ئۆمرىنى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ئاتىغان شەخس ئەيسا ئەپەندىنىڭ ھايات سەپىرى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2020-12-21
Share
ئۆمرىنى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ئاتىغان شەخس ئەيسا ئەپەندىنىڭ ھايات سەپىرى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئەپەندىم (سولدا) ۋە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئەپەندىم (ئوڭدا) دالايلاما بىلەن بىرگە. 1950-يىلى.
RFA/Erkin Tarim

20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم سىياسىي ئەربابلاردىن بىرى، پۈتۈن ئۆمرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكىگە ئاتىغان مۇھىم شەخسلەردىن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ۋاپاتىنىڭ 25-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك دەۋاسىغا قوشقان تۆھپىلىرى ئەسلەپ ئۆتۈلدى. ئۆتكەن ھەپتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ مەخسۇس ئەيسا ئالىپتېكىننىڭ ۋاپاتىنىڭ 25 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنىڭ ھايات مۇساپىلىرى ۋە كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىنى ئەسلەش مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن 1901-يىلى قەشقەرنىڭ يېڭىسار ناھىيەسىدە دۇنياغا كەلگەن. خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۇيغۇر دىيارىغا بېسىپ كىرگەن 1949-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئۇ مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا بىلەن بىرلىكتە ۋەتەننى تەرك ئېتىپ، چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن. 1954-يىلى تۈركىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. ئەيسا ئەپەندى 1960-يىلى ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنى، 1985-يىلى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنى قۇرغان. ئەيسا ئەپەندى 1995-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى ۋاپات بولغۇچە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى يولىدا تىنىمسىز كۈرەش قىلغان.

مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ بالىلىق ۋە ياشلىق چاغلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى دادىسىنىڭ جەمەتىنىڭ مانجۇ ۋە خىتاي باسقۇنچىلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئائىلە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «ئەيسا ئەپەندى 1901-يىلى يېڭىساردا دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى يۈسۈپبەگ، ئانىسىنىڭ ئىسمى ئايشەمخان. ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئابدۇللا بەگ ۋە ھۈسەيىن بەگ نامىدا ئىككى ئاكىسى بولغان. ئاكىسى ھۈسەيىن بەگنى شېڭ شىسەي تىرىك كۆمۈپ ئۆلتۈرگەن. دادام ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ دادىسى، يەنى مېنىڭ دادا تەرەپ بوۋىلىرىمدىن تارتىپ، ئانام تەرەپ بوۋىلىرىمنىڭ ھەممىسى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان ئىكەن. ئانام بىلەن دادامنىڭ چوڭ دادىلىرىدىن قاسىم ئېلى شاھھەزرىتىم، سادى ئىشقى بەگ ۋە ھەسەن بەگ قاتارلىق كىشىلەر 1863-يىلى يېڭىساردىكى سىدىق بەگ باشچىلىقىدا مانجۇ باسقۇنچىلىرىغا قارشى كۈرەشكە قاتناشقان ئىكەن. دادامنىڭ چوڭ دادىسى قاسىم مۇھەممەت ئېلى بولسا ياقۇپبەگ بەدۆلەتكىمۇ ئەسكەر بولغان ۋە 1876-يىلى داۋانچىڭلارغىچە بېرىپ جەڭلەرگە قاتناشقان ئىكەن. يېڭىسار خەلقى تەرىپىدىن قاسىم چوڭ دەپ ئاتالغان قاسىم مۇھەممەت ئېلى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ پادىشاھى ئابدۇلئەزىز تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەتىلگەن تۈرك ئوفىتسېرلارنىڭ قولىدىمۇ تەربىيە كۆرگەن ئىكەن».

ئەيسا ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ «ئەسىر شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن كۈرەش» ناملىق ئەسلىمىسىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇ، يۇرتى يېڭىسار ناھىيەسىدە خىتايچە مەكتەپتە ۋە مەدرىسىدە ئوقۇغاندىن كېيىن باج ئىدارىسىدە ئىشلىگەن. ئۇ، 25 ياشقا كىرگىنىدە ئەنجان بىلەن تاشكەنتتىكى خىتاي كونسۇلخانىسىدا تەرجىمان بولۇپ ئىشلەشكە باشلىغان. بۇ جەرياندا غەربىي تۈركىستاندا كوممۇنىست سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان داڭلىق شەخسلەر بىلەن ئۇچراشقان، بۇلار ئۇنىڭ ئىدىيەسىدە زور ئۆزگىرىش پەيدا قىلغان. ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئەيسا ئەپەندىم 1926-يىلى يەنى 26 يېشىدا ئەنجانغا بېرىپ ئۇ يەردە يېڭى ئېچىلغان خىتاي كونسۇلخانىسىدا تەرجىمان كاتىپ بولۇپ خىزمەت باشلايدۇ. كېيىن تاشكەنتكە يۆتكىلىدۇ. كىچىك ۋاقتىدىن تارتىپ ھېچقانداق بىر يەرگە بېرىپ باقمىغان ئەيسا ئەپەندىنىڭ دۇنيا قارىشى پۈتۈنلەي ئۆزگىرىدۇ».

ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى، دادىسىنىڭ تاشكەنتتە ئەينى ۋاقىتتىكى كوممۇنىزمغا قارشى بولغان داڭلىق ئۆزبېك شائىر ۋە يازغۇچىلىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن كۆز-قارىشىنىڭ پۈتۈنلەي ئۆزگەرگەنلىكىنى، كوممۇنىستلارغا بولغان نەپرىتىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «دادامنىڭ دۇنياغا بولغان كۆز-قارىشىنىڭ ئۆزگىرىشىدە ئۇ ۋاقىتلاردا سوۋېت ئىتتىپاقى ھاكىمىيىتىنىڭ قول ئاستىدا بولغان غەربىي تۈركىستاندىكى يازغۇچىلار، سىياسىيونلار ۋە چولپانغا ئوخشاش مەشھۇر شائىرلار بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلار مۇھىم رول ئوينىغان. ئۇلار ئەيسا ئەپەندىگە كوممۇنىست تۈزۈمنىڭ قانداق بىر تۈزۈم ئىكەنلىكىنى، سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن قانداق ئالدانغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستلىرىغا ئىشەنمەسلىكى كېرەكلىكىنى، مىللەتچىلىكنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، خىتاي باش ۋالىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئادەم قېلىپىدىن چىققان سىياسىتىنى نەنجىڭگە بېرىپ خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە شۇنداقلا نەنجىڭدىكى چەتئەللىك دىپلوماتلارغا، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ نەنجىڭدىكى ۋەكىللىرى ۋە ژۇرنالىستلارغا ئاڭلىتىشى كېرەكلىكىنى دېگەن».

ئەركىن ئالىپتىكىن ئەپەندى دادىسى ئەيسا ئەپەندىنىڭ تاشكەنتتىكى زىيالىيلارنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن 1932-يىلى ئۇزۇن ۋە مۇشەققەتلىك سەپەردىن كېيىن نەنجىڭگە يېتىپ بېرىپ دەۋا قىلىشقا ئاتلانغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مۇشۇنداق مەلۇماتلار بىلەن جابدۇنغان ئەيسا ئەپەندى 1932-يىلى ئۇزۇن ۋە مۇشەققەتلىك سەپەردىن كېيىن خىتاينىڭ پايتەختى نەنجىڭگە يېتىپ بارىدۇ. ئۇنىڭ نەنجىڭگە بارغاندىن كېيىن قىلغان خىزمەتلىرىنى مەرھۇم لىدىرىمىز مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئەپەندى 1952-يىلى ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان ‹شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى جۇغراپىيەسى ۋە بۈگۈنكى ۋەزىيىتى› ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: ‹1932-يىلىدىن بۇيان خىتاينىڭ ئىچىدە بولغان شەرقىي تۈركىستانلىق مىللەتچىلەردىن ئەيسا ئەپەندى ئەينى زاماندا خىتايدا تۇرۇۋاتقان يۇرتداشلارنىڭ ياردىمى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنى خىتاي رەھبەرلىرىگە، خىتايدىكى غەرب ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ دىپلوماتلىرىغا ئاڭلىتىشقا تىرىشىدۇ. ئۇلاردıن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن چارە-تەدبىر ئىزدەشنى ۋە ئۆزىگە يار-يۆلەك بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. نەتىجىدە ‹چىنى تۈركىستان ئاۋازى›، ‹خانتەڭرى›، ‹ئالتاي› قاتارلىق ژۇرناللارنى چىقىرىپ، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرىپ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ تونۇلۇشىدا زور رول ئوينىغان›».

ئۇيغۇر تارىخچىسى پولات قادىرى تەرىپىدىن 1948-يىلى ئۈرۈمچىدە نەشر قىلدۇرۇلغان ۋە 2009-يىلى تۈركىيەدە تۈركچە نەشر قىلىنغان «ئۆلكە تارىخى» ناملىق كىتابتا ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ خىتايدىكى پائالىيەتلىرىگە باھا بېرىپ مۇنداق دەپ يېزىلغان: «ئەيسا ئەپەندىم خىتايدا تۇرغان چاغلىرىدا ۋەتىنى ئۈچۈن پايدىلىق بولغان ھەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئالغا باستۇرۇشقا تىرىشتى. ئۇنىڭ خىتاي ئىچىدە خىتاي رەھبەرلىرىگە ۋە چەتئەللىكلەرگە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى، شەرقىي تۈركىستاندىكى شېڭ شىسەيگە ئوخشاش دىكتاتورلارنىمۇ ناھايىتى بىئارام قىلدى. شۇڭا شېڭ شىسەي خىتايدا چىقىۋاتقان چوڭ گېزىتلەرگە ئېلان بېرىپ، ئەيسا ئەپەندىنى ‹ئامېرىكا جاھانگىرلىرىنىڭ جاسۇسى، ياپون مىلىتارىستلىرىنىڭ جاسۇسى› دەپ قارىلاش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان».

ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى تاغىسىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدىكى سەۋەبنىڭ ئەيسا ئەپەندىنىڭ نەنجىڭدىكى پائالىيەتلىرىدىن بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

بىزنىڭ ئەيسا ئەپەندىنىڭ خىتايدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى توغرىسىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەنقەرەدىكى ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ نەنجىڭدىكى ۋاقتىدا، 1941-يىلى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭمۇ كېلىشى بىلەن مەسئۇد سەبىرى بايقوزى قاتارلىق ئۈچ ئەپەندىنىڭ خىتاي پارلامېنتىغا شەرقىي تۈركىستانغا ئالىي ئاپتونومىيە تەلەپ قىلغان خەتنى سۇنغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ نەنجىڭدە چىقارغان «چىنى تۈركىستان ئاۋازى› ناملىق ژۇرنالنىڭ كىرىش قىسمىدا مۇستەقىللىقتىنمۇ سۆز ئاچقانلىقىنى بايان قىلدى ۋە ئەيسا ئەپەندىنىڭ دەۋاغا قوشقان تۆھپىسىگە باھا بەردى.

ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتىكىن ئەپەندى 1945-يىلى ئۇيغۇر دىيارىغا قايتىپ كەلدى ۋە 1949-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ۋەتەننى تەرك ئېتىپ، ھىندىستان كەشمىرگە چىقىپ كەتتى ۋە ئاخىرىدا تۈركىيەدە يەرلەشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت