گېرمانىيەدە ئۇيغۇر رەسساملىرىنىڭ «توغراق روھى» نامىدىكى گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلىدىكەن

0:00 / 0:00

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىمنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل 6-ئاينىڭ 7- كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە، گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھىرىدىكى سكولېس بلوتېنبۇرگ مەدەنىيەت مەركىزىدە « توغراق روھى» نامىدا ئۇيغۇر رەسساملىرىنىڭ ماي بوياق، ھەيكەلتىراشلىق ۋە گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىمنىڭ ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئۇيۇشتۇرغان «ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» دا كۆرگەزمىگە قويغان رەسىملىرى. 2022-يىلى 14-دېكابىر، ۋاشىنگتون.
رەسسام مەرۋايىت ھاپىز

مەرۋايىت خانىم بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر كۆرگەزمە پىلانىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى ۋە تەييارلىق خىزمەتلىرى ھەققىدە توختالدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر كۆرگەزمە پىلانى ئامېرىكا، ياۋروپا ئەللىرى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە خىلمۇخىل ئۇسلۇبلاردا ئۆزلىرىنىڭ گۈزەل سەنئەت ئىجادىيىتىنى داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنىڭ ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىشى بىلەن ۋۇجۇدقا چىققان ئىكەن.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، «توغراق روھى» نامىدىكى بۇ قېتىملىق رەسىم كۆرگەزمىسى ئەمەلىيەتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنىڭ ياۋروپادا كوللېكتىپ ھالدا ئۆتكۈزىدىغان تۇنجى قېتىملىق گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمىسى ھېسابلىنىدىكەن.

ئۇ يەنە بۇ قېتىملىق كۆرگەزمىگە قويۇلىدىغان ئەسەرلەر ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنىڭ بۇ قېتىملىق كۆرگەزمىگە قويۇلىدىغان ئەسەرلىرى ئىجادىيەت ئۇسلۇبى جەھەتتىن بىر-بىرىدىن پەرق قىلسىمۇ، ئەمما ئۇلاردا ئەكس ئەتكەن قويۇق ئۇيغۇر مەدەنىيەت مۇھىتى ۋە مەدەنىيەت يىلتىزى جەھەتتىن مەلۇم ئورتاقلىقلارنى نامايان قىلىدىكەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل 6-ئاينىڭ باشلىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «توغراق روھى» نامىدىكى ئۇيغۇر گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمىسى، مىيۇنخېندىكى مەدەنىيەت ۋە سەنئەت ئورۇنلىرىنىڭ قوللىشى، ئۇيغۇر رەسساملارنىڭ خالىسانە پىداكارلىقى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ يېقىندىن ياردىمىگە ئېرىشكەن. ئۇنى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر رەسساملىرى ۋە سەنئەتكارلىرىنىڭ خەلقئارالىق سەۋىيەدە كوللېكتىپ ئۆتكۈزىدىغان گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمىسى دېيىشكە بولىدىكەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە سەنئەت نۇقتىسىدىن تۇرۇپ، ئۇيغۇر رەسساملىقى ۋە ئۇيغۇر سەنئەت- مەدەنىيىتى روھىنى ياۋروپادا نامايان قىلىش نىشان قىلىنغان بولۇپ، بۇنى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ياۋروپا ئەللىرىدىكى سەنئەتكارلار ۋە خەلقىگە تونۇتۇشتا ئېلىنغان زور بىر قەدەم دېيىشكە بولىدىكەن.