ئالمۇتادا «ئۇيغۇر تۇغقانلارنىڭ غەيرىي باغچىسى» ماۋزۇسىدا پوئېزىيە كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى

ئالمۇتادىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان تەييارلىدى
2024.08.29
Aziz-Eysa-elkun-almuta-01 ئەزىز ئەيسا ئەلكۈننىڭ ئىجادىيىتىگە بېغىشلانغان ئۇيغۇر تۇغقانلارنىڭ غەيرىي باغچىسى ماۋزۇسىدىكى شېئىرىيەت كېچىلىكىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 25-ئاۋغۇست، ئالمۇتا
RFA/Oyghan

خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇر ۋە باشقىمۇ تۈرك خەلقلىرىنىڭ تىلىنى، مەدەنىيىتىنى، ئەدەبىياتىنى، سەنئىتىنى يوق قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھازىرقى ۋاقىتتا مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆز مىللىي كىملىكىنى، جۈملىدىن ئەدەبىياتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە باشقا خەلقلەرگە تونۇشتۇرۇش ئىشلىرىنىمۇ ئېلىپ بارماقتا.

شۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ بىرى 25-ئاۋغۇست كۈنى ئالمۇتادا بولۇپ ئۆتتى. ئالمۇتا شەھىرىدىكى «101 دۇمپ گاللېري» سەنئەت كۆرگەزمىسى ئۆيىدە «ئۇيغۇر تۇغقانلارنىڭ غەيرىي باغچىسى» ماۋزۇسىدا پوئېزىيە كېچىلىكى ئۆتتى. مەزكۇر كېچىلىك، سەنئەت كۆرگەزمىسى ئۆيىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «يۈكسەل» مىللىي ئانسامبىلىنىڭ كاناي ۋە سۇنايلار بىلەن ئۇيغۇر سازلىرىنى ئورۇنلىشى ھەمدە مېھمانلارنىڭ ئۇسسۇللىرى بىلەن ئېچىلدى.

مەزكۇر كېچىلىك ئۇيۇشتۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى، ياش ژۇرنالىست رامىل ئادىلجان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ پوئېزىيە كېچىلىكى زامانىۋى سەنئەت كۆرگەزمە زالىدا ئاساسىي جەھەتتىن رۇس تىللىق ياشلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتتى. بۇ يەردە ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ باشقىلار ئۈچۈن ئۆتكەنلىكى مەن ئۈچۈن مۇھىمراق بولدى. شۇڭلاشقا بولۇش كېرەك، كېچىلىك كۆپىنچە ئىنگلىز تىلىدا ئۆتتى. چۈنكى ئۇنىڭ قاتناشقۇچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن قەتئىي نەزەر ئىنگلىز تىلىدا شېئىرلارنى ياخشى چۈشەندى. بۇ يەردە ئالمۇتا شەھىرىنىڭ شائىرلىرى، رەسساملىرى، ئالمۇتادا تۇرۇپ ئىشلەۋاتقان، يەنى مەركىزىي ئاسىيانى تەتقىق قىلىۋاتقان چەت ئەللىك مېھمانلار، رۇسىيەدىن كەلگەنلەر بولدى. ئەزىز مەن ئۈچۈن ھەم شائىر، ھەم ئاكا سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ ئاددىيلىقى بىلەن ھۆرمەت قازاندى. ئۇنىڭ كۆپ قىرلىق ئەسەرلىرى پوئېزىيەنى ھەقىقەتەن چۈشەنگەن بارلىقىمىز ئۈچۈن قىزىق ۋە مەزمۇنلۇق بولدى، دەپ ئويلايمەن.»

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈننىڭ ئىجادىيىتىگە بېغىشلانغان ئۇيغۇر تۇغقانلارنىڭ غەيرىي باغچىسى ماۋزۇسىدىكى شېئىرىيەت كېچىلىكىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 25-ئاۋغۇست، ئالمۇتا
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈننىڭ ئىجادىيىتىگە بېغىشلانغان ئۇيغۇر تۇغقانلارنىڭ غەيرىي باغچىسى ماۋزۇسىدىكى شېئىرىيەت كېچىلىكىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 25-ئاۋغۇست، ئالمۇتا
RFA/Oyghan

مەزكۇر كېچىلىكتە لوندوندىن كەلگەن شائىر ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن 2023-يىلى ئىنگلىز تىلىدا نەشر قىلغان «ئۇيغۇر شېئىرلىرى» ناملىق كىتابىنى تونۇشتۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ شېئىرىي ئىجادىيىتى ھەققىدىمۇ مەلۇماتلار بېرىلگەن. ئەزىز ئەيسا يەنە ئۆز شېئىرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلدى.

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر كېچىلىك ھەققىدە مۇنداق دېدى: «بۇ پائالىيەتكە يازغۇچىلار، شائىرلار، تۈرلۈك مىللەتلەر بولۇپ، خېلى كۆپ كىشىلەر قاتناشتى. ئۇنىڭدا مەن 2023-يىلى نەشر قىلىنغان ‹ئۇيغۇر شېئىرلىرى› ناملىق توپلامدىن شېئىرلارنى ئوقۇدۇم ۋە بۇ كىتابنى تونۇشتۇردۇم. جۈملىدىن مەن ئوقۇغان شېئىرلار ئارقىلىق ئۇيغۇر شائىرلىرى، يازغۇچىلىرى دۇچ كەلگەن قىسمەتلەرنى تونۇشتۇردۇم. شېئىرلارنىڭ ھەممىسى ئىنگلىز تىلىدا، ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇلدى ۋە رۇسچىغا تەرجىمە قىلىندى. كېيىن بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان بىرقانچە كىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە سوئاللار سورىدى، سۆھبەتلەر بولدى. بۇ پائالىيەتتە يەنە رەسىم كۆرگەزمىسىمۇ بىللە بولدى. ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى قىسمەتلىرى سىزما، رەسىم شەكلىدە ناھايىتى جانلىق ئىپادىلەنگەن.»

 بۇ كېچىلىكنىڭ سەنئەت كۆرگەزمىسىگە ياش رەسساملار، شائىرلار قاتناشقان بولۇپ، ئۇلارمۇ ئەزىز ئەيسا ئەلكۈننىڭ ئىجادىيىتىدىن ئالغان تەسىراتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇلارنىڭ بىرى دىلشات ئارىپوف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «مەن بۇ پائالىيەتكە ئۇنىڭ ماۋزۇسىنىڭ مەن بىلەن ئالاقىدار بولغانلىقى ئۈچۈن كەلدىم. مېنىڭ بوۋام شائىر بولغان. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بۇ پائالىيەت قانداق ئۆتىدىكىن دەپ قىزىقتىم. ماڭا ئىنتايىن ياقتى. چۈنكى ئۇچرىشىش ماۋزۇ دائىرىسىدە، يۇقىرى كەيپىياتتا ئۆتتى. ھەتتا ئەزىز ئاكىنىڭ ئوقۇغان شېئىرلىرى مېنى كېلەچەكتە ئۆزۈمنىڭ شېئىرلار توپلىمىمنى چىقىرىشقا بەك ئىلھاملاندۇردى. مەن ئۆزۈم ئالەمشۇمۇل ماۋزۇلارغا يېزىشنى ياقتۇرىمەن. مېنىڭچە، پوئېزىيە ۋە تەسۋىرىي سەنئەت بىر-بىرى بىلەن زىچ باغلانغان. بۇ پائالىيەتتە ماڭا ئەڭ كۆپ ياققىنى ئۇيغۇر مۇزىكىسى، جۈملىدىن ئەيسابەك مامۇتنىڭ مۇزىكىسى ياڭراپ تۇرغان سىنئالغۇ بولدى. ئۇنىڭدا مەن يېڭى تونۇشلارنى تاپتىم ۋە ئالاقە ئورناتتىم.»

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈننىڭ ئىجادىيىتىگە بېغىشلانغان ئۇيغۇر تۇغقانلارنىڭ غەيرىي باغچىسى ماۋزۇسىدىكى شېئىرىيەت كېچىلىكىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 25-ئاۋغۇست، ئالمۇتا
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈننىڭ ئىجادىيىتىگە بېغىشلانغان ئۇيغۇر تۇغقانلارنىڭ غەيرىي باغچىسى ماۋزۇسىدىكى شېئىرىيەت كېچىلىكىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 25-ئاۋغۇست، ئالمۇتا
RFA/Oyghan

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياش شائىر ئىۋان پولتوراتسكىي ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر شائىرى ئەزىز ئەيسا بىلەن ئاجايىپ بىر ئۇچرىشىش بولۇپ ئۆتتى. بىرىنچىدىن، ئۇنى ئۇزۇن ئالتۇن كانايلار بىلەن پۈتۈنلەي ئوركېستىر بولۇپ قارشى ئالدى. ئۆز شائىرلىرىنى مانا مۇشۇنداق ياخشى كۆرۈش كېرەك ھەم ھۆرمەتلەش كېرەك. بۇنىڭدا پەقەت ئۇيغۇرلاردىن ئۈلگە ئېلىش لازىم. ئىككىنچىدىن، ئەزىز ئەيسانىڭ پوئېزىيەنى چوڭقۇر چۈشىنىشى، ئۇنىڭ ئىنچىكە ئوي-پىكىرلىرى، ئۇنىڭ ئوقۇغان تەسەۋۋۇپ مەزمۇنىدىكى شېئىرلىرى مېنى ھەيران قالدۇردى. ئۈچىنچىدىن، ئۇچرىشىشتا كۆتۈرۈلگەن مەسىلىلەر بارلىقىمىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىمدۇر. سەۋەبى ئۇيغۇر خەلقى تۈرمىدە يېتىپ، ناھايىتى ئازابلىنىۋاتىدۇ. بىر پۈتۈن خەلق ھازىر يىغىۋېلىش لاگېرىدا. بىزنىڭ قولىمىزدىن كېلىدىغىنى مۇشۇ ھەقتە سۆزلەش. بۇ خەلقنىڭ قەدىمىي مەدەنىيىتى شۇ خەلق بىلەن بىللە ھاياتىنى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ ئىنتايىن پاجىئەلىك ئەھۋال. شۇنى ئېيتقۇم كېلىدۇكى، بارلىق سىياسىي مەھبۇسلارغا ئەركىنلىك بېرىلسۇن! پوئېزىيە مۇشۇنىڭ ئۈچۈنمۇ كېرەك. بىز بىر-بىرىمىزنى، مۇھەببەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشىمىز لازىم.»

ئىگىلىشىمىزچە، ئەزىز ئەيسا ئەلكۈننىڭ «ئۇيغۇر شېئىرلىرى» ناملىق كىتابى ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندىكى پىنگىۋىن نەشرىياتىدا ئۆتكەن يىلى يورۇق كۆرگەنىدى. ئۇ ئامېرىكا، كانادا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدە رەسمىي تارقىلىشقا باشلىغان. 272 بەتلىك بۇ كىتاب تور ئارقىلىقمۇ تارقىتىلىپ، سېتىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.