ھامبۇرگ شەھىرىدە خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قارشى زور نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2020-01-20
Share
Hamburg-namayish-1.jpg گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگ شەھىرىدىكى مۇسۇلمانلار ۋە گېرمانلار ئېلىپ بارغان خىتايغا قارشى كۆلىمى زور بىرلەشمە نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 18-يانۋار.
RFA/Ekrem

18-يانۋار گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگ شەھىرىدىكى مۇسۇلمانلار ۋە گېرمانلار خىتايغا قارشى كۆلىمى زور بىرلەشمە نامايىش ئېلىپ باردى.

12-يانۋار كۈنى گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگ شەھىرىدىكى تۈركلەر، تۈركمەنلەر، ئەزاربەيجانلىقلار، ئەرەبلەر ۋە گېرمانلار بىرلىشىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا تەسىس قىلغان جازا لاگېرلىرى تۈزۈمىگە، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئېتنىك ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقلىرىغا قارشى نەچچە مىڭ كىشىلىك زور نامايىش ئېلىپ بارغان ئىدى. 18-يانۋار كۈنى ئۇلار يەنە بىر قېتىم قوزغىلىپ چىقىپ، كۆلىمى زور بىر نامايىش بىلەن ھامبۇرگ شەھىرىنى لەرزىگە سالدى.

ئىگىلىشىمىزچە، ھامبۇرگدىكى تۈرك تەشكىلاتلىرى بۇ قېتىمقى نامايىش ئۈچۈن ئۆزلىرى بىرقانچە مىڭ دانە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلىرىنى تۈركىيەدىن ياسىتىپ ئەكەلگەن. ئۇلار نامايىشتا ئاز ساندىكى تۈرك ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ بايراقلىرىنى كۆتەرگەندىن باشقا، مۇتلەق كۆپ قىسمى ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلغان. نامايىش مەيدانىدا تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە گېرمانىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى نۇتۇقلار سۆزلەپ، خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.

18-يانۋار ھامبۇرگدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا ميۇنخېن شەھىرىدە ياشايدىغان بىر بۆلۈك ئۇيغۇرلارمۇ بېرىپ قاتناشقان. ئۇيغۇر دىنىي زاتلىرىدىن ئابدۇجېلىل ئەمەت ئەپەندى بۇ نامايىشلارنى ھامبۇرگدىكى تۈرك ۋە ئەرەب تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھەسسىدارلىق قىلىش يۈزىسىدىن ئۆزلىرى تەشكىللىگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ميۇنخېندا ياشايدىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئېلچىن ئەپەندىمۇ ھامبۇرگدىكى نامايىشقا بېرىپ قاتناشقان بولۇپ، ئۇ نامايىشچىلارنىڭ ئۇزۇن سەپ تۈزۈپ ھامبۇرگ كوچىلىرىدا بىرقانچە كىلومېتىر يول يۈرۈپ، خىتايغا قارشى جاراڭلىق شوئارلارنى توۋلاش ئارقىلىق خىتايغا بولغان غەزەپ-نەپرەتلىرىنى ئىپادە قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

نامايىشچىلار «خىتاي، ئېتنىك قىرغىنچىلىقنى توختات، جازا لاگېرلىرىنى دەرھال تاقا، ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك، شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك!» دېگەندەك شۇارلارنى توۋلاشقان. ميۇنخېندىن بېرىپ بۇ نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ھىلالدىن ئەپەندى نامايىشنىڭ ناھايىتى تەسىرلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى بايان قىلدى. نەسرۇللاھ ئەپەندىمۇ بۇ نامايىشنىڭ ئۆزلىرى كۈتكەندىن ئارتۇق ھەيۋەتلىك ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېتنىك ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقلىرى توغرىسىدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىۋاتقان ھەر تۈرلۈك ئۇچۇرلار غەرب كىشىلىرىنىڭ ئۆزلۈكىدىن قوزغىلىپ خىتايغا قارشى تۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇۋاتقان ئاساسلىق ئامىللارغا ئايلانغان. بولۇپمۇ ياۋروپادىكى تۈرك تەشكىلاتلىرى ۋە باشقا مۇسۇلمان جامائىتى 2019-يىلى دېكابىردىن بۇيان ئۆزلۈكىدىن قوزغىلىپ كۆپ قېتىم كۆلىمى زور بولغان نامايىشلارنى ئېلىپ بارغان ئىدى. بۇنىڭ ئىچىدە گېرمانىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان نامايىشلارنىڭ سانى كۆپ، تەسىرى كۈچلۈك بولدى. گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرى بۇ نامايىشلار توغرىسىدا كۆپلەپ خەۋەرلەر ئېلان قىلدى. ئۇيغۇر زىيالىيسى ئۈمىد تۇرسۇن ئەپەندى بۇ نامايىشلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا خەيىرلەر نېسىپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل ئىچىدە ياۋروپادىكى چوڭ دۆلەتلەردىن گېرمانىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، ئىتالىيە، شىۋېتسىيە، گوللاندىيە، نورۋېگىيە قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەردە يەنە تۈرك ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ ھەمكارلىقىدا كۆلىمى زور بولغان بىرلەشمە نامايىشلار تەشكىللىنىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.