خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنى خىتاي «گېئو-سىياسىي بىخەتەرلىكىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك توسۇقى» قىلماقچى بولغان

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئۆتكەن شەنبە كۈنى يەنى 23-ئاۋغۇست چاقىرىلغان 10-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 12-قېتىملىق يىغىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى كونكرېت ئىجرائاتىغا دائىر مۇھىم قارارلارنى چىقارغان. ھالبۇكى، بۇ قارارلار ب د ت «نۇرغۇن چاتاق قانۇن-سىياسەتلەر» نىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە داۋاملىق ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. بۇ يىغىننىڭ ئاخباراتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىك خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ رايوندىكى بارلىق خىزمەتلىرىنىڭ يەنىلا ئالدىنقى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ئىكەن. يىغىندا، مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنى لاگېرلارغا قاماپ، ئۇلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان 25 مىليون نوپۇسلۇق بۇ رايوننى، خىتاينىڭ گېئو-سىياسىي خەۋپ-خەتەرلەرگە قارشى «ئىستراتېگىيەلىك توسۇقى» غا ئايلاندۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

يىغىننىڭ ئاخباراتىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى گېئو-سىياسىي خەۋپ-خەتەرلەرگە قارشى «ئىستراتېگىيەلىك توسۇقى» غا ئايلاندۇرۇشنىڭ كونكرېت ۋاسىتىلىرى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما يىغىن «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى بەرپا قىلىشنىڭ تۈزۈلمە مېخانىزمىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ بەشنى ئېتىراپ قىلىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىش» نى تەلەپ قىلغان.

ھالبۇكى، دائىرىلەر ئۇيغۇرلارنى «خىتايلاشتۇرۇش» ئىستراتېگىيەسى، دەپ قارىلىۋاتقان «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى» بەرپا قىلىشنى رايوندا «مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئاچقۇچى» دەپ قارىماقتا. يىغىننىڭ ئاخباراتىدا كۆرسىتىلىشىچە، يىغىن «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى» بەرپا قىلىشنىڭ تەشۋىقات مائارىپى، تەتقىقاتى ۋە ئەمەلىي خىزمەت مېخانىزمى قۇرۇپ، «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بېرىش-كېلىشى، ئالاقىسى ۋە قوشۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش» نى تەكىتلىگەن. ئامېرىكا جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېت خەلقئارا تەرەققىيات تەتقىقات تۈرىنىڭ دىرېكتورى، خەلقئارا مەسىلىلەر پىروفېسسورى شون روبېرتس بولسا، بۇنىڭ بىر يېڭىلىق ئەمەسلىكى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى تاشقى دۇنيا ئۈچۈن ئىزچىل بىر توساق ئورنىدا كۆرۈپ كەلگەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ.

پىروفېسسور شون روبېرتس مۇنداق دەيدۇ: «مەلۇم جەھەتتىن، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بۇ رايوننى تاشقى دۇنياغا نىسبەتەن ئىزچىل بىر توساق ئورنىدا كۆرۈپ كەلدى. ئۇلار كىشىلەرنى ‹قايتا تەربىيەلەش› لاگېرلىرىغا قامىغاندىمۇ، ئۇلارنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان لاگېرغا قامىلىشىنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى بولغان.» لېكىن پىروفېسسور روبېرتسنىڭ 27-ئاۋغۇست بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا كۆرسىتىشىچە، بۇ سىياسەت رايوندا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقى، پەقەت ئۇنىڭ يېقىنقى 8 يىل مابەينىدە داۋاملىشىۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق بىخەتەرلىك سىياسىتىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدىكەن. شون روبېرتس: «بۇ قارارنىڭ رايوندا چوڭ ئۆزگىرىش پەيدا قىلىشى ناتايىن. بۇ پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى 8 يىلدىن بېرى داۋاملىشىپ كەلگەن يۇقىرى بېسىملىق بىخەتەرلىك سىياسىتىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا، مەن بۇنى ھەيران قالارلىق، دەپ قارىمايمەن. بۇ پەقەت مەزكۇر رايون مۇقىمسىزلىق ۋە يوشۇرۇن تېررورلۇق مەنبەسى، دېگەن سۆزلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ، خالاس.»

ھالبۇكى، نيۇ-يورك ستېيتېن ئارىلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پىروفېسسورى شيا مىڭ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قارارلىرىنىڭ 7-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن كومپارتىيە 20-قۇرۇلتىيى 3-ئومۇمى يىغىنىنىڭ قارارلىرى بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى ۋە 3-ئومۇمى يىغىننىڭ بەزى قارارلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاپەت خاراكتېرلىك ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى قەيت قىلىدۇ. پىروفېسسور شيا مىڭ 27-ئاۋغۇست بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر بىز 3-ئومۇمى يىغىننىڭ ئاخباراتىغا قارىساق، ئۇنىڭ چىقىش نۇقتىسىنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئاپەت خاراكتېرلىك يوقىتىشلارنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتالايمىز.»

شيا مىڭنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇنىڭدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۈچ نۇقتا شىنجاڭغا قارىتىلغان ئىكەن. پىروفېسسور شيا مىڭ: «ئەگەر سىز ئۇنى ئوقۇغان بولسىڭىز، ئۇنىڭدا مۇتلەق بىخەتەرلىك ۋە ئومۇمى رەۋىشتىكى تولۇق بىخەتەرلىك قارىشى، چوڭ بىرلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە دىننىڭ خىتايچىلاشتۇرۇلۇشىنى كۆرىسىز. ناھايىتى ئېنىقكى، بۇ ئۈچ نۇقتىنىڭ ھەممىسى شىنجاڭغا قارىتىلماقتا» دەيدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىقنى يەنىلا ھەممىدىن مۇھىم ئورۇنغا قويۇشى، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ مۇقىملىق بىلەن ئۇيغۇر كىملىكىنى باغلىنىشلىق، دەپ قارىشى، ب د ت ئۇيغۇر ئېلىدە «نۇرغۇن چاتاق قانۇن-سىياسەتلەرنىڭ يەنىلا داۋاملىق ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى» نى قەيت قىلىۋاتقان بىر پەيتتە ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. 27-ئاۋغۇست، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ باياناتچىسى راۋىنا شامداسانى(Ravina Shamdasani)، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئۆمىكىنىڭ بۇ يىل 6-ئايدا خىتاينى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن دىيالوگ ئېلىپ بارغانلىقى، بولۇپمۇ دىيالوگنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش سىياسىتى، جىنايى ئىشلار ئەدلىيە سىستېمىسى ھەققىدە بولغانلىقىنى ئېيتقان.

شامداسانى ب د ت نىڭ «شىنجاڭ دوكلاتى» نىڭ ئىككى يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، «خۇسۇسەن، شىنجاڭ مەسىلىسىدە يەنىلا نۇرغۇن چاتاق قانۇن ۋە سىياسەتلەرنىڭ داۋاملىق ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقى بىلىنمەكتە» دېگەن.

بۇ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۈركنىڭ 2022-يىلى 10-ئايدا بۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بېرى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر ئىلى ۋەزىيىتىگە نىسبەتەن ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈشى ھېسابلىنىدۇ. لېكىن راۋىنا سامداسانى باياناتتا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن يەنىلا دىيالوگنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بىز ب د ت كىشىلىك ھوقۇق باياناتچىسىغا خەت يېزىپ، خىتاي ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق تەۋسىيەلەرنى رەت قىلىۋاتقان ئەھۋالدا، ئۇنىڭ خىتاي بىلەن داۋاملىق دىيالوگ ئېلىپ بېرىشىنىڭ مەنتىقىسى ۋە ئەھمىيىتىنى سورىغان بولساقمۇ، لېكىن ھازىرغا قەدەر جاۋاب بەرمىدى.

ئامېرىكا سىياسىي ئانالىزچىسى، «كور ئانالىتىك مەركىزى» نىڭ قۇرغۇچىسى ئاندېرس كور(Anders Corr) نىڭ 27-ئاۋغۇست بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىتىنى يېڭى سۆزلۈكلەر بىلەن قايتا شەرھلەۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى. ئاندېرس كور مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار (بۇ رايوندا) ھازىرغا قەدەر قىلغان-ئەتكەنلىرىنى يېڭى سۆزلۈكلەر بىلەن قايتا شەرھلەۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.»

ئاندېرس كورنىڭ قەيت قىلىشىچە، نۆۋەتتىكى خىتاي ئېتنىك كۆپ قۇتۇپلۇق نۇقتىسىدىن ئىنتايىن خەتەرلىك ھەم خەۋپلىك بىر دۆلەت بولۇپ قالماقتىكەن. ئاندېرس كور مۇنداق دەيدۇ: «بۇ يەردىكى مەسىلە كومپارتىيەنىڭ خىتاينى پەقەتلا خەن مىللىتىنىڭ، دەپ ھېسابلىشىدۇر. ئۇنىڭ خىتاينى پەقەت خەن مىللىتىنىڭ، دەپ ھېسابلىشى خىتاينىڭ ئېتنىك كۆپ قۇتۇپلۇق دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىشىدۇر. بۇ، مەسىلە بولماقتا.»

ئاندېرس كورنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شۇڭا، ھازىر خىتايدىكى پەرقلىق مىللەتلەر ناھايىتى چوڭ چوڭ خەۋپنىڭ ئىچىدە قالماقتىكەن.

ھالبۇكى، ئامېرىكا جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پىروفېسسور شون روبېرتس، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تېررورلۇق ئەندىشىلىرىنىڭ ھېقىقى رەۋىشتىكى رېئال ئەندىشە ئىكەنلىكىگە سوئال قويماقتا. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەمەلىيەتتە خىتاي بىخەتەرلىكنى بوشاتسا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ قوزغىلىپ نارازىلىق بىلدۈرۈشىدىن ئەندىشە قىلىدىكەن.

شون روبېرتس مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار ئۈچۈن بۇ يەردىكى يوشۇرۇن بىخەتەرلىك خەۋپى رايوندىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى بوشىتىشنى قارار قىلسا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ قوزغىلىپ نارازىلىق بىلدۈرۈشى، ھەتتا زوراۋانلىق ۋاسىتىلىرى قوللىنىش ئەندىشىسىدۇر. نۆۋەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندىكى سىياسىتى ئارقىلىق ئۆزىنى بىر بۇلۇڭغا قىستاپ قويدى. ئەگەر سىز بىر خەلقنىڭ ئۇلارنىڭ ئېتنىك ئارقا كۆرۈنۈشى سەۋەبىدىن باستۇرسىڭىز، بۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ ئاسان يولى بولمايدۇ.»

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى «ئىستراتېگىيەلىك بىخەتەرلىك توسۇقى» غا ئايلاندۇرۇش قارارىدا مۇنداق دېيىلگەن: «يىغىن ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش سىستېمىسى ۋە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە قانۇن ئارقىلىق مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ دائىملىق خىزمەت سىستېمىسىنى پۇختىلاش، جامائەت خەۋپسىزلىكىنى باشقۇرۇش مېخانىزمى، ئىجتىمائىي باشقۇرۇش سىستېمىسى، چېگرا مۇقىملىقىنىڭ خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ھەم زامانىۋىلاشتۇرۇشنى قوللاش، دۆلەت مۇداپىئەسى، ئارمىيە ھەم شىنجاڭغا چېتىشلىق چەت ئەلگە قارشى كۈرەشنىڭ خىزمەت مېخانىزمىنى ياخشىلاپ، دۆلەتنىڭ گېئو-سىياسىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك توساق پەيدا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.»