فىرانسىيەدە خىتايغا قارشى زور كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۇيغۇرئاي
2021-10-04
Share
فىرانسىيەدە خىتايغا قارشى زور كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى 2-ئۆكتەبىر فىرانسىيە پايتەختى پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن خىتايغا قارشى زور كۆلەملىك نامايىشتىن بىر كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 2-ئۆكتەبىر. پارىژ، فىرانسىيە.
RFA/ Uyghuray

2-ئۆكتەبىر فىرانسىيە پايتەختى پارىژدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە قارشى تۇرۇش، جۈملىدىن فىرانسىيە قاتارلىق ئەللەرنى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە بۇنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىش قاتارلىق مەقسەتلەر بىلەن زور كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

نارازىلىق نامايىشنى 1-ئۆكتەبىر خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى تەشكىللىگەن بولۇپ، بۇ قېتىمقى نامايىشقا ئۇيغۇرلارنى قوللىغۇچى ياۋروپا ۋە فىرانسىيە پارلامېنت ئەزالىرى، كۆپ ساندىكى يەرلىك فىرانسۇزلار، گوللاندىيە ۋە بېلگىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن تەشكىللىنىپ ئېلىپ كېلىنگەن ئۇيغۇر جامائىتى ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلەر قاتنىشىپ پارىژ كوچىلىرىنى زىلزىلىگە سالدى.

ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ رەئىسى دىلنۇر خانىم بۇ قېتىمقى چوڭ نامايىشنى تەشكىللىگەن ۋە ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرغان شەخستۇر. ئۇ، رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان فىرانسىيە ۋە ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرىنىڭ بۇ نامايىشقا كۈچ چىقارغانلىقى ۋە يېقىندىن ياردەمدە بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

گوللاندىيە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىمۇ بۇ نامايىشقا ئاۋاز قوشقان ۋە بىر قىسىم نامايىشچىلارنى گوللاندىيەدىن ئېلىپ كېلىپ نامايىشقا قاتناشقان تەشكىلاتلارنىڭ بىرى.

مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ رەئىسى ئابدۇراخمان ئابدۇللا ئەپەندىمنىڭ ئېيتىشىچە، نامايىشقا مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان بولۇپ، نامايىشتا ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە ياۋروپا ۋە فىرانسىيە پارلامېنت ئەزالىرىمۇ سۆز قىلىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئەيىبلىگەن ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

ئۇيغۇر دىيارى بۇندىن 72 يىل بۇرۇن يەنى 1949-يىلى خىتاي كوممۇنىست ئارمىيەسى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 2-ئۆكتەبىر فىرانسىيە پايتەختى پارىژغا توپلانغان نامايىشچىلار خىتايغا قارشى جاراڭلىق شوئارلىرىنى توۋلاپ، ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك ۋە فىرانسىيە بايراقلىرىنى لەپىلدىتىپ فىرانسىيە خەلقىنىڭ دىققىتىنى تارتقان.

بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ئەكبەر تۇرسۇن ئەپەندىم بۇ نامايىشقا ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن بىلگەندىن فىرانسىيەگە كەلگەن. ئۇ، بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ ئەھمىيەتلىك بولغانلىقىنى ھەمدە زۇلۇم ئاستىدا ئېزىلىۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ قېتىم پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارشى چوڭ نامايىش فىرانسىيەدىكى نوپۇزلۇق تېلېۋىزىيە قاناللىرى ۋە فىرانسىيە «كىرىست گېزىتى» قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا خەۋەر قىلىنغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت