«ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» فرانسىيەدىكى داڭلىق سىياسىي ژۇرنال «كۆزىتىش» تىن ئورۇن ئالدى

0:00 / 0:00

فىرانسىيەنىڭ داڭلىق سىياسىي ھەپتىلىك ژۇرنىلى «كۈزىتىش» (L’BOS) نىڭ بۇ ھەپتىلىك سانى 4-مارت كۈنى تارقىتىلدى. مەزكۇر ژۇرنالنىڭ مۇقاۋىسىغا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى فىرانسىيەدە كۈنتەرتىپكە ئەكىلىشتە مۇھىم رول ئويناۋاتقان ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى رافائىل گىلۇكىسمەن بىلەن فىرانسىيەدىكى ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ مەسئۇلى دىلنۇر رەيھاننىڭ سۈرىتى بېسىلدى.

ژۇرنالنىڭ مۇقاۋىسىغا «يوشۇرۇن ئۇيغۇر قىرغىنىچىلىقى» دېگەن سۆزلەر چوڭ ھەرپلەر بىلەن يېزىلغان بولۇپ، ژۇرنالنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانى ئۇيغۇر تېمىسىغا بېغىشلانغان.

مەزكۇر ژۇرنالدا دوكتۇر ئادريان زېنزنىڭ 2-مارت كۈنى «جېيمىس تاۋن فوندى» نىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلغان دوكلاتىدىكى مەزمۇنلار تەپسىلىي بېرىلگەن. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 220 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشلىرىنى «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە «2022-يىلىغا بارغۇچە ئاز دېگەندە 300 مىڭ خىتاي كۆچمەننى جەنۇبىي شىنجاڭغا يەرلەشتۈرۈش» كۆرسەتمىسى ئاشكارا قىلىنغان. دوكلاتتا يەنە مۇشۇ ئەھۋاللارغا ئاساسەن نۆۋەتتە ئاز دېگەندىمۇ بىر مىليون ئالتە يۈز مىڭ دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ‹ئىشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى› دېگەن نامدا مەجبۇرىي يۆتكىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى مەزمۇنلار يەر ئالغان.

ژۇرنالىنىڭ ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت ماقالىلەردىن يەنە بىرى «بۇ ئۈچەيلەننىڭ ئۇچرىشىشى ئۇيغۇر داۋاسىنى فىرانسىيەدە زور كۈچكە ئىگە قىلدى» سەرلەۋھىلىك ماقالە بولۇپ، دىلنۇر رەيھان، رافائىل گىلۇكىسمەن ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىسى پىيەخ بۈسسىيەخ قاتارلىقلارنىڭ قانداق قىلىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى «فىرانسىيەنىڭ مەسىلىسى» گە ئايلاندۇرالىغانلىقى چۈشەندۈرۈلگەن.

مەزكۇر ژۇرنالدا يەنە «خىتاي گۇلاگىدىن ھايات قالغان گۈلباھار خاتىۋاجىنىڭ گۇۋاھلىقى» ناملىق كىتاب ئاپتورىنىڭ گۈلباھار خاتىۋاجى بىلەن بولغان زىيارەت خاتىرىسىمۇ بېرىلگەن.

دىلنۇر رەيھان خانىم بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ ژۇرنال فرانسىيەدىكى نوپۇزلۇق سىياسى ژۇرناللارنىڭ بىرى بولۇپ، تور بېتىدە ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇرلار ھەققىدە ماقالىلەر يېزىلىپ تۇرغان ئىكەن. بۇ ھەپتىلىك ساندا بولسا تۇنجى قېتىم مەخۇس ئۇيغۇرلار ھەققىدە كەڭ سەھىپىلىك مەزمۇنلار يەر ئالغان.

رافائىل گىلۇكىسمەن ئەپەندى ئۆزىنىڭ فېيسبۇك ھېسابىدا ئۇيغۇر مەسىلىسنىڭ فرانسىيەدىكى ھازىرقى ئەھۋالى ۋە بۇ ھەپتىلىك ژۇرنالدا بېرىلگەن «بۇ ئۈچەيلەننىڭ ئۇچرىشىشى ئۇيغۇر داۋاسىنى فرانسىيەدە زور كۈچكە ئىگە قىلدى» سەرلەۋھىلىك ماقالە ھەققىدە چۈشەنچە بەرگەن. ئۇ مۇنداق دەپ يازغان: «2019-يىللىرى ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆزلەيدىغانلار كۆپ ئەمەس ئىدى. دىلنۇر رەيھان مەن ۋە باشقا بىر قانچە كىشى خۇددى چۆلدە ۋەز-نەسىھەت قىلىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتۇق. ئەمما فرانسىيە ۋە باشقا جايلاردا ئىنستېگرام قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا يۈزمىڭلىغان ياشلار بىزگە قېتىلدى. سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشمۇ، جازا لاگېرلىرىدا سولانغان ۋە قىيىن-قىستاققا ئېلىنغان كىشىلەرنىڭ ئاۋازى بولۇشمۇ بىزنىڭ ئىختىيارىمىز. ئىغىر سۈكۈت، چوڭ جىنايەتلەرگە يول ئاچىدۇ. بۇ جىمجىتلىقنى بۇزۇش ھەممىمىزگە باغلىق. فرانسىيە ياشلىرى ۋە فرانسىيە پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ۋە ئادالەتنى قوغدايدىغانلىقىنى كۆرسىتىش بىزگە باغلىق. فرانسىيەنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئويغىنىشى ئەمدى باشلاندى.»

رافائىل گىلۇكىسمەن ئەپەندى رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى سۇئاللىرىغا ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاپ قايتۇردى: «21-ئەسىردىكى ئىنسانىيەتكە قارشى ئەڭ چوڭ جىنايەتنىڭ فرانسىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم ژۇرناللىرىدىن بىرى بولغان ‹كۆزىتىش› ژۇرنىلىنىڭ مۇقاۋىسى ۋە ئىچىدىن ئورۇن ئېلىشى زور سىموۋۇللۇق ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇنىڭدا ئادرىئان زېنزنىڭ يېقىنقى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ھەققىدىكى تەتقىقاتى ۋە 2019-يىلى باشلانغان فرانسىيەدىكى ئۇيغۇرلانى قوللاش سەپەرۋەرلىكى تەپسلىي بېرىلدى.»

ئۇ يەنە مۇنداق دەپ يازغان: «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دەس تۇرغان فىرانسىيە ياشلىرىنى ژۇرنالىستلار ‹ئۇيغۇر ئەۋلادلىرى› دەپ ئاتىدى. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ۋە كوچىلاردا يازمىلارنى چاپلاش ئارقىلىق كىشىلەرنى ئۇيغۇرلارنى قوللاشقا سەپەرۋەرلىك قىلغان ياشلارغا رەھمەت. ئۇلار بولغاچقا ئۇيغۇر مەسىلىسى فرانسىيەدە ئورتاق مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلاندى. نۇرغۇن رەھبەرلىرىمىز سۈكۈت قىلغاندا، بۇ ياش ئەۋلادلار جىمجىتلىقنى بۇزدى. نۇرغۇن رەھبەرلىرىمىز قورقۇنچاقلىق قىلغاندا ئۇلار جاسارىتىنى كۆرسەتتى ھەمدە فرانسىيىدە مىسلى كۆرۈلمىگەن ئويغىنىشنى بارلىققا كەلتۈردى.»

دىلنۇر رەيھان خانىممۇ بۇ تىمىغا قوشۇمچە قىلىپ، مۇنداق دېدى: «فىرانسىيەدە مۇشۇنداق ياشلار ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۇيغۇر مەسىلىسى فىرانسىيەنىڭ ‹دۆلەت مەسىلسىى› دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى. بۇ ياشلارنىڭ ‹ئۇيغۇر ئەۋلادلىرى› دەپ ئاتالغىنىدىن مەنمۇ ھاياجانلاندىم.»

رافائىل گىلۇكىسمەن ئەپەندى ۋە دىلنۇر رەيھان خانىم فرانسىيە خەلقنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقى، لېكىن فرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغىچە ناھايىتى ئاجىز پوزىتسىيەدە بولۇپ كەلگەنلىكىدە ئورتاق پىكىردە بولۇپ، رافائىل گىلۇكىسمەن ئەپەندى فرانسىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە ئېلخەت ئارقىلىق بەرگەن جاۋابىدا مۇنداق دېگەن: «نۆۋەتتە فرانسىيە رەھبەرلىرى بەك جىمجىت تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ ھەپتە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ‹سىستېمىلىق باستۇرۇش سىياسىتى» نى ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، پرېزىدېنت ماكرون شى جىنپىڭ بىلەن تېلېفونلاشقاندا ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالمىدى. قانداقلا بولمىسۇن، ھەرىكەتسىز قۇرۇق بايانلارنىڭ ھەممىسى بىھۇدە. شۇڭا بىز داۋاملىق سەپەرۋەرلىك ھەرىكەتلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇش ئارقىلىق دۆلەت رەھبەرلىرىمىزگە بېسىم ئىشلىتىمىز.»

دىلنۇر رەيھان خانىم ئاخىرىدا مەزكۇر سىياسى ھەپتىلىك ژۇرنال- «كۆزىتىش» نىڭ فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە قارار ئېلىشىدا ئىجابىي رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قارارلىرىنىڭ فرانسىيە ھۆكۈمىتىگە تەسىر قىلىدىغانلىقنى، فرانسىيە ئاستا ھەرىكەت قىلسىمۇ، ئەمما كەلگۈسىدە كەسكىن قارار چىقىرىدىغانلىقىدىن ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

رافائىل گىلۇكىسمەن ئەپەندى ئاخىرىدا فرانسىيە ھۆكۈمىتىدىن كۈتىدىغان تەلەپلىرى ۋە ئۆزلىرىنىڭ پىلانلىرى ھەققىدە سورىغان سۇئالىمىزغا مۇنداق جاۋاپ قايتۇردى: «بىز ياۋروپا پارلامېنتىدا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى جازالاش ھەققىدىكى قارارغا بېلەت تاشلىغان. بىزدە ئەمدى شۇ قارارنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن سىياسىي جاسارەت بولۇشى كېرەك. مەسىلەن، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىشىمىز كېرەك. بىز چوقۇم ئۆزىمىزنىڭ سىياسىي پرىنسىپلىرىمىز ۋە ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىمىز كېرەك. كەلگۈسى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە ياۋروپا-خىتاي مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى مۇزاكىرىگە قويۇلىدۇ. ھەل قىلغۇچ جەڭ دەل مۇشۇ يەردە. مەن باشقا پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇ كىلىشىمنىڭ رەت قىلىنىشىغا كۈچەيمەن.»

«كۆزىتىش» ھەپتىلىك ژۇرنىلى فرانسىيەدىكى داڭلىق سىياسى ژۇرنال بولۇپ، بۇ ژۇرنالنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى ئۇرسۇلا گويتېر 2015-يىلى 12-ئايدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ۋىزىسى بىكار قىلىنىپ خىتايدىن قوغلاپ چىقىرىلغان.

ئۇرسۇلا گويتېر خانىم ھازىر مەزكۇر ژۇرنالنىڭ ئاساسلىق باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى.