فرانسىيە ھۆكۈمىتى سېربىيەدە قاپسىلىپ قالغان ياش ئۇيغۇر شائىرى مەردان ئەخەتئەلىگە پاناھلىق بەرگەن

0:00 / 0:00

يېقىنقى 2 يىلدىن بېرى سېربىيەدە قاپسىلىپ قالغان ياش ئۇيغۇر شائىرى، «دۆلەت»، «ئورتاق كېچىلەر» ناملىق شېئىرلارنىڭ ئاپتورى مەردان ئەخەتئەلى فرانسىيەنىڭ بېلگرادتىكى ئەلچىخانىسىنىڭ پاناھلىق بېرىشى بىلەن ئۆتكەن ھەپتە فرانسىيەگە يېتىپ كەلگەن. «ئورتاق كېچىلەر» ناملىق شېئىرى 2015-يىلى ئامېرىكالىق شائىر ۋە تەرجىمان جاشۇئا فرېمەن تەرىپىدىن ئېنگىلىزچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ئامېرىكادىكى «ئاسىمپتوت» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان مەردان ئەخەتئەلىنىڭ پاناھلىققا ئېرىشىشىدە فرانسىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ۋە ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقى مەلۇم.

ئۇ 10-مارت كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ سېربىيەدىكى ئىككى يىللىق كەچمىشىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2016-يىلى گرېتسىيە كونتروللۇقىدىكى سېپرۇسقا ئوقۇشقا چىققان مەرداننىڭ 2017-يىلدىن باشلاپ خوتەندىكى ئائىلىسى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلگەن. بۇنىڭ بىلەن ئىقتىسادى قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن مەردان ئوقۇشنى تاشلاپ، ئۆزىنىڭ ياپونىيە ۋە ئىسپانىيەدە تۇرۇشلۇق ئىككى دوستى بىلەن «نون ۋۇ» ناملىق مۇزىكا ئەترىتى قۇرغان. مەردان ئەخەتئەلىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار 2018-يىلى سېربىيە پايتەختى بېلگراد شەھرىگە كېلىپ، كەچلىك كۇلۇبلاردا مۇزىكا چېلىش بىلەن شۇغۇللانغان ئىكەن.

مەردان ئەخەتەلى مۇنداق دېدى: «سېربىيەگە بىز مېنىڭ ئىككى مۇزىكانت ئاغىنەم بىلەن ئويۇن قويۇش ئۈچۈن بارغان ئىدۇق. ‹نون ۋۇ› دەپ بىر مۇزىكا گۇرۇپپىمىز بار ئىدى ئېلىكترونلۇق مۇزىكا چالىدىغان. مەن بۇ گۇرۇپپىنىڭ يېزىقچىلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىدىم. گۇرۇپپىمىزدىكى بىرسى ھەسەن روك دېگەن ئىسپانىيەدىكى گىتار چالىدىغان بۈدۈر چاچ ئۇيغۇر بالا. يەنە بىرسى، ئىرپان تۇغرۇل ئىسمىدىكى ھازىر بۇياققا يېنىپ كەلگەن بالا. خىتاي پاسپورتىغا سېربىيە ۋىزىمىز بار بولۇپ، بىز ئەلبۇمىمىزنى مۇشۇ يەردە چىقىرايلى دەپ كەلگەن ئىدۇق.»

بىراق ھەممە پىشكەللىك مەردان بىلەن ئىرپان تۇغرۇلنىڭ بىر كۈنى پاسسپورت، كىملىكى، كرىدېت كارتلىرىنى پويىزدا يۈتتۈرۈپ قويۇشى بىلەن باشلىنىدۇ. مەردان ئەخەتئەلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سېربىيە ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ 2 ھەپتە ئىچىدە چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغان. بېلگرادتىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئۇنىڭغا يېڭى پاسپورت ئىشلەپ بەرگەن بولسىمۇ، بىراق ئارقىدىن ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ، پاسپورتنى قايتۇرۇپ بېرىشىنى، ئۇنىڭ شىنجاڭغا قايتىپ پاسپورتنى شۇ يەردە ئىشلىتىشىنى بىلدۈرگەن.

مەردان ئەخەتئەلى مۇنداق دېدى: «سېربىيەدە ئىشلار ياخشى راۋاجلانغان، لېكىن ئىككىمىز پاسپورتىمىزنى يۈتتۈرۈپ قويدۇق. ئۇ يەردە قالدۇق ھېچيەرگە چىقالماي. ئىككىمىزنىڭ پاسپورتى بىر سومكىدا ئىدى، سومكىنى ترامۋايدا يۈتتۈرۈپ قويدۇق. بىراق خىتاي كونسۇلخانىسىغا بېرىشتىن ئەنسىرەپ باشقىلاردىن ياردەم ئىزدىگەن بولساقمۇ، لېكىن سېربىيە سىياسى پاناھلىق بەرگەن تەقدىردىمۇ، سىز سېربىيەدىن مەڭگۈ ئايرىلالمايدىكەنسىز. ئۇلار يەنە سىزگە پۇقرالىق بەرمەيدىكەن. بىزنى بىر قېتىم ساقچىلار تۇتۇۋېلىپ، سوتتا 15 كۈن ئىچىدە چىقىپ كېتىشىمىزنى تەلەپ قىلدى. ئاخىرى خىتاي كونخۇلخانىسىغا بېرىشنى قارار قىلدۇق.»

فرانسىيەدىكى شەرقشۇناسلارنىڭ قارشىچە، ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئەھۋالدا فرانسىيەنىڭ مەردان ئەخەتئەلىدەك ياش شائىر-سەنئەتچىلەرگە پاناھلىق بېرىشى مۇھىم ئىكەن. فرانسىيەلىك ئاتاقلىق خىتايشۇناس مارىيە خولىزمان خانىم 10-مارت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ: «فرانسىيە ھازىر يەنە بىر ئۇيغۇر يازغۇچى مەردان ئەخەتئەلىگە پاناھلىق بەردى. ئۇ بىر ھەپتە ئاۋۋال پارىژغا يېتىپ كەلدى. ئۇنىڭ مەسىلىسى بولۇپمۇ فرانسىيە ئۈچۈن مۇھىم،» دەپ كۆرسەتتى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، فرانسىيەدىكى بىر گۇرۇپپا سىياسىي مۇساپىرلار نامىغا بىر خاتىرە ئۆي قۇرۇشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، بۇ گۇرۇپپا بۇ يەرگە كېلىپ، يېڭى تۇرمۇشقا ماسلىشىش، سالامەتلىك، ھەر خىل روھى ئىزتىراپلاردىن قۇتۇلۇپ ئەسلىگە كېلىشكە ئېھتىياجلىق سىياسى مۇساپىرلارنىڭ تىزىملىكى بىلەن تەمىنلەشنى ئۇنىڭغا ھاۋالە قىلغان ئىكەن. خولىزمان خانىم، مەردان ئەخەتئەلىنىڭ بۇنىڭغا ئەڭ مۇۋاپىق نامزات ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە ئۇيغۇرلار بىلەن ئارلىشىش جەريانىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىنى چۈشەنگەنسېرى، بۇ مەدەنىيەتنىڭ قانچىلىك ئۇلۇغ ۋە مۇكەممەلىكىنى ھېس قىلغانلىقى قەيت قىلدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، فرانسىيە ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئادەم كۈچىگە ئېھتىياجلىق ئىكەن.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇنىڭ ئۈچۈن سىز تىل ۋە مەدەنىيەت ئوقۇتۇش تەجىربىسى ھەمدە مول مەدەنىيەت مىراسىغا ئىگە كىشىلەرگە ئېھتىياجلىق. بۇنداق كىشىلەر بولمىسا، بۇنى قىلالمايسىز. شۇڭا مەن يېڭى كەلگەنلەردىن خوش بولدۇم. ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداپ قېلىشقا ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن سىرتتىن كۆزەتكۈچى بولۇش سۈپىتىدە شۇنىمۇ ئېيتالايمەنكى، مەن ئۇيغۇر دوستلىرىم بىلەن پاراڭلاشقانسېرى، ئۇلارنىڭ قانچىلىك نەرسىلەردىن ئايرىلىپ قالغانلىقى، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ قانچىلىك ئۇلۇغ، تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ قانچىلىك مۇكەممەل، پۇلى ئاز بولسىمۇ، ئۆيىنى قانداق تۇتۇدىغانلىقى، قانداق مەشرەپ ئۆتكۈزىدىغانلىقى، ئۇسۇل، مۇزىكا، كونكسېرت ۋە شېئىر دېكلىماتىسىيە قىلىشلىرىنى ھېس قىلىمەن…مەن ئۆزۈممۇ ھېچقانچان بۇنداق يېتىشكەن مول مەدەنىيەت مۇھىتىدا ياشاپ باقمىغان.»

فرانسىيەدىكى ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە ئىجرائىيە دېرىكتورى دىلنۇر رەيھاننىڭ ئېيتىشىچە، ھازىرقى فرانسىيەنىڭ سىياسىتى فرانسىيەگە كەلگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قايتۇرماسلىق ئىكەن. دىلنۇر رېيھان مۇنداق دېدى: «فرانسىيەنىڭ ئۇيغۇرلار كەلگەن 20 يىلدىن بېرى ئۇلارنى قايتۇرۇپ باققان ئەھۋالى يوق دىيەرلىك. بولۇپمۇ يېقىنقى 5 يىلدىن بېرى تېخىمۇ يوق. 2019-يىلى مەن فرانسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنداشلىق ئىشى توغرىسىدا كۆرۈشكەندىمۇ ۋەتەنداشلىققا ئۆتۈشنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىپلا قالماي، كەلگەن مۇساپىر ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقايسسىىنى قايتۇرماسلىققا ۋەدە بەرگەن ئىدى.»

مارىيە خولىزمان خانىمنىڭ قارشىچە، فرانسىيەدە پاناھلىق تەلەپ قىلغان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ سانى ناھايىتى چەكلىك بولۇپ، ئۇنىڭ كۆلىمى فرانسىيە ئۈچۈن بىر مەسىلە ئەمەس ئىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ھازىرچە سان بىز ئۈچۈن بىر مەسىلە بولمىدى. بۇ يەردە ساناقلىق بىرقانچىلا مۇساپىر بار. ئۇلارنىڭ مەسىلىسى تېز ھەل بولىدۇ. ئۇلار سىياسىي پاناھلىقى قوبۇل قىلىنىپ، ئىقتىسادى ياردەمگە ئېرىشىشى، پارىژدىكى ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىلىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىلىشىدە گەپ يوق. شۇڭا بۇ ساندىكى مەسىلە ئەمەس. مەن يۈزلىگەن ئۇيغۇرنى غەرب ئەللىرىگە بىراقلا كېلىپ پاناھلىق سورايدۇ، دەپ قارىمايمەن.»

دېگەندەك فرانسىيە ئۇيغۇرلارغا سىياسى پاناھلىق بەرسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ فرانسىيەگە قانداق بېرىشى باشقا بىر مەسىلە. ھەممە ئۇيغۇرنى مەردان ئەخەتئەلىدەك «تەلەيلىك» دېگىلى بولمايدۇ. ئەركىنلىك ۋە بىخەتەرلىك ئىزدەپ يولغا چىققان، بىراق غەربتىكى دۆلەتلەرگە بېرىش سەپىرىدە تۇتۇلۇپ قېلىپ، كەلگەن دۆلىتىگە ياكى خىتايغا قايتۇرۇۋېتىلگەن ئۇيغۇرلار ئاز ئەمەس. سەئۇدى ئەرەبىستانغا ھەجگە بارغان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، خىتايغا قايتۇرۇش خەۋپىدە قېلىشى، مالايسىيانىڭ يېقىندا 3 ئۇيغۇرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى، تۈركىيەنىڭ بەزى ئۇيغۇرلارنى مەخپىي خىتايغا قايتۇرۇۋېتىشى، بۇنىڭ تىپىك ئۆرنەكلىرىدۇر.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قوغداشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىسى دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ قانۇن چىقىرىپ، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى سىستېمىلىق قوبۇل قىلىش ئىكەن. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئىككى نەپەر ئەزاسى ئۆتكەن ھەپتە «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش قانۇن لايىھەسى» سۇنۇپ، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى ئامېرىكاغا قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلغان. قانۇن لايىھەسىنىڭ بۇ ھەپتە ئىچىدە دۆلەت مەجلىسىگە سۇنۇلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.