شى جىنپىڭ فىرانسىيەگە يېتىپ كېلىشى بىلەنلا كۈچلۈك قارشىلىققا ئۇچرىدى
2024.05.05
خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 5-ماي كۈنى ياۋروپا زىيارىتى ئۈچۈن فىرانسىيەگە يېتىپ بارغان. شى جىنپىڭ فىرانسىيەگە يېتىپ كەلگەن كۈنى فىرانسىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۇيغۇر ۋە تىبەت پائالىيەتچىلىرى شى جىنپىڭنىڭ فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىنىشىغا قارشى نامايىش ئېلىپ بارغان.
فىرانسىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان فىرانسىيەلىكلەر ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن پارىژدىكى ئەڭ مەشھۇر ئورۇنلارنىڭ بىرى بولغان «مادۆلەن» مەيدانىدا تىياتىر خاراكتېرلىك نامايىش ئۆتكۈزگەن. ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتنىڭ مەسئۇلى دىلنۇر رەيھان خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار 3-ماي كۈنى مەزكۇر نامايىش ھەققىدە مەخسۇس مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچقان. مەزكۇر يىغىندا دىلنۇر رەيھان، لاگېر شاھىدى گۈلباھار خاتىۋاجى، سابىق پارلامېنت ئەزاسى ئاندرې گاتتولىن (André Gattolin) ۋە فىرانسىيەنىڭ مەتز شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تەشكىللەنگەن ياشلار كوللېكتىپىنىڭ مەسئۇلى ئانتونى ئانستېت (Anthony Anstett) قاتارلىقلار مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن. فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكروننىڭ شى جىنپىڭنى كۈتۈۋېلىشى ھەققىدە ئىشلەنگەن خەۋەرلەردە فىرانسىيە ئۇيغۇرلىرىنىڭ بۇ كۈتۈۋېلىشقا بولغان نارازىلىقىغا كەڭ ئورۇن بېرىلگەن. «مادۆلەن» مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلغان نامايىشقىمۇ فىرانسىيەدىكى كۆپلىگەن تاراتقۇلار توپلانغان. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا مەزكۇر نامايىش ھەققىدە بېرىلگەن ۋىدىيولارغا قارىغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ تىنچ نامايىشى خىتاي مىللەتچىلىرىنىڭ ھەر خىل شەكىلدىكى پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىغان.
دىلنۇر رەيھان خانىم نامايىش ۋە نامايىشتا خىتاي مىللەتچىلىرىنىڭ سالغان پاراكەندىچىلىكلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ھەتتا كىملىكى نامەلۇم بولغان، يۈزلىرىگە ماسكا تاقىۋالغان بىر تۈركۈم قارا تەنلىك ياشلار قوللىرىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ يۈزىگە بەلگە ئۇرۇلغان رەسىمىنى كۆتۈرۈپ، نامايىش مەيدانىغا بۆسۈپ كىرگەن.
نامايىشقا قاتناشقان لاگېر شاھىتلىرىدىن گۈلباھار خاتىۋاجى ۋە گۈلباھار جېلىلوۋامۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، نامايىشقا يەرلىك فىرانسىيەلىك ياشلار ئۇيغۇرلاردىن كۆپرەك كەلگەن بولۇپ، ئۇلار نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنى خىتاي مىللەتچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغدىغان.
گۈلباھار خاتىۋاجى ۋە گۈلباھار جېلىلوۋا خانىملار ئايرىم-ئايرىم ھالدا شى جىنپىڭنىڭ فىرانسىيەگە كېلىشى ھەققىدە ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.
خىتاي مىللەتچىلىرىنىڭ ۋە نامەلۇم كىشىلەرنىڭ نامايىش مەيدانىغا تۇيۇقسىز بۆسۈپ كىرىشى لاگېر شاھىتلىرىغا لاگېردىكى خىتاي ساقچىلارنىڭ رەھىمسىز مۇئامىلىسىنى ئەسلەتكەن بولۇپ، ئۇلار فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكروننىڭ شى جىنپڭنى كۈتۈۋېلىشىنى ئۆزلىرىگە قىلغان ھاقارەت دەپ ھېس قىلغان.
زىيارىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا، دىلنۇر رەيھان بىلەن ئىككى لاگېر شاھىتى ئۆزلىرىنىڭ فىرانسىيە پۇقراسى بولۇش سۈپىتى بىلەن پىرېزىدېنتى ماكروندىن كۈتىدىغان تەلەپلىرىنى ئايرىم-ئايرىم ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار نەچچە قېتىم فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما ماكرون ئۇلارنىڭ تەلىپىنى تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن رەت قىلغان. لاگېر شاھىتلىرى ماكروننىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەسىلىلەردە خىتاي تەرەپنىڭلا سۆزلىرىنى ئاڭلىماستىن، بەلكى لاگېر شاھىتى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ قورقۇنچلۇق كەچمىشلىرىنى ئاڭلاپ، ئاندىن فىرانسىيە خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە ئەستايىدىل قارار چىقىرىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.
ماكرون 2-ماي كۈنى ئېلان قىلىنغان «ئىقتىسادشۇناس» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، «خىتاينى خەلقئارا تەرتىپنىڭ مۇقىملىقىغا دەۋەت قىلىش بىزنىڭ مەنپەئەتىمىز ئۈچۈن پايدىلىق، بىز چوقۇم خىتاي بىلەن تىنچلىق ئورنىتىشىمىز كېرەك» دېگەن.
رەسمىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 6-مايدىن 10-مايغىچە فىرانسىيە، سېربىيە ۋە ۋېنگىرىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە زىيارەتتە بولىدىكەن.