فىرانسىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئېتىراپ قىلىنغان بىر يىلدىن بۇيان نېمىلەر بولدى؟
2023.01.20
18-يانۋار كۈنى فىرانسىيە سوربون ئۇنىۋېرسىتېتى مەدەنىيەت بىناسىدا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ فىرانسىيە پارلامېنتىدا ئېتىراپ قىلىنغانلىقىنىڭ بىر يىللىق خاتىرىسى: خۇلاسە ۋە پىلانلار» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن.
ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ يىغىن ئىككى قىسىمغا بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئالدىنقى قىسمىدا ئالدىنقى يىللاردىكى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەر ئەسلەپ ئۆتۈلگەن. كېيىنكى قىسمىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن بۇنىڭدىن كېيىن ئېلىنىدىغان قەدەملەر ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا سۇنۇلغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى» ھەققىدە مۇزاكىرە بولۇپ ئۆتكەن.
2022-يىلى 20-يانۋار كۈنى فىرانسىيە پارلامېنتى 1 گە قارشى 169 ئاۋاز بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇمىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتكەن ھەمدە بۇ قارار فىرانسىيە پرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننىڭ پارتىيەسىنىڭمۇ قوللىشىغا ئېرىشكەن ئىدى.
مەزكۇر يىغىننىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەر ۋە ئېتىراپ قىلىنغان بىر يىلدىن بۇيانقى خۇلاسە قىسمىدا، لاگېر شاھىتى گۈلباھار جېلىلوۋا بۇ قارار لايىھەسىنى ئۆتكۈزۈشكە باشلامچىلىق قىلغان سوتسىيالىستلار پارتىيەسىنىڭ باشلىقى ئولىۋىيې فور (Olivier Faure)، «كۆزىتىش» ژۇرنىلىنىڭ خەلقئارا مەسىلىلەر مەسئۇلى ئۇرسۇلا گويتىېر (Ursula Gauthier)، سوتسىيالىستلار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى ئاننا پىك (Anna Pic) ۋە ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دىلنۇر رەيھان قاتارلىقلار سۆز قىلغان.
ئۇلار سۆزلىرىدا فىرانسىيە پارلامېنتىدا ئېلان قىلىنغان قاراردا «پارلامېنت خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زوراۋانلىقىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› ۋە ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› دەپ رەسمىي ئېتىراپ قىلىدۇ» دىيىلگەنلىكىنى قايتا ئەسلەپ ئۆتۈشكەن ھەمدە بۇ قارار ئىلان قىلىنغاندىن كېيىن فىرانسىيە ۋە ياۋروپادا پەيدا قىلغان تەسىرىنى خۇلاسىلىگەن.
يىغىننىڭ كېيىنكى قىسمىدا ياۋروپا پارلامىنت ئەزاسى، يېشىللار پارتىيەسىنىڭ ئۆتكەن يىللىق فىرانسىيە پرېزىدېنت كاندىداتى يانىك ژادوت (Yannick Jadot) ، قانۇنشۇناس، ئادۋوكات ۋە خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ سابىق مۇتەخەسسىسى ئېرىن روسېنبېرگ (Erin Rosenberg)، شۇنداقلا ئىرقىي قىرغىنچىلىق تەتقىقاتچىسى، فىرانسىيە سىياسەت پەنلىرى ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى جاك سېمېلىن(Jacques Semelin) قاتارلىقلار سۆز قىلغان. ئۇلار ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن بۇنىڭدىن كېيىن ئېلىنىدىغان قەدەملەر ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ماقۇللىنىشىنى ساقلاۋاتقان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى» ھەققىدە توختالغان.
دىلنۇر رەيھان خانىم رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر يىغىن ھەققىدە چۈشەنچە بەردى.
ئۇ يەنە فىرانسىيە پارلامېنتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇمىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىشنىڭ تەسىرى ھەققىدە توختالدى.
ياۋروپا پارلامىنت ئەزاسى يانىك ژادوتنىڭ ياردەمچىسى ئمىلىي كاتېيگنو (Emilie Casteignau) بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى ئېلخەت ئارقىلىق قوبۇل قىلدى.
ئۇ خېتىدە مۇنداق دەپ يازغان: «ياۋروپا پارلامېنتىدا، بىز ياۋروپا پارلامېنتى ئوتتۇرىغا قويغان <ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى>نى ياخشىلاشقا، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ياۋروپا بازىرىغا كېرىشىنى ئۈنۈملۈك چەكلەشكە كاپالەتلىك قىلىشقا تىرىشىمىز. بۇ جەھەتتىن بىز ئامېرىكا يولغا قويغان قانۇنلاردىن ئۈلگە ئالىمىز. ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەر خىتاينىڭ مۇھىم بازىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىققا چېتىشلىق شىركەتلەرگە ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم چۈشۈرۈشتە بەلگىلىك ئەۋزەللىككە ئىگە. ئەمما دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان مەزگىلدىمۇ پرېزىدېنت ماكرون ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سودا-تىجارەتنىڭ قوللىغۇچىسى ئىدى. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ سابىق ئالىي كومىسسارى مېشىل باچېلېتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، سەمىمىيلىك بىلەن ئېيتقاندا، چوڭراق بىرەر ئۆزگىرىشنىڭ بولغانلىقىنى بىلمەيمەن.»
دىلنۇر رەيھان خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىن ئاخىرىدا ئۇ يانىك ژادوت ئەپەندىدىن ياۋروپا پارلامېنتى رۇسىيە ۋە ئىرانغا قوللانغان قاتتىق پوزىتسىيەسىنى نېمىشقا خىتايغا قارشى قوللانمايدىغانلىقى ھەققىدە سۇئال سورىغان. ژادوت ئەپەندى، ئۆزىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىگە قارىتا قاتتىق پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلىگەن ۋە شۇنداقلا ھازىرقى مۇھىم مەسىلىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ياۋروپا بازىرىغا كېرىشىنى چەكلەش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، مەزكۇر يىغىننىڭ ئېچىلىشىغا ئائىت ئۇچۇرلار يىغىنغا نەچچە كۈن قالغاندا ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، يىغىنغا يۈزدىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان.