ئادۋوكات جىرومى كارسېنتى: «فىرانسىيە تۇپراقلىرىدا ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان ھەر قانداق شەكىلدىكى ھۇجۇمنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز نۇرئىمان تەييارلىدى
2024.05.25
qara-van-kishiler گۈلباھار جېلىلوۋا خانىمنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدا توختىتىپ قويۇلغان قارا رەڭلىك ماشىنا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا تۇرغان قارا كىيىملىك ئادەملەر. 2024-يىلى 8-ماي، پارىژ
دىلنۇر رەيھان

فىرانسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتىگە ۋە ئۇلارنىڭ فىرانسىيەدىكى پائالىيەتلىرىگە پاراكەندىچىلىك قىلىۋاتقانلارنىڭ خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىغا چېتىشلىق ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى دەرھال بۇ ۋەقەنى قانۇنىي يول ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىشقا تەييارلانغان. ئۇلار يېقىنقى يىللاردىن بۇيان فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ۋە سىياسىي پائالىيەتلەرگە قىلىنغان ھۇجۇملارغا ئائىت بارلىق دەلىل-ئىسپاتلارنى توپلاپ، 22-ماي كۈنى پارىژ سوت مەھكىمىسىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە قاراتقان دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشىنى تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلىپ ئەرز سۇنغان.

ئۇلار ئارقىدىنلا يەنى 23-ماي كۈنى، ئىزچىل خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچراپ كەلگەن لاگېر شاھىتى گۈلباھار جېلىلوۋا خانىم ۋە ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ مەسئۇلى دىلنۇر رەيھان ۋە مەزكۇر دېلونىڭ ئادۋوكاتى جىرومى كارسېنتى (Jérôme KARSENTI) قاتارلىقلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن سۇنۇلغان ئەرز ھەققىدە مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن.

دىلنۇر رەيھان خانىمنىڭ بۇ ھەقتە رادىيومىزغا ئېيتىشىچە، بۇ ئەرزنىڭ مەزمۇنى پەقەت خىتاي خەۋپسىزلىك خادىملىرىنىڭ 8-ماي كۈنىدىكى گۈلباھار جېلىلوۋا خانىمغا قارىتىلغان ھەرىكىتى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى 5-ماي كۈنىدىكى نامايىشقا بېسىپ كىرگەن يوچۇن قارا تەنلىك ياشلار ۋە يىللاردىن بېرى گۈلباھار جېلىلوۋا ۋە دىلنۇر رەيھان خانىمغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان پاراكەندىچىلىكلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «دۇنيا» گېزىتى 18-ماي كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، 8-ماي كۈنى گۈلباھار جېلىلوۋانىڭ ئۆيىنى كۆزەتكەن كىشىلەرنىڭ خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىغا تەۋە كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغانىدى. فىرانسىيە ئىچكى خەۋپسىزلىك باش ئىدارىسى (DGSI) بىلەن پارىژ ساقچى ئىدارىسى «دۇنيا» گېزىتىگە بەرگەن مەلۇماتىدا گۈلباھار جېلىلوۋا قاتارلىق پارىژدىكى ئۇيغۇر سىياسىي مۇساپىرلىرىغا قارىتىلغان «قورقۇتۇش ھەرىكىتى» دە، خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىغا تەۋە كىشىلەرنىڭ قولى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر ماقالە چىققاندىن كېيىن، پارىژدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئۆزىنىڭ تور بېتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، «دۇنيا» گېزىتىنى «يالغان خەۋەر بەردى» دەپ ئەيىبلىگەن.

ئادۋوكات جىرومى كارسېنتى ئەپەندى رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى ئېلخەت ئارقىلىق قوبۇل قىلدى. ئۇ خېتىدە مەزكۇر ئەرز ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ مۇنداق دەپ يازغان: «بۇ ئەرزدە خىتاينىڭ نۇرغۇن ئەرز قىلغۇچىلارغا يىللاردىن بېرى سالغان پاراكەندىچىلىكىگە دائىر كۆپلىگەن پاكىتلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مەسىلەن [نامەلۇم كىشىلەر] 2019-يىلى ئىستانبۇلدا گۈلباھار جېلىلوۋانى تۇتقۇن قىلماقچى بولغان. بۇ يىل 8-ماي كۈنى يەنە [ئوخشاش كىيىنگەن بىر توپ كىشىلەر] قارا ماشىنا بىلەن ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كەلگەن. ھەتتا خىتايچە ئېلان تاختىسى ئېسىلغان بىر قارا ماشىنا دىلنۇر رەيھان خانىمنىڭمۇ ئىزىغا چۈشكەن. خىتاي تەرەپ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاشكارىلاۋاتقان پائالىيەتچىلىرىنى قاتتىق قورقۇتۇش، يەنى تېررورلۇق ۋەھىمىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىش دەرىجىسىدە تەھدىت سالغان. فىرانسىيە جىنايى ئىشلار قانۇنى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى باستۇرۇش توغرىسىدىكى جەنۋە ئەھدىنامىسىنى نىشان قىلغان شىكايىتىمىزدە مۇنداق دېيىلدى: ‹مەلۇم بىر توپلۇقنىڭ پىسخىكىسىغا ھۇجۇم قىلىش، جۈملىدىن چەتئەل تۇپرىقىدا يەنى فىرانسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتىگە قىلىنغان بۇ پىسخىكىلىق ھۇجۇم ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىر پارچىسىنى تەشكىل قىلىدۇ.› شۇڭا بىز فىرانسىيە زېمىنىدىكى ئۇيغۇر پۇقرالىرىنىڭ پىسخىكىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان ۋە قىلىۋاتقان بارلىق خىتاي دائىرىلىرى ئۈستىدىن ئەرز سۇندۇق.»

ئۇ، رادىيومىزغا يوللىغان ئېلخېتىدە «دۇنيا» گېزىتىنىڭ گۈلباھار جېلىلوۋانىڭ ئۆيىنى كۆزەتكەن 9 كىشىنىڭ خىتاينىڭ پارىژدىكى باش ئەلچىخانىسىغا چېتىشلىق خىتاي پۇقراسى ئىكەنلىكىگە ئائىت ئۇچۇرلارنى پارىژ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىدىن ئالغانلىقىنى يازغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار سوت مەھكىمىسىگە سۇنغان ئەرزىدە يەنە، بۇ 9 كىشى ھەققىدە تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

دىلنۇر رەيھان خانىم خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا، بولۇپمۇ فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا قىلغان پاراكەندىچىلىكىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئۆزلىرىنىڭ يىللاردىن بىرى پاراكەندىچىلىككە ئۇچراپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ نېمە ئۈچۈن ھازىر ئەرز سۇنغانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى.

ئادۋوكات جىرومى كارسېنتى ئەپەندى مەزكۇر دېلونىڭ قانۇنى تەرتىپى ھەققىدە مۇنداق دەپ يازغان: «بىز ئەرز قىلمىساق، تەپتىش مەھكىمىسى ھېچقانداق تەكشۈرۈش باشلىمايدۇ. بۇ پاراكەندىچىلىكنى سادىر قىلغانلاردا شۇنداق بىر جازالانماسلىق تۇيغۇسى باركى، شۇڭا ئۇلار ھېيىقماستىن كۈپكۈندۈزدە يوشۇرماي شۇنداق قىلىشقا پېتىنغان. بىزنىڭ ئەرزىمىز مۇشۇنداق ئېغىر دەپ قارىغان ۋەقەلەرگە دىققەت تارتىشنىمۇ مەقسەت قىلىدۇ. تەكشۈرۈشنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى ۋە مۇشۇ شەكىلدىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىشى ئىنتايىن مۇھىم. خىتاينىڭ خىتايدا باشلانغان ۋە خىتاي چېگراسىدىن ھالقىغان باستۇرۇش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق، ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىماستىن فىرانسىيە تۇپراقلىرىدا باستۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشى ئەستايىدىل تەكشۈرۈلۈشى كېرەك. شۇڭا بىز ئەرز سۇندۇق، ئەگەر ئەستايىدىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلمىسا، بىز ئۈچ ئاي ئىچىدە بۇ ئىشنى مۇپەتتىشكە ئەۋەتىمىز. بىز جىنايەتچىلەرنىڭ سالاھىيىتىنىڭ ئېنىقلىشىنى ۋە ئۇلارغا قارىتا سوت ئېچىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

ئۇ يەنە ئاخىرىدا مۇنداق دەپ يازغان: «بىز يەنە فىرانسىيەنىڭ جامائەت پىكىرى، سىياسىي ۋە ئەدلىيە ئورگانلىرىنى فىرانسىيەنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە ھۇجۇم قىلىدىغان بۇ قوبۇل قىلغىلى ۋە چىداپ تۇرغىلى بولمايدىغان ئەھۋاللارغا سەزگۈر بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ خىل ھۇجۇملارغا چوقۇم خاتىمە بېرىلىشى كېرەك!»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.