فرانسىيىدە ئۇيغۇر كومىتېتى پائالىيەتلىرىنى باشلىدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﻳﮕﯘﻝ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.07.03
2008.07.03
بۇ تەشكىلاتلار تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئۆزلىرىنى قوللاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى بىلەن بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ، ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھۆكۈمەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ،ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرلۈك، مۇستەقىللىق ۋە دېموكراتىيە داۋاسىنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇشتا زور كۈچ چىقاردى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ فرانسىيىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سانىمۇ يىلدىن - يىلغا كۆپىيىپ،ئۇيغۇرلارنىڭ تەشكىللىك ھالدا بىر ئارىغا جەم بولۇپ ۋەتەن دەۋاسى قىلىش ئېھتىياجى تۇغۇلدى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن فرانسىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار كۆپ قېتىم كېڭىشىش، مەسلىھەتلىشىش ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىن مەسلىھەت سوراش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىسىدا ئاخىرى 2008 يىلى 5 - ئايدا فرانسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنى قۇرۇپ چىقتى.
كومىتېت قۇرۇلغاندىن كېيىن ئەكبەر ئەپەندى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى، كېرەم ئەپەندى ۋە ئەركىن ئەپەندىلەر مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى، ئەلى مۇھەممەت ئەپەندى مۇئاۋىن كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى، ئەھەت ھاجىم باش مەسلىھەتچىلىك ۋەزىپىسىنى، نۇرمەمەت ئەپەندى مالىيىگە مەسئۇل بولۇش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ باشقا تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ۋە يېقىندىن ياردەمدە بولۇشى ئارقىسىدا تەشكىلات پائالىيىتىنى تىز سۈرئەتتە جانلاندۇردى. نۇرگۇل تەشكىلاتنىڭ باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ غەربتىكى قىز - ئاياللار ئارىسىدا ئۇيغۇر داۋاسىنى قىلىشتا يەنە بىر يېڭى ئۆرنەك ياراتتى.
فرانسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئەكبەر ئەپەندى زىيارەت ۋە مۇئاۋىن رەئىس كېرەم ئەپەندى فرانسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ قۇرۇلۇش جەريانى ھەققىدە چۈشەنچىلەر بەردى.
فرانسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى قۇرۇلغان ئىنتايىن قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئۇيغۇر داۋاسىنى فرانسىيە ھۆكۈمىتىگە ئاڭلىتىشتا زور كۈچ چىقاردى. بۇنىڭدىن باشقا فرانسىيىدىكى ئاسىيالىق دېموكراتىك كۈچلەر تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن ئاسىيانى دېموكراتىيىلەشتۈرۈش ئورگىنىنىڭ ئاساسلىق ئەزاسىنىڭ بىرىگە ئايلاندى.
يېقىنقى مەزگىلدە فرانسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى، فرانسىيە تىبەت كومىتېتى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى تىز سۈرئەتتە كۈچەيتىپ خىتاينىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى بايقۇت قىلىشنى مەقسەت قىلغان تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك ئارزۇسىنى فرانسىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە يەنە بىر قېتىم كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلدى.









