گېرمانىيەدىكى «يىپەك يولى» ئۇيغۇر رېستورانى نېمە ئۈچۈن خىتايلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ؟
2024.11.01
گېرمانىيەنىڭ ستۇتگارت شەھىرىدە يېڭىدىن ئېچىلغان «يىپەك يولى» ئۇيغۇر رېستورانى 30-ئۆكتەبىردىن باشلاپ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن X دا، خىتايلارنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ قالغان. بەزى خىتايلار «بۇ رېستوراننىڭ دۆلىتىمىزگە قارشى ئارقا كۆرۈنۈشى بار» دەپ يازسا، بەزىلىرى «بۇ دۇكاننىڭ خوجايىنى مىللىي بۆلگۈنچى» دېگەن. يەنە بەزىلىرى «شەرقىي تۈركىستانچى ئۇنسۇرلارنىڭ رېستورانى» دېسە، بەزىلىرى «ئېھتىيات قىلمىساق، تاماقتىن زەھەرلەپ قويىدۇ، ئۇلار خەنزۇلارغا ئىنتايىن ئۆچ» دېگەن. نەتىجە ئېتىبارى بىلەن ئېيتقاندا، خىتايلار «يىپەك يولى» ئۇيغۇر رېستورانىنى بايقۇت قىلماقچى بولۇشقان.
بىز بۈگۈن 1-نويابىر كۈنى «يىپەك يولى» ئۇيغۇر رېستورانىنىڭ خوجايىنى ھەسەنجان قاسىم بىلەن ئالاقىلىشىپ، خىتايلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇلارغا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھۇجۇم قوزغايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى سورىدۇق. ھەسەنجان قاسىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «يىپەك يولى» رېستورانى ئېچىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ستۇتگارت شەھىرىدىكى بىر يەرلىك گېزىت ئۇلارنى زىيارەت قىلغان. ھەسەنجان قاسىمنىڭ قىزلىرى مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «ئۇيغۇرلارنىڭ تىل، ئۆرپ-ئادەت، مەدەنىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىللىي كىملىك جەھەتلەردە خىتايلاردىن تۈپتىن پەرقلىنىدىغان ئايرىم بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلار بىلەن ھېچ ئالاقىسى يوقلىغىنى، بۇ رېستوراننىڭ تائاملىرىنىڭمۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە مەنسۇپلۇقىنى» چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن. بۇ زىيارەت خاتىرىسى شۇ پېتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خىتايلار «يىپەك يولى» ئۇيغۇر رېستورانىغا تەرەپ-تەرەپتىن ھۇجۇم قوزغاشقا باشلىغان.
خىتايلارنىڭ «يىپەك يولى» ئۇيغۇر رېستورانىغا تورلاردا ھەر خىل سەلبىي سۆز-ئىبارىلەر بىلەن ھۇجۇم قوزغىشىغا سەۋەب بولغان يەنە بىر ئامىل، رېستوران خوجايىنى ھەسەنجان قاسىمنىڭ قىزى شاھنۇرانىڭ يىللاردىن بۇيان، تىك-توك ۋە ئىنستاگرام قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتاي زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلىتىپ كۆزگە كۆرۈنگەن بىر «چولپان» غا ئايلانغانلىقى بولغان.
شاھنۇرا قاسىم ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇش، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىش بىلەن تونۇلۇپلا قالماي، گېرمانىيەدىكى داڭلىق گېزىتلەردىن «جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى»، «دۇنيا گېزىتى» قاتارلىق گېزىتلەردە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى پائالىيەتلىرى بىلەن تونۇشتۇرۇلغان ئۇيغۇر ياشلىرىدىن ئىدى. «يىپەك يولى» ئۇيغۇر رېستورانى ئېچىلغاندىن كېيىن، ئۇ بەزىدە دادىسىغا ياردەملىشىپ ئىشلىگەن. شاھنۇرانىڭ «يىپەك يولى» ئۇيغۇر رېستورانىدا ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆرگەن خىتايلار ئۇنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى پائالىيەتلىرىنى دەسمى قىلىپ تۇرۇپ، مەزكۇر رېستوراننىڭ «خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى كۈچلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان» لىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن.
ئەمما، ھەسەنجان قاسىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ «يىپەك يولى» ئۇيغۇر رېستورانىنى ئاچقاندا، خىتاي خېرىدارلارنى نەزەرگە ئېلىپ كەتمىگەن. ئۇلار رېستوراننىڭ ۋىۋىسكىسىغا بولسۇن ياكى تاماق تىزىملىكلىرىگە بولسۇن، بىرمۇ خىتايچە سۆز كىرگۈزمىگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ئاساسلىق خېرىدارلىرىنىڭ يەرلىك ئاھالە ئىكەنلىكىنى، خىتايلارنىڭ بۇ رېستورانغا كىرىش-كىرمەسلىكىنىڭ ئۆز تىجارىتىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
1990-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ گېرمانىيەگە كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇرلار، 2000-يىللارنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىن باشلاپ ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان شەھەرلەردە ئۇيغۇر تائاملىرىنى ئاساس قىلغان رېستورانلارنى ئېچىشقا باشلىغانىدى. گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئېچىلغان «تەكلىماكان ئۇيغۇر رېستورانى»، «قەشقەر ئۇيغۇر رېستورانى»، «تەڭرىتاغ ئۇيغۇر رېستورانى» قاتارلىق رېستورانلار تاكى بۈگۈنگىچە قەدەر تىجارەتلىرىنى ياخشى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.
ھالبۇكى، بۇ رېستورانلار ئەينى چاغدا خىتايلار تەرىپىدىن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «د ئۇ ق نى ماددىي جەھەتتىن قوللايدىغان بۆلگۈنچىلەرنىڭ، تېررورىستلارنىڭ رېستورانى» دەپ ئەيىبلەنگەن ۋە بايقۇت قىلىنغانىدى. گېرمانىيەدىكى جامائەت ئەربابى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، شۇ چاغلاردىكى خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر رېستورانلىرىنى بايقۇت قىلىش ھەرىكەتلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە، چەت ئەللەردە رېستوران ئېچىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتىنى يەرلىك ئاھالىلەرگە تونۇتۇشنى ئاساسىي مەقسەت قىلسا، تىجارىتىنىڭ تېخىمۇ روناق تاپىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
دەرۋەقە، «تەكلىماكان ئۇيغۇر رېستورانى»، «قەشقەر ئۇيغۇر رېستورانى»، «تەڭرىتاغ ئۇيغۇر رېستورانى» قاتارلىق رېستورانلار ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتىنى گېرمانلارغا تونۇتۇشتا زور تۆھپە يارىتىپلا قالماي، گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن كۆپلىگەن خەلقئارالىق يىغىنلارنىڭ ئاساسلىق ساھىبخانلىرى بولۇپ خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە. ميۇنخېن ئۇيغۇر جامائىتىمۇ ئۆزلىرى ياشاۋاتقان شەھەردە ئۆز مىللىتىگە مەنسۇپ مۇشۇنداق رېستورانلارنىڭ بولغانلىقىدىن كۆپ مەمنۇنلۇق ھېس قىلىدىكەن.