ئۇيغۇرلارنى قوللاش پائالىيىتىنى فىرانسىيە ياشلىرى ئارىسىدا يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرگەن ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى فىرانسىيەدە يەنە بىر قېتىملىق يېڭى دولقۇن پەيدا قىلدى.
ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى ئوغۇز ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى نامىدا ھەر يىلى چوڭ تىپتىكى نورۇز پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ كەلگەن ئىكەن. ئەمما ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ كورۇنا ۋىرۇسى سەۋەبلىك چوڭ تىپتىكى يىغىلىشلارنى ئورۇنلاشتۇرالمىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار نورۇز پائالىيىتىنىڭ ئورنىغا «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى پاش قىلايلى» دېگەن تېمىدا رەسىم مۇسابىقىسى ئورۇنلاشتۇرغان.

ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ مەسئۇلى دىلنۇر رەيھان خانىم بۇ ھەقتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر مۇسابىقە ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى: «فرانسىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كەڭ تارقىلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ كېلىۋاتقان رەسساملارنىڭ ياردىمىدە خەلقئارالىق بىر رەسىم كۆرگەزمسى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىدۇق. فرانسىيە ياشلىرىنىڭ قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولدى. مۇسابىقىنىڭ تېمىسى ‹ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى پاش قىلايلى› بولدى.»
فرانسىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردىن ئەۋەتىلگەن ئەسەرلەر فرانسىيەدىكى داڭلىق رەسساملار ھەمدە مۇھاجىرەتتىكى بىر قانچە تونۇلغان ئۇيغۇر رەسسامنىڭ باھالىشىغا سۇنۇلغان. دىلنۇر خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئەسەر باھالاش رەسساملارنىڭ باھالىشى ۋە تور يۈزىدە تور ئەھلىنىڭ باھالىشىدىن ئىبارەت ئىككى خىل شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغان.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئىنكاسلارغا قارىغاندا، بۇ ئەسەرلەر «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» نىڭ ھەر تۈرلۈك شەكىللىرىنى ناھايىتى جانلىق تەسۋىرلەپ بەرگەن.
كەسكىن ۋە ئەستايىدىل باھالاشلاردىن كېيىن «قانغا بويالغان پاختا» ناملىق ئەسەر بىرىنچىلىككە، «سېغىنىش» ناملىق ئەسەر ئىككىنچىلىككە، «خۈنۈك» ناملىق ئەسەر ئۈچىنچىلىككە ئېرىشكەن.
بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن ئەسەرنىڭ ئاپتورى فەننى ۋېللا بىلەن ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن ئەسەرنىڭ ئاپتورى مەكىسمې جىرمەيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇلار مۇكاپاتقا ئېرىشىشتىنمۇ بەكرەك ئۆز ئەسەرلىرى ئارقىلىق «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» نى «پاش قىلغان» لىقىدىن خۇشال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.
فەننى ۋېللا مۇنداق دېدى: «رەسىم كەسپى بىلەن شۇغۇلللىنىۋاتقىنىمغا 4 يىل بولدى. رەسساملىقنى باشلىغان ۋاقتىمدا ئەسەرلىرىمگە مەنا بېرىشكە ئەھمىيەت بەردىم. مۇھىم ۋەقەلەرنى ئىپادىلەشكە تىرىشتىم. مېنىڭ بۇ قېتىم سىزغان رەسىمىمنىڭ ئىلھامى ئەتراپىمدا بولۇۋاتقان ئىشلاردىن كەلگەن. مەن ئېچىمدىكىلەرنى رەسىم ئارقىلىق سىزىپ چىقىشنى قارار قىلدىم. رەسىم ئارقىلىق خۇددى ئۆزۈمنى يەر شارى خاراكتېرلىك بىر ھەرىكەتنىڭ بىر پارچىسى بولالايدىغاندەك ھېس قىلدىم. رەسىم تىلسىز بىر سەنئەت، سىز بىر رەسىمگە نۇرغۇن مەنىلەرنى كىرگۈزەلەيسىز. مەن شۇنداق قىلىشقا تىرىشتىم.»

مەكىسمې جىرمەيىن بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارغا يۈگۈزۈلۈۋاتقان باستۇرۇشقا بولغان سەزگۈرلۈكىمدىن دىلنۇر ئورۇنلاشتۇرغان بۇ مۇسابىقىگە قاتناشتىم. رەسىم بولسا مېنىڭ پىكىر يۈرگۈزۈشۈمدىكى بىر قورال. مېنىڭ ئەسىرىمدە ئاتا-ئانىسىنىڭ سىزىلغان رەسىملىرى ئارىسىدا يولدا يالغۇز ياتقان بىر بالىنىڭ تەسۋىرى بار. رەسىمدىكى بالا ھەر كۈنى ئاتا-ئانىسىنى سېغىنىدۇ، ھەتتا ئۇ بالا ئاشۇ پېتى ئازاب ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئاخىرىقى ئارزۇسى ئۆز ئۆيىدە ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇش.»

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى يېقىندا «سەكپارە بولغان يۈرەك، ۋەيران بولغان ھايات: زۇلۇم ئايرىۋەتكەن ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ قاباھەتلىك كەچۈرمىشلىرى» سەرلەۋھىلىك بىر دوكلات ئېلان قىلغانىدى. دوكلاتتا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ناھايىتى كەڭ كۆلەمدە قاتتىق قوللۇق بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ۋە سىستېمىلىق زۇلۇملىرى قاتارلىق سەۋەبلەر چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلىرىنى خىتايغا قايتىپ، بالىلىرىنى بېقىش ئىمكانىيەتلىرىدىن مەھرۇم قىلغان بولسا، يەنە بىر ياقتىن بۇ بالىلارنى ئاتا-ئانىلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرگە بېرىپ ئۇلار بىلەن جەم بولۇش ئىمكانىيەتلىرىدىنمۇ مەھرۇم قىلىنغانلىقى كۆرسىتىلگەن ئىدى.»
مەكىسمې جىرمەيىن يەنە مۇنداق دېدى: «قورقۇنچلىق باستۇرۇشلار، جازا لاگېرلىرىدىكى ۋەھشىيلىكلەر ماڭا بەك تەسىر قىلدى. دۆلەتلەر ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ بۇنىڭغا قارشى بىر ھەرىكەتكە ئۆتمەسلىكى مېنى ئۈمدسىزلەرندۈردى. مەن رەسىملىرىم ئارقىلىق ئىنسانىيلىق تەبىئىتىگە يوشۇرۇنغان رەزىللىكلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە تىرىشتىم.»
دىلنۇر رەيھان خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ مۇسابىقە خاراكتېرىدىنمۇ بەكرەك ئىنسانلىقنى ئويغىتىدىغان مەنىۋى تەرىپى كۈچلۈك بولۇپ، مۇكاپات بويۇملىرىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرىدىغان سىمۋوللۇق تۈسى كۈچلۈك بولغان بويۇملار ئىكەن.
مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ماھىرلار ئاخىرىدا ياشلارنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىرغىنچىلىق مەسىلىسىگە نىسبەتەن ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشقا چاقىردى.
مەكىسمې جىرمەيىن بۇ پىكىرنى تولۇقلاپ دېدى: «مېنىڭ بۇ ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› ھەققىدە ياشلارغا دەيدىغىنىم، تېلېۋىزوردا بېرىلىۋاتقان قاملاشمىغان پروگراممىلارنى كۆرۈشنى توختىتايلى. ئەتراپىمىزدا، دۇنيادا نېمە ئىشلار يۈز بېرىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلايلى. بەزى دۆلەتلەردە يۈز بېرىۋاتقان ئادالەتسىزلىكلەر ۋە بۇ ئادالەتسىزلىكلەرنىڭ قۇربانلىرى ياردەمگە مۇھتاج.»