ئۇيغۇر تەشكىلاتى: «خىتاي ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ۋولكىسۋاگېن ئارقىلىق گېرمانىيەنى گۆرۈگە ئېلىۋالدى»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2023.03.01
volkswagen-uyghur-urumchi.jpg گېرمانىيە ۋولكسۋاگېن(Volkswagen) شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى تارمىقى.
dw.com

ئۇيغۇر رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدىكى ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىنى تاقاشنى ئىزچىل رەت قىلىپ كېلىۋاتقان گېرمانىيە ئاپتوموبىل شېركىتى-ۋولكىسۋاگوننىڭ رايوندىكى زاۋۇتىدا ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىشنى داۋاملاشتۇرۇشتا داۋاملىق چىڭ تۇرۇشى، شۇنداقلا زاۋۇتنىڭ خىزمەت شارائىتىنى ماختىشى يەنە مۇنازىرە قوزغىغان.

شىفېلد ھاللام ئۇنىۋېتسىتېتىنىڭ كېننىدى مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلار، ۋولكىسۋاگېننى زاپچاس بىلەن تەمىنلەيدىغان خىتاي تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ۋولكىسۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنىڭ يۇقىرى ئ‍ۆلچەملىك مەشغۇلات ئېلىپ بارىدىغانلىقى، ئىشچىلارنىڭ ناچار مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلىقىغا ئائىت ھېچقانداق ئالامەت بايقىمىغانلىقىنى قەيت قىلىشى، گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ۋولكىسۋاگېن شىركىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى ۋە شىركەتنىڭ خىتاي دېرىكتورى رالف برانسىتاتېر 2-ئاينىڭ 16-ۋە 17-كۈنلىرى ۋولكىسۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنى زىيارەت قىلغان. ئۇنىڭ زىيارەتتىن كېيىن تاراتقۇلارغا قىلغان سۆزى ئ‍ەسلىدىنلا بار بولغان نارازىلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن. «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رالف برانسىتاتېر زىيارەتتىن كېيىن مۇخبىرلارغا «ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇت خىتايدىكى باشقا بارلىق شېرىك زاۋۇتلارغا ئ‍وخشاش.» «بىزنىڭ شېرىكلىرىمىز ئىجابىي مۇھىت ۋە مۇۋاپىق خىزمەت شارائىتىغا كاپالەتلىك قىلىشقا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.

ۋولكىسۋاگېن ئۈرۈمچىدە زاۋۇت قۇرغان بىردىن-بىر چەت ئەل ئاپتوموبىل شىركىتى بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتى يەرلىك خەلقنى «ئىجابىي مۇھىت ۋە مۇۋاپىق خىزمەت شارائىتى بىلەن تەمىنلىمەكتە» دەپ ئ‍اقلىشى ئەمەس. نۇپۇزلۇق تەتقىقاتچىلارنىڭ قەيت قىلىشىچە، رالف برانسىتاتېرنىڭ سۆزى زاۋۇتتىكى ئىشچىلار بىلەن ئالاقە قۇرۇشنىڭ مۈشكۈل بولسىمۇ، مۇمكىنلىكىنى كۆرسىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇنداق زىيارەتنىڭ بۇ زاۋۇتتىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئېنىقلاشتا ئەھمىيەتسىز ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدىكەن.

ئەنگىلىيە شىفېلد ھاللام ئۇنىۋېرسىتېتى ھېلىنا كېننىدى مەركىزىنىڭ دېرىكتورى، پروفېسسور لاۋرا مۇرفېي 28-فېۋرال زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دىدى: «ھەتتا ۋولكىسۋاگېن ۋەكىلىنىڭ سۆزى ئۇيغۇر رايونىدىكى زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان ئىشچىلار بىلەن ئالاقە باغلاش مۈشكۈل بولسىمۇ، بىراق مۇمكىنسىز ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. لېكىن ئۇنىڭ پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇنداق زىيارەتتىن ئېرىشكەن ھەرقانداق ئۇچۇرىنىڭ بۇ زاۋۇتتىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئېنىقلاشتا ياكى تەمىنلىگۈچىلەرنى بايقاشتا ھېچقانداق ئەھىمىيىتى يوق.»

پروفېسسور مۇرفېينىڭ ئېيتىشىچە، رالف برانسىتاتېر ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتتا ئېلىپ بارغان زىيارىتى، ۋولكىسۋاگېننىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بولغان مۇناسىۋېتىگە دائىر تېخىمۇ كۆپ سۇئال پەيدا قىلغان. لاۋرا مۇرفېي مۇنداق دەيدۇ: «ۋولكىسۋاگېن يەنە ئۇنىڭ تەمىنلىگۈچىلىرىنىڭ خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىكى ۋە دۇنيانىڭ باش جايلىرىدىكى زاۋۇتلىرىنى تەمىنلىشى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قانداق باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىگە دائىر سۇئاللارغا جاۋاب بەرمىدى. شۇڭا، مېنىڭچە بۇ زىيارەت تېخىمۇ كۆپ سۇئال ۋە تېخىمۇ كۆپ جاۋاب بېرىلىشىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.»

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ يەردىكى ۋولكىسۋاگېنغا بولغان نارازىلىقىنىڭ ئاساسى تۈگۈنى، ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىدا ئىشلەيدىغان خىزمەتچىلىرىگە تۇتقان مۇئامىلىسى ياكى ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشلىتىۋاتقانلىقى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى زاپچاس بىلەن تەمىنلىگۈچى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى «نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش» نامىدىكى دۆلەتنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك پروگراممىسىغا كەڭ كۆلەملىك قاتنىشىۋاتقان شىركەتلەر ئىكەنلىكى، شۇنداقلا ۋولكىسۋاگېننىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» بولۇۋاتقان بىر رايوندا نورمال ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىشىدۇر. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن گېرمانىيەدىكى «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» 28-فېۋرال كۈنى ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، رالف برانسىتاتېرنىڭ زىيارىتى، ۋولكىسۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ دېرىكتورى غەيۇر قۇرباننىڭ ئېيتىشىچە، ۋولكىسۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتى خىتاينىڭ قاتتىق تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋېلىشى ئاستىدا قۇرۇلغان ئىكەن.

ئۇ، ئەينى ۋاقىتتا خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدە زاۋۇت قۇرۇشنى قاتتىق تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋېلىشىنىڭ «ئېنىق بىر سىياسىي تەلەپ» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. غەيۇر قۇرباننىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ۋولكىسۋاگېننى گۆرۈگە ئېلىش ئارقىلىق گېرمانىيەنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىگە قارىتا قاتتىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئالغان. غەيۇر قۇربان بۇ ئۇنىڭ «گېرمانىيەنى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارىتا دادىل قەدەملارنى ئالالمايدىغان بىر ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن ئوينىغان ئويۇنى» دېدى.

لېكىن «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، رالف برانسىتاتېر تاراتقۇلارغا قىلغان سۆزىدە، زاۋۇت ئاشخانىسىنىڭ بىرقانچە تىلدىكى لەۋھەسى، شۇنداقلا ئاشخانىدا ھالال تاماق بېرىلىدىغانلىقى، ئۇيغۇر ئىشچىلىرىنىڭ ئىككى مەدەنىيەت بايرىمىدا قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «زاۋۇت باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئىشچىلىرىنى راھەت ھېس قىلدۇرۇشقا تىرىشىدىغانلىقى» نى ئېيتقان. لېكىن ھالال تاماق ۋە بىر قانچە خىل تىلدىكى لەۋھە-تاختايلارنىڭ قانداق بولۇپ بۇ زاۋۇتتا ھازىرغا قەدەر مەۋجۇت ئىكەنلىكى مەلۇم ئەمەس.

ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا مىليونلىغان ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان تۈركىي مىللەتلەرنى تۈرمە، لاگېرلارغا قاماش، ئېشىنچە ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە باشقا جايلارغا يۆتكەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، «ھالال» دېگەن سۆزنى چەكلەپ، بۇنىڭغا ئائىت بارلىق ماركا، لەۋھە، تاختىلارنى بىردەك ئېلىپ تاشلىغان، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ نەۋروز بايرىمى، قۇربان ھېيت، روزى ھېيتلىرىنى تەبرىكلىشىنى چەكلىگەن. «ھالال» دېگەن سۆز ئۇيغۇر رايونىدا «دىنىي رادىكاللىق» نىڭ ئىپادىسى، دەپ قارالغان ئىدى.

پروفېسسور مۇرفېينىڭ ئېيتىشىچە، ۋولكىسۋاگېننىڭ ۋەكىلى ئۆزىنىڭ ھەركىتىنى ئاقلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر رايونىدا ۋەزىيەتنىڭ 2015-يىلدىن باشلاپ ئۆزگەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. پروفېسسور مۇرفېي: «ۋولكىسۋاگېن ۋەزىيەتتىكى جىددىي ئ‍ۆزگىرىشنى بىلىپ تۇرۇپ نېمە ئۈچۈن رايوندىكى ئىشلەپچىقىرىشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ؟» دەپ سۇئال قويدى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ۋولكىسۋاگېننىڭ ۋەكىلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنىڭ 2015-يىلى جىددىي باستۇرۇشقا ئۆزگەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. بۇ دەل ۋاكىسۋاگېننىڭ بۇ رايوندا ئىشلەپچىقىشنى باشلىغان ۋاقتى بولۇپ، كېيىنكى 4 يىل مابەينىدە ئىشلەپچىقىرىشى مۇقىم داۋاملاشتى. بۇ يەردىكى سۇئال ۋولكىسۋاگېن رايوندا ئېغىر باستۇرۇش بولىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ نېمە ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىشىنى يەنە داۋاملاشتۇرىدۇ؟»

لاۋرا مۇرفېينىڭ ئېيتىشىچە، ۋولكىسۋاگېننىڭ بىلىپ تۇرۇپ رايوندا ئىشلەپچىقىرىشىنى داۋاملاشتۇرىشى، جىددىىي تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلىدىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ ۋولكىسۋاگېن ۋەكىلىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر رايونىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتا باستۇرۇش بولۇۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىنى ئاڭلىشىمىزدۇر. بۇ ئەھۋال جىددىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى، بولۇپمۇ ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ». خىتاي ۋولكىسۋاگېننىڭ ئەڭ چوڭ ئاپتوموبىل بازىرى بولۇپ، ئۇ 2018-يىلى خىتايدا 4 مىليون 200 مىڭ ئاپتوموبىل ساتقان. لېكىن ئۇنىڭ 2022-يىلدىكى ئاپتوموبىل سېتىشى تۆۋەنلەپ، 3 مىليون 180 مىڭغا چۈشكەن.

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» نىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە ۋولكىسۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنىڭ 240 نەپەر ئىشچىسى بار بولۇپ، ئۇنىڭ 17 پىرسەنتىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلىدىكەن. خەۋەردە ئۇنىڭ ئىشچىسى ئەڭ كۆپەيگەن ۋاقتىدا 670 كە يېتىپ بارغالىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.