غەيۇر قۇربان گېرمانىيە پارلامېنت ئەزالىرىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان جىنايەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تونۇش توغرىسىدا ئىمزا توپلاش پائالىيىتى باشلىدى.
د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، قۇرۇلتاي ياشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى غەيۇر قۇربان ئەپەندى 5-ماي كۈنى توردا ئىمزا توپلاش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، گېرمانىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ۋە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇشىنى تەشەببۇس قىلغان. بۇ پائالىيەت 17-ماي گېرمانىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئۇيغۇرلارغا ئائىت «ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش» يىغىنى ھارپىسىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان.

ئىمزا توپلاش چاقىرىقىنىڭ تېمىسى: «گېرمان پارلامېنت ئەزالىرى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان جىنايەتلىرىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ تونۇڭ!» دېگەندىن ئىبارەت بولۇپ، چاقىرىقنىڭ مۇقەددىمىسى مۇنداق ئىبارىلەر بىلەن باشلانغان: «2017-يىلىدىن بۇيان خىتاي ھاكىمىيىتى 1 مىليون 800 مىڭ بىلەن 3 مىليون ئارىسىدا ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنى مەقسەتلىك ھالدا جازا لاگېرلىرىغا قامىدى. ئۇلارنىڭ جىنايەتلىرى: ئۇزۇن ساقال قويغانلىق، چەت ئەلدە ئوقۇغانلىق ياكى كۆپ پەرزەنت كۆرگەنلىك ئىدى. خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ نەزەرىدە بۇلار مېڭە يۇيۇش، شەپقەتسىز قىيناش ۋە مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىشتەك ئىنسانىيەتسىزلىك بىلەن تولغان جازا لاگېرلىرىغا سولاپ ئازابلىشى ئۈچۈن يېتەرلىك دەسمايە ئىدى. مەن گېرمانىيە فېدىراتىپ ھۆكۈمىتىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزىۋاتقان بۇ جىنايەتلىرىنى ‹ئىرقىي غىرغىنچىلىق› دەپ ئېتىراپ قىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن!»
چاقىرىقتا يەنە خىتاينىڭ كۈنسىرى كېڭىيىۋاتقان لاگېر سىستېمىسىغا پاراللىل ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى تازىلاش، مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش قىلمىشلىرىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلىپ، 2019-يىلىغا كەلگەندە ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ كۆپىيىش نىسبىتىنىڭ 80 پىرسەنت تۆۋەنلىگەنلىكى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قەستەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىيىشىنى نۆلگە چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭمۇ خىتاينىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلانغانلىقى، ئاتا-ئانىسى تۈرمىگە، جازا لاگېرلىرىغا ياكى مەجبۇرىي ئەمگەك زاۋۇتلىرىغا قامالغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يىغىۋېلىنىپ، ئۇلارنىڭ مۇددىئاسىغا لايىق رەۋىشتە يېتىشتۈرىلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.
چاقىرىقتا ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، كانادا ۋە گوللاندىيەنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان باستۇرۇشلارنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىغانلىقى، بۇ يىل 6-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ بۇ ھەقتە قارار چىقارماقچى بولۇۋاتقانلىقى، 50 دىن ئارتۇق كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بۇ ھەقتە دوكلاتلار ئېلان قىلغانلىقى تەكىتلىنىپ، گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭمۇ باشقىلارغا ئوخشاش خىتاينىڭ زۇلۇملىرىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ۋە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىشى زۆرۈرلىكى تىلغا ئېلىنغان.
چاقىرىق مۇنداق ئىبارىلەر بىلەن ئاخىرلاشقان: «خىتاي زۇلۇمىغا دائىر بۇ قەدەر كۈچلۈك دەلىل-ئىسپاتلار مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇقلۇق، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقلىرىنى ئېتىراپ قىلىش مەسئۇلىيىتىدىن ئۆزىنى قاچۇرماسلىقى لازىم. بۇ ئىمزا توپلاش چاقىرىقىنى قوللاش ئارقىلىق گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇشنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ ئېتىراپ قىلىشى ئۈچۈن بىزگە ياردەم قىلىڭ. ئىمزايىڭىز ئارقىلىق خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋە باشقىلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايەتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىڭ!»
د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، قۇرۇلتاي ياشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى غەيۇر قۇربان ئەپەندى بۈگۈن بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئالدى بىلەن مەزكۇر ئىمزا توپلاش چاقىرىقىنى ئېلان قىلىشتىكى مەقسەت توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە مەزكۇر پائالىيەتنىڭ گېرمانىيەدە جامائەت پىكرى ھازىرلاپ، گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئىجابىي بىر قارار قوبۇل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ خۇسۇستا توختالغاندا، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش جىنايەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىشى ئۈچۈن د ئۇ ق نىڭ ئۇزۇندىن بۇيان پائال ھەرىكەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە، 4-ئاينىڭ 17-كۈنى گېرمانىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارغا ئائىت «ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش» يىغىنى ئۆتكۈزۈلىۋاتقان دەقىقىلەردە گېرمانىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن بېرلىنغا جەم بولغان ئۇيغۇرلار پارلامېنت بىناسى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ بارىدىكەن.