گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولىز خىتاي زىيارىتىدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تىلغا ئالامدۇ؟

ميۇنخېندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم تەييارلىدى
2024.04.12
olaf-scholz-germaniye گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولىز(Olaf Scholz) باش مىنىستىر سارىيىدا بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈۋاتقان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 12-ئاپرېل، بېرلىن.
AFP/Tobias SCHWARZ

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولىز 13-ئاپرىل 3 كۈنلۈك خىتاي زىيارىتىنى باشلاشتىن ئىلگىرىلا، گېرمانىيەدىكى ھەرقايسى پارتىيە-گۇرۇھلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدىكى ھەر تۈرلۈك بېسىملىرىغا دۇچ كەلدى. ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش سادالىرىمۇ بۇنىڭ تەركىبىدىن ئورۇن ئالدى.

ئولاف شولىز 2021-يىلى ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپ، 2022-يىلى بىرىنچى قېتىم خىتاينى زىيارەت قىلغان ۋاقتىدىمۇ تۈرلۈك بېسىملارغا دۇچ كەلگەن ئىدى. بىراق، بۇ قېتىم ئۇ ئۇچراۋاتقان بېسىملارنىڭ دائىرىسى تېخىمۇ كېڭەيگەن. 12-ئاپرېلدىكى «N-TV» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ «شولىز ھەممىلا تەرەپتىن بېسىمغا ئۇچرىماقتا» ناملىق خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولىز خىتاي زىيارىتىنى تېخى باشلىماي تۇرۇپلا تۆۋەندىكىدەك بېسىملار ئۇنىڭ يەلكىسىنى بېسىشقا باشلىغان:

بۇنىڭ بىرى، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن بولغان سۆھبەتتە شولىز خىتايلارنىڭ گېرمانىيە شىركەتلىرى بىلەن بولغان تەڭسىز سودا رىقابەتلىرىنى ئاياغلاشتۇرۇش، خىتاينىڭ گېرمانىيە شىركەتلىرىگە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قاراتقان تور ھۇجۇملىرى، جاسۇسلۇق قىلمىشلىرىغا خاتىمە بېرىش ھەققىدە سۆزلىشىش. ئىككىنچىسى، خىتاينىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونلىرىدىكى خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ بولغان قىلمىشلىرىغا خاتىمە بېرىش، تەيۋەن ۋە فىلىپپىنلەرگە شەكىللەندۈرۈۋاتقان بېسىملىرىنى توختىتىش توغرىسىدا سۆزلىشىش. ئۈچىنچىسى، خىتاينى رۇسىيەگە قاراتقان ياردەم ۋە قوللاشتىن ۋاز كېچىشكە ئۈندەش. تۆتىنچىسى، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىش، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئېغىر دەرىجىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدە خىتاينى كەسكىن تەنقىدلەش ۋە بۇ مەسىلىنى ئەستايىدىل ھەل قىلىش.

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولىزنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مەسىلىلەرگە قانچىلىك ئېتىبار بىلەن قارايدىغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەسكەن. بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىنى شى جىنپىڭ بىلەن بولغان سۆھبەتتە ئوتتۇرىغا قويامدۇ-يوق، بۇنىڭغا ھازىرچە بىر نېمە دېمەك قېيىنكەن. ئەمما ئولاف شولىز 2022-يىلى 11-ئايدا تۇنجى قېتىم خىتاينى زىيارەت قىلغاندا، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ كۈچلۈك بېسىملىرى بىلەن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ، خىتاينى ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرغان ۋە «كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى مەسىلىسى ئەمەس» دېيىشكە مەجبۇر بولغان ئىدى.

شولىز شۇ چاغدا خىتاينىڭ سابىق باش مىنىستىرى لى كېچياڭ بىلەن بىرگە ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىندا مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ھوقۇقى ئىكەنلىكى ھەققىدىكى كۆز قارىشىم ئېنىق. كىشىلىك ھوقۇق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقلىرىنى ۋە خۇسۇسىي ئەركىنلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاز سانلىقلار ھوقۇقىنى قوغداش مەسىلىسىدە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى تېخىمۇ مۇھىم. بۇ ھەقتىكى كېلىشىملەرگە ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەر ھەممىسى قول قويغان. شىنجاڭغا ئوخشاش جايلاردا دۆلەتلەرنى مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشقا ۋە ئۇلارنى بۇ خىتابنامە بويىچە ئىش قىلىشقا ئۈندەش ھەرگىزمۇ باشقا دۆلەتنىڭ ئىچكىي ئىشىغا ئارىلاشقانلىق بولمايدۇ. »

9-ئاپرىل د ئۇ ق نى ئۆز ئىچىگە ئالغان گېرمانىيەدىكى كۆپلىگەن كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىمۇ شولىزغا قارىتا بىرلەشمە مەكتۇپ ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭدىن ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭ، جەنۇبىي موڭغۇلىيە خەلقلىرى ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە زۇلۇملارنى بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتىنىڭ مۇھىم بىر كۈنتەرتىپى قىلىشنى تەلەپ قىلىشقان ئىدى. د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندى بۈگۈن بۇ ھەقتە توختالغاندا، شولىزنىڭ خىتاي زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن د ئۇ ق ئالدىنقى كۈنى بېرلىندا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ شولىزدىن كۈتىدىغان تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئولاف شولىز خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئالىدىكەن ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملار توغرىسىدا خىتايغا بېسىم شەكىللەندۈرىدىكەن.

مەتبۇئاتلاردىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولىزنىڭ 13-ئاپرىل باشلىنىدىغان خىتاي زىيارىتىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى، بىر ئىزدا توختاپ قېلىۋاتقان گېرمانىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىزدىنىش ھەمدە بەزى خەلقئارالىق مەسىلىلەردە شى جىنپىڭ بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئىكەن. مەلۇم بولغىنىدەك، 2023-يىلىدىن باشلاپ خىتاي بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى سودا ھەمكارلىقى ۋە تاۋار ئالماشتۇرۇش زور دەرىجىدە چېكىنىشكە يۈز تۇتقان، بىر قىسىم گېرمان شىركەتلىرى خىتاينى تەرك ئەتكەن، گېرمانىيەنىڭ خىتاي سىياسىتىدىمۇ زور بۇرۇلۇشلار يۈز بەرگەن ئىدى.

گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، دۇنيادا شۇنچە كۆپ ئۇرۇش ۋە توقۇنۇشلار يۈز بېرىۋاتقان بىر دەۋردىمۇ، خەلقئارادا كۈنتەرتىپتىن چۈشۈپ قالمىغان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىدىن ئولاف شولىزنىڭ ئۆزىنى قاچۇرالىشى قېيىنغا توختايدىكەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتىدە ئولاف شولىز ئەگەر ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئالمىسا، ئۇنىڭ گېرمانىيە جەمئىيىتىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغاش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.