گېرمانىيەدىكى پويىز بېكەتلىرىگە خەيكاڭ شىركىتىنىڭ كامېرالىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى قارشىلىققا ئۇچرىدى

0:00 / 0:00

گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ يىل يازدا خىتاي تېخنولوگىيە گۇرۇھى‏-خەيكاڭ ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ كۆزىتىش كامېرالىرىنى سېتىۋېلىپ، گېرمانىيەدىكى بەزى شەھەرلەرنىڭ پويىز ئىستانسىلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى قارار قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ قارارغا كېلىشىگە بۇ يىل 7‏-ئايدا گېرمانىيەنىڭ فرانكفۇرت شەھىرىدىكى بىر پويىز بېكىتىدە بىر كىچىك بالىنىڭ پويىز ئاستىدا قېلىپ ئۆلۈپ كېتىشى سەۋەب بولغانىدى. گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى خورست سېخوف بۇ يىل 9‏-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا گېرمانىيەدىكى پويىز بېكەتلىرىگە تېخىمۇ كۆپ كۆزىتىش كامېراسى ئورۇنلاشتۇرۇشنى قارار قىلغانلىقى، كۆزىتىش كامېرالىرىنى خىتاي شىركەتلىرىگە زاكاز قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نۆۋەتتە، گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ قارارى گېرمانىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىماقتا. ئۇلارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ گېرمانىيەدىكى پويىز بېكەتلىرىگە خەيكاڭ تېخنولوگىيە ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتىدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا لاگېر قۇرۇلۇشى ۋە دىگىتال ئىستىبداتلىق نازارەت سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا يەرلىك مۇسۇلمان خەلقلەرنى باستۇرۇشىغا ياردەملىشىۋاتقان خىتاي كارخانىلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىشى، گېرمانىيە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سودا ۋە كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدىكى ھەرىكەت پىلانىغا پۈتۈنلەي خىلاپ ئىكەن.

گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەزكۇر پىلانى ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى خەيكاڭ تېخنولوگىيە شىركىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 8 خىتاي شىركىتى ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى 20 دەك يەرلىك ج خ ئىدارىسىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈشنىڭ بىر قانچە ھەپتە ئالدىدا ئېلان قىلىنغان. ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى يۇقىرىقى شىركەت ۋە ج خ ئورگانلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغانلىقى ياكى ئۇنىڭغا ياردەملەشكەنلىكى سەۋەبلىك قارا تىزىملىككە ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. بىز، 15‏-ئۆكتەبىر كۈنى گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەزكۇر مەسىلىدىكى ئىنكاسىنى ئېلىش مەقسىتىدە ئۇلارغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋالنى چۈشەندۈردۇق، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ قارارىدا ھەرقانداق بىر ئۆزگىرىش بولغان-بولمىغانلىقىنى سورىدۇق. ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى، سوئالىمىزغا تېلېفوندا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقى، سوئالىمىزنى ئېلخەت ئارقىلىق ئەۋەتىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. بىز سوئالىمىزنى دەرھال ئۇ تەمىنلىگەن ئېلخەتكە ئەۋەتكەن بولساقمۇ، لېكىن ھازىرغا قەدەر جاۋاب كەلمىدى.

گېرمانىيە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا 2 مىليوندەك مۇسۇلماننى لاگېرلارغا قاماپ، رايوندا قۇرغان دىگىتال ئىستىبداتلىق سىستېمىسىنى قاتتىق تەنقىد قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرىدۇر. گېرمانىيەنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى ۋەكىلى ئىلگىرى كۆپ قېتىم خىتاينى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى تاقاپ، تۇتقۇنلارنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىشكە ئۈندىگەن ئىدى. «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى» ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەزكۇر پىلانىغا قارشى چىققان گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرىدۇر. مەزكۇر تەشكىلات يېقىندا بايانات ئېلان قىلىپ، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئىزچىل بولۇشى كېرەكلىكى، ئەگەر ئۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەنقىد قىلسا، ئۇ ھالدا خەيكاڭ شىركىتىدەك خىتاي كارخانىلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى گېرمانىيەدىكى ئاممىۋى سورۇنلارغا ئورۇنلاشتۇرماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ دىرېكتورى ئۇلرىخ دېلىئۇس 15‏-ئۆكتەبىر كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىز بۇ ۋەقەنى گېرمانىيە فېدېراتسىيە پارلامېنتىدىكى بۇنىڭدىن خەۋەردار دوستلىرىمىزدىن ئاڭلىدۇق. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خەيكاڭ شىركىتىنىڭ كامېرالىرىنى بېرلىندىكى مىنىستىرلىقلارنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى قاتارلىق ئورۇنلارغا ئورۇنلاشتۇرماقچى بولغانلىقىنى دەلىللىگەن. بۇ پىلان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى ھەيران قالدۇرغاندەك قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىز بۇ مەسىلىدىكى ئەندىشىلىرىمىزنى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەمەلدارلىرىغا يەتكۈزۈپ، ئۇلارغا بۇ مەھسۇلاتلارنى قايسى خىتاي شىركىتى ئىشلەپچىقىرىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ قايسى خىتاي شىركەتلىرىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى تەكشۈرمەي تۇرۇپ، ئىشلىتىشنىڭ ئۇلارغا پايدىلىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈردۇق.»

ئۇلرىخ دېلىئۇسنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇلارنىڭ مەزكۇر مەسىلىنى ھازىرقىدەك ھالقىلىق بىر ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا قويۇشى ئىنتايىن زۆرۈر ئىكەن. دېلىئۇس مۇنداق دەيدۇ: «بىز بۇ مەسىلىنى گېرمانىيەدە ھازىرقىدەك بىر ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز ئىنتايىن زۆرۈر، دەپ قارايمىز. چۈنكى، گېرمانىيە ئىچكى ئىشلا مىنىستىرلىقى ئاممىۋى سورۇنلارغا كۆزىتىش كامېراسى ئورۇنلاشتۇرۇپ، نازارەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. شۇڭا، بىزنىڭ بۇ ئەھۋالنى ھازىرنىڭ ئۆزىدە كۆتۈرۈپ چىقىشىمىز بەك زۆرۈر. بىز بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ كامېرالىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماي، يەنە ئارتۇقچە چىقىمنىڭ ئالدىنى ئالدۇق.»

لېكىن گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ گېرمانىيەدىكى ئاممىۋى سورۇنلاردا ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا خەيكاڭ شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىۋاتقىنىغا خېلى بولغان. خەيكاڭ شىركىتىنىڭ تورىدىكى ئۇچۇرلاردا ئاشكارىلىنىشىچە، مەزكۇر شىركەتنىڭ كۆزىتىش تېخنىكىسى گېرمانىيەنىڭ پويىز ئىستانسىسى ۋە گېرمانىيەدىكى بىرقانچە شتات ۋە فېدېراتسىيە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئىشلىتىلىۋاتقان بولۇپ، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق بەزى ئورۇنلار خەيكاڭ شىركىتىنىڭ كامېراسىدا كۆزىتىلمەكتىكەن. بۇ ئەھۋالنى گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ يىل 3‏-ئايدا گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان ئەزاسى كونستاتىن كۇھلېنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئال-تىلەكچىسىگە بەرگەن جاۋابىدا دەلىللىگەن.

«گىراژدانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىسسىيەسى» گېرمانىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇقى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغان پۇقرالارغا پسىخولوگىيەلىك ياردەم بېرىدىغان خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ بىرىدۇر. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ خادىمى ئاندېرىئۇسنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، چەتئەلدە ئىشلەنگەن ھەرقانداق مەھسۇلاتنىڭ باشقىلارغا زىيان سېلىش بەدىلىگە ئىشلەپچىقىرىلمىغانلىقى ئىسپاتلانماي تۇرۇپ، گېرمانىيەدە ئىشلىتىلمەسلىكى كېرەك ئىكەن. ئۇ 15‏-ئۆكتەبىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «مېنىڭ شەخسى قارىشىمچە ھەرقانداق مەھسۇلات ئېنىق بولماي تۇرۇپ، بىخەتەر ئىكەنلىكى ئىسپاتلانماي تۇرۇپ، ئىشلىتىلمەسلىكى ياكى ئورۇنلاشتۇرۇلماسلىقى كېرەك. بۇ خىل مەھسۇلاتلار كىشىلەرگە زىيان يەتكۈزمەي ئىشلەپچىقىرىلغانلىقى ياكى باشقا دۆلەتلەردىكى خەلقلەرگە زىيانكەشلىك قىلىش بەدىلىگە ئىشلەپچىقىرىلمىغانلىقى ئېنىق بولغاندا ئىشلىتىلىشى كېرەك. مەن ئىشلەۋاتقان بۇ تەشكىلاتنىڭ مەقسىتى ۋە خىزمىتى پسىخولوگىيەلىك خورلاشنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ئۇنىڭغا خاتىمە بېرىشتۇر.»

ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خەيكاڭ شىركىتىدەك كارخانىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى گېرمانىيەدىكى جامائەت سورۇنلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇش بۇ جايدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر قىلىپ، ئۇلاردا بىئارامچىلىق يارىتىدىكەن. لېكىن ئۇ ھازىرغا قەدەر بىرەر ئۇيغۇرغا پسىخولوگىيەلىك ياردەمدە بولۇپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن خەۋەرلەردىن بۇ ئەھۋاللارنى ئاڭلىدىم. لېكىن ھازىرغا قەدەر قولىمىزدا ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار بىرەر كېسەللىك يوق ياكى بىرەر كىشى كېلىپ جەمئىيىتىمىز بىلەن ئالاقىدە بولۇپ باقمىدى. ئەلۋەتتە، بىز گېرمانىيەدە تۇرۇپ، خىتايدىكى ئۇيغۇرلارغا ھېچنېمە قىلىپ بېرەلمەيمىز. بىزنىڭ تەشكىلاتىمىز بۇ جەھەتتە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا ئورگانلاردىن پەرقلىنىدۇ. بىز پەقەت گېرمانىيە ئىچىدىكى ئىشلاردا ياردەم قولىمىزنى سۇنالايمىز.»

ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەر ئىزچىل باشقا دۆلەتلەرنى خەيكاڭ، داخۇا، خۇاۋېي قاتارلىق خىتاي تېخنولوگىيە شىركەتلىرىدىن ھوشيار بولۇشقا ئاگاھلاندۇرۇپ، بۇ شىركەتلەرنىڭ خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەن مەلۇم بولۇشىچە، خەيكاڭ تېخنولوگىيە شىركىتىنىڭ 42 % پاي چېكىنى خىتاي دۆلىتى كونترول قىلىدىكەن. ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى خەيكاڭ شىركىتىنى ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە شېرىك بولۇش قىلمىشى سەۋەبلىك قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈشنىڭ بىر قانچە ئاي ئالدىدا، ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشنى چەكلىگەن. «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» يېقىندا ئېلان قىلغان خەيكاڭ شىركىتى ھەققىدىكى باياناتىدا، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىنى ئۈلگە ئېلىپ ئۇنىڭ بۇرۇن ئىشلەتكەن مەھسۇلاتلىرىنى سۆكۈپ ئېلىۋېتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.