مەن 1990-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئۇنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلىغانىدىم. ئۇ، دۇنيادا ۋە تۈرك دۇنياسىدا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغانىدى. مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا ئۇنىڭ ‹ئاسارەتتىكى شەرقىي تۈركىستان› ناملىق كىتابىنى ۋە ماقالىلىرىنى ئوقۇغانىدىم. ئۇ، زاماندىن باشلاپ›شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى‹گە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىمەن. مەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى قوللاش ۋە تۈركىيە جامائەتچىلىكى ئارىسىدا بۇ مەسىلىگە جىددىي قارايدىغان بىر جامائەت پىكىر پەيدا قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىدىم، دوكلات بەردىم، ماقالىلەر يېزىۋاتىمەن. بىز مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىنلەرنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ياشلارغا ئۆگىتىشىمىز كېرەك.»

يىغىندا ئەنگلىيەدىن كېلىپ بۇ مۇراسىمغا قاتناشقان سەنئەتكار ۋە پائالىيەتچى رەھىمە مەھمۇد خانىم مۇزىكانت ۋە مۇزىكا ئىلمى پىروفېسسورى ئەردەم ئۆزدەمىر ئەپەندىنىڭ دۇتار چېلىشى بىلەن بىر قانچە پارچە ئۇيغۇر ناخشىسى ئورۇنلاپ، يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن 1901-يىلى قەشقەرنىڭ يېڭىسار ناھىيەسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ سۆزى بويىچە، 1949-يىلى «ۋەتەن ئۈچۈن ۋەتەندىن ئايرىلغان». ئۇ، 1954-يىلى تۈركىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقاندىن تارتىپ نۇرغۇن دۆلەتلەرنى ئايلىنىپ يۈرۈپ، «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» نى ئاڭلاتقان. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇ، مۇھاجىرەتتىكى «شەرقىي تۈركىستان كۈرىشى» گە ئاساس سالغان ۋە تۆھپە قوشقان يولباشچىلاردىن بىرى، دەپ قارىلىدۇ. مەرھۇم 1995-يىلى 17-دېكابىر كۈنى 94 يېشىدا ئىستانبۇلدا كېسەللىك سەۋەبىدىن ۋاپات بولغانىدى. ئۇنىڭ قەبرىسى ئىستانبۇل توپقاپى قەبرىستانلىقىدا بولۇپ، ئۇيغۇرلار ھەر يىلى ئۇنىڭ مەقبەرەسىنى زىيارەت قىلىپ، قەبرە بېشىدا قۇرئان تىلاۋەت قىلىشىدۇ.