پارىژ چوڭ مەسچىتىنىڭ مۇدىرى ئۇيغۇرلاردىن كەچۈرۈم سورىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازىغ
2021-09-13
Share
پارىژ چوڭ مەسچىتىنىڭ مۇدىرى ئۇيغۇرلاردىن كەچۈرۈم سورىدى پارىژ چوڭ مەسچىتىنىڭ مۇدىرى شەمشىدىن ھافىز، دىلنۇر رەيھان خانىم بىلەن گۈلباھار جېلىلوۋا خانىمنى قوبۇل قىلغان. 2021-يىلى 10-سېنتەبىر. پارىژ، فرانسىيە.
RFA/Azigh

فرانسىيىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى 9-ئىيۇل كۈنى «شىنجاڭ ياخشى جاي» نامىدا تور يىغىنى ئۆتكۈزگەن. بۇ يىغىنغا خىتايلار ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ بىر قىسىم خادىملىرى قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتايىن «خوشال-خۇرام ياشاۋاتقانلىقى» نى، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا ئائىت مەلۇماتلارنىڭ پۈتۈنلەي «يالغان ئىكەنلىكى» نى ئېيتىشقان ئىدى. مەزكۇر يىغىنغا پارىژ چوڭ مەسچىتىنىڭ مۇدىرى شەمسىدىن ھافىزنىڭ قاتناشقانلىقى فرانسىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان ئىدى.

فرانسىيىدىكى ئۇيغۇرلار پارىژ چوڭ مەسچىتى مۇدىرىنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ مەزكۇر سىياسىي تەشۋىقات يىغىنىغا قاتناشقانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن بولۇپ، ياۋرۇپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ يىتەكچىلىكىدە فىرانسىيە مۇسۇلمانلىرى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىللىرىدا پارىژ چوڭ مەسچىتى مۇدىرىدىن مەزكۇر ئەھۋالغا دەرھال ئىزاھات بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دىلنۇر رەيھان خانىم پارىژ چوڭ مەسچىتىنىڭ مۇدىرىدىن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقنىڭ شاھىتلىرىدىن بىرى بولغان گۈلباھار جېلىلوۋا بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغان. لاگېر شاھىتى گۈلباھار جېلىلوۋا پارىژ چوڭ مەسچىتىنىڭ مۇدىرى بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلىپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ۋىدېيولۇق مۇرجىئەت ئېلان قىلغان ئىدى.

ئىگىلىشىمىزچە، 10-سېنتەبىر كۈنى پارىژ چوڭ مەسچىتىنىڭ مۇدىرى شەمشىدىن ھافىز، دىلنۇر رەيھان خانىم بىلەن گۈلباھار جېلىلوۋا خانىمنى قوبۇل قىلغان. كۆرۈشۈشتە شەمسىدىن ھافىز ئەپەندى خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق سىياسىي تەشۋىقات يىغىنىغا قاتناشقانلىقى ھەققىدە ئۇيغۇر ۋەكىللەرگە چۈشەنچە بەرگەن ۋە مەزكۇر ۋەقە سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئۇقۇشماسلىق ئۈچۈن ئۇيغۇرلاردىن كەچۈرۈم سورايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

Shemshidin-Hafiz-20210910-03.jpg

لاگېر شاھىدى گۇلباھار جېلولوۋا خانىم زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، پارىژ چوڭ مەسچىتى مۇدىرىغا خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرگە ئېلىپ بېرىۋاتقان قىيىن-قىستاق ۋە قىرغىنچىلىقىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرگەنلىكىنى، شەمسىدىن ھافىز ئەپەندىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن ھەر ۋاقىت بىر سەپتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكىنى، ئۇيغۇرلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى ھەركەت قىلىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

ياۋرۇپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ مەسئۇلى دوكتور دىلنۇر رەيھان خانىم ئىجتىمائىي تارتقۇ ۋاستىلىرىدا پارىژ چوڭ مەسچىتى مۇدىرىنىڭ خىتاينىڭ سىياسىي تەشۋىقات يىغىنىغا قاتناشقانلىقىغا قارشى تەشۋىقات پائالىيىتى باشلاتقان ئىدى. ئۇ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، پارىژ چوڭ مەسچىتى مۇدىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەندىشە ۋە قايغۇلىرىنى يەتكۈزگەنلىكىنى، پارىژ چوڭ مەسچىتى مۇدىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقى دۇنيا جامائىتى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىۋاتقان بۈگۈنكىدەك كۈندە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەرخىل سىياسىي تەشۋىقات پائالىيەتلىرى ئارقىلىق مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى بېسىقتۇرۇشقا تىرىشماقتا. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ھەر خىل تەشۋىقات ئۇسۇللىرىدىن پايدىلىنىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ساختا سىياسىي تەشۋىقاتلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىپ كەلمەكتە.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت