پرېزىدېنت جوۋ بايدىن G7 يىغىنىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدىن ئەنگلىيەدە ئېچىلىۋاتقان G7 ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان ۋە G7 رەھبەرلىرىنى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە تېخىمۇ قاتتىق زەربە بېرىشكە چاقىرغان.

ئالاقىدار ئەمەلدارلارنىڭ «مۇستەقىللىق» گېزىتىگە ئېيتىشىچە، «ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئەڭ ئاخىرقى بىرلەشمە باياناتتا بىر مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلمان كەڭ لاگېر سىستېمىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئەيىبلەشنى ئۈمىد قىلغان.»

«G7» يەنى «7 دۆلەت گۇرۇپپىسى» ئامېرىكا، كانادا، ئىتالىيە، فىرانسىيە، ئەنگلىيە، گېرمانىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق سانائەتلەشكەن دۆلەتلەردىن تەركىب تاپقان.

خەۋەردە ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، ئەنگلىيە، كانادا ۋە فىرانسىيە پرېزىدېنت بايدىننىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىدە خىتاينى ئەيىبلەش مەيدانىنى ئاساسەن قوللايدىكەن. ئەمما، گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە باشقا ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بۇ مەسىلىدە ئىككىلىنىدىكەن.

ھالبۇكى يىغىندا، نامرات دۆلەتلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھە پىلانىغا مەبلەغ سېلىپ، خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش، ئافرىقادىكى تۆمۈر يول ۋە ئاسىيادىكى شامال ئېلېكتر ئىستانسىلىرىغا مەبلەغ سېلىش مەسىلىسىدە ئورتاق پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.

G7 ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى باشلىنىشتىن ئىلگىرى بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر ئاقساراي ئەمەلدارى جوۋ بايدىننىڭ يىغىننىڭ ئىككىنچى كۈنى G7 رەھبەرلىرىنى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى بىرلىكتە قاتتىق ئەيىبلەشكە دەۋەت قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر ئەمەلدار مۇنداق دېگەن: «بىز شىنجاڭغا ئوخشاش مەجبۇرىي ئەمگەك ئېلىپ بېرىلىۋاتقان رايون مەسىلىسىدە كونكرېت بولۇشقا تىرىشىۋاتىمىز. بىز مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئىشلىتىشنى ئەيىبلەشنى ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارايمىز، ھەمدە كونكرېت تەدبىر قوللىنىپ، يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكتىن خالىي بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.»

ب د ت مۇتەخەسسىسلىرى ۋە ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، خىتاي ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارنى تەشكىل قىلىدىغان بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى ئاتالمىش قايتا «تەربىيىلەش مەركىزى» نامىدىكى جازا لاگېرلىرىغا تاشلىغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مىڭلىغان كىشىلەرنى خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىكى زاۋۇتلارغا يۆتكەپ قۇل ئەمگەكلىرىگە سالغان.

خەۋەر قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قارىتا تۇغماسلىق ئوپېراتسىيەسى قىلىش ۋە بالا چۈشۈرۈش قاتارلىق مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىيىشىنى توسقان.

شۇ تۈپەيلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئېتىراپ قىلغان.

ھالبۇكى خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىلدىكى ئەيىبلەشلەرنى جان-جەھلى بىلەن رەت قىلىپ كەلمەكتە.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك G7 ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

ئۇچرىشىش، 13-ئىيۇن كەچقۇرۇنغىچە داۋام قىلىدىغان بولۇپ، يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنىدىغان بىرلەشمە باياناتقا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنىڭ كىرگۈزۈلىدىغان ياكى كىرگۈزۈلمەيدىغانلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس ئىكەن.