يېقىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى» گېرمانىيە زېمىنىس شىركىتىنىڭ ميۇنخېندىكى باش شتابى ئالدىدا نامايىش قىلىپ، بۇ شىركەتنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى سودىسى ۋە ئۇنىڭ «خىتاي ئېلېكترونىك تېخنولوگىيە گۇرۇھى» بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلغان. بۇ تەشكىلاتلار مەزكۇر شىركەتنىڭ مەسئۇللىرىغا مەكتۇپ سۇنۇپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەندىشىلىرىنى ئىپادىلىگەن.
ئۇلارنىڭ تەكىتلىشىچە، «خىتاي ئېلېكترونىك تېخنولوگىيە گۇرۇھى» ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنى نازارەت قىلىۋاتقان بىر خىل ئالاھىدە نازارەت يۇمتالىنى ئىشلەتمەكتە ئىكەن. زېمىنىس 2018-يىلى «خىتاي ئېلېكترونىك تېخنولوگىيە گۇرۇھى» بىلەن بۇ خىل نازارەت يۇمتالىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئائىت بىر تېخنىكا ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، خىتاي بىلەن ھەمكارلاشقان.
لېكىن بۇ شىركەتنىڭ رادىيومىزغا تەكىتلىشىچە، ئۇلار بۇ مەسىلىگە ناھايىتى جىددىي قارىماقتا ۋە ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزەتمەكتە ئىكەن. زېمىنىس 5-ئىيۇل رادىيومىزغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ھەر خىل شەكىللىرىنى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئىشتىراك قىلىشنى رەت قىلىدىغانلىقى، بۇ خىل قىلمىشلارغا زېمىنىسنىڭ زاۋۇت ۋە تارماق ئىشخانىلىرىدا يول قويۇلمايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
باياناتتتا تەكىتلىشىچە، زېمىنىس «ئۇيغۇر رايونى ۋە خوڭكوڭ ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلماقتا» شۇنداقلا بۇ رايونلاردىكى «جىددىلىكنىڭ تىنچ ھەل بولۇشىنى ئۈمىد قىلماقتا» ئىكەن. ئەمما ئۇلار باياناتىدا بىزنىڭ بەزى ھالقىلىق سواللىرىمىزغا جاۋاب بەرمىگەن. بىز 4-ئاۋغۇست ئۇلارغا ئەۋەتكەن خېتىمىزدە زېمىنىسنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا نېمە دەيدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سودا پائالىيىتى، خىتاي شىركىتى بىلەن بولغان ھەمكارلىق تۈرىنى قانداق قىلىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ھەرىكىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپلىرىغا ۋە 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى «تارىخىي ساۋاقلار» غا قانچىلىك ماس كېلىدىغانلىقىنى سورىغان ئىدۇق.
زېمىنىسنىڭ باياناتچىسى ياشار ئازاد 5-ئىيۇل تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇنىڭ «خىتاي ئېلېكترونىك تېخنولوگىيە گۇرۇھى» بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنىڭ ئىشلەپچىرىش بىلەن چەكلىنىدىغانلىقى، ھەمكارلىقنىڭ نازارەت تېخنىكىسىغا چېتىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ياشار ئازاد مۇنداق دەيدۇ: «بىزنىڭ ‹خىتاي ئېلېكترونىك تېخنولوگىيە گۇرۇھى› بىلەن بولغان سودا ھەمكارلىقىمىز پەقەت ئىشلەپچىقىش ساھەسى بىلەن چەكلىنىدۇ. سىز تىلغا ئالغان بۇ شىركەتنىڭ بەزى يۇمتاللىرىنى ئىشلىتىپ، كىشىلەرنى كونترول قىلىشى بۇ بىزنىڭ ھەمكارلىق تۈرىمىزنىڭ بىر قىسمى ئەمەس. بىز پەقەت كارخانىلارنى ئاپتوماتىكلاستۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيمىز. بىز باشقىلارنىڭ مەھسۇلاتىنى ئىشلەتمەيمىز. بۇ ساھەدە بىز خىتايدىكى نۇرغۇن شىركەتلەرنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىن ئېتىمىز. سىز ئېيتقان بۇ مەسىلە بىز ئۈچۈن بەك مۇھىم بولۇپ، مەن ئېلخەتىمدا تەكىتلىگەندەك، بىز ئۇنىڭغا جىددىي قارايمىز ھەم ئۇنى دىققەت بىلەن كۆزىتىمىز.»
ياشار ئازاتنىڭ تەكىتلىشىچە، زېمىنىس ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەردىن خەۋەردار ئىكەن. ئۇ، زېمىنىسنىڭ بۇ رايوندىكى خېرىدارلىرىنى تەپتىشلەپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: «ئەلۋەتتە، بىز بۇ ھەقتىكى دوكلاتلارنى كۆردۇق. بىز شىركىتىمىزنىڭ سودا ئالاقە يېتەكچىسى ۋە نازارەتچى ئەمەلدارىنى ھەرىكەتكە كەلتۈردۇق. بىز يەنە مەزكۇر رايوندىكى بىر خېرىدار شىركەتكە قارىتا تەپتىش ئېلىپ بارتۇق، ئۇنىڭدا ھېچقانداق بىنورمال ئەھۋال بايقالمىدى. قىسقىسى، بىز بۇ ئىشقا ناھايىتى جىددىي قاراپ، بۇنىڭ پېشىدا يۈرىمىز ۋە ئۇنى ئىنتايىن ئېھتىيات بىلەن كۆزىتىۋاتىمىز،» دېدى.
ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، زېمىنىس بۇ شىركەتلەرنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە خەلقئارا ۋە يەرلىك مۇپەتتىش شىركەتلىرىنى ئىشلەتمەكتە ئىكەن. لېكىن ئۇ ئۇيغۇر رايونىدا پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ قامال قىلىنغانلىقى، ھەممە نەرسىنى ھۆكۈمەت كونترول قىلىدىغانلىقى، بۇ ئەھۋالدا مۇپەتتىش شىركەتلىرىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە قانداق ئىشىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.
زەمىنىسنىڭ يازما باياناتىدا ئۇنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى پرىنسىپى تەكىتلىنىپ، «مەن سىزنىڭ بۇ مەسىلىدە بىزنىڭ ئىلگىرىلەپ پىكىر بىلدۈرەلمەيدىغانلىقىمىزنى چۈشىنىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن،» دېيىلگەن. زەمىنىسنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى باستۇرۇش، ئۇيغۇر دىنىي-ئېتىقادى ۋە مەدىنىيەتىنى يوقىتىشقا چېتىشلىق يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلارنىڭ ئىزچىل دىققىتىنى قوزغاپ كېلگەن.
«تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى» نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى ئۇلرىخ دېلىيۇس 4-ئاۋغۇست زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، زېمىنىسنىڭ بۇ خىل نارازىلىقلاردىن ساقلىنىشىنىڭ بىردىن-بىر يولى ئۇنىڭ خىتاي شىركىتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى توختىتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
دېلىيۇس مۇنداق دەيدۇ: «زېمىنىسنىڭ بۇ خىل نارازىلىقلاردىن ساقلىنىشىنىڭ بىردىن-بىر يولى ئۇنىڭ ئۆز ئەھدىنامىسىدە چىڭ تۇرۇپ، خىتاي شىركىتى بىلەن بولغان كېلىشىمنى بىكار قىلىشتۇر. چۈنكى زېمىنىس خەلقنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈشكە باشلىدى. بۇ مۇرەككەپ بىر مەسىلە بولۇپلا قلاماي، مۇھىم بىر مەسىلە. چۈنكى بۇ شىركەت گېرمانىيە سانائىتىدىكى نامى چوڭ كارخانا. بۇنداق بولسا ئۇلار خەلقنىڭ ئىشەنچىنى يوقىتىپ قويىدۇ. مانا بۇ بۇنداق شىركەتلەرنى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە نازارەت سىستېمىسىغا چېتىشلىق كارخانىلار بىلەن ھەمكارلاشماسلىققا ئۈندەشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلىدۇر.»
ئۆتكەن ھەپتىكى پائالىيەت بۇ تەشكىلاتلارنىڭ زېمىنىسقا قارشى ئۆتكۈزگەن تۇنجى نامايىشى ئەمەس. ئۇلار بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا زېمىنىسنىڭ ميۇنخېندا ئۆتكۈزۈلگەن يىللىق پايچېكلار قۇرۇلتىيىدىمۇ ئۇنىڭغا قارشى پائالىيەت ئۆتكۈزگەن. ئۇلرىخ دېلىيۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا زېمىنىسنىڭ ئىلگىرىكى ئۇچرىشىشلاردا ئۆزلىرىگە «خىتاي ئېلىېكترونىك تېخنولوگىيە گۇرۇھى» بىلەن ئىمزالىغان كېلىشىمدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئەگەر كېلىشىمنى بىكار قىلساق، ئىناۋېتىمىزگە تەسىر يېتىدۇ» دەپ چۈشەندۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇلرىخ دەلىيۇس مۇنداق دەيدۇ: «زېمىنىس باشقىلارغا ئوخشىمايدۇ. ئۇلارنىڭ زاۋۇتى يوق، ئەمما ئۇلار نازارەت پروگراممىسىغا چېتىشلىق (خىتاي) يۇقىرى تېخنىكا شىركىتى بىلەن ھەمكارلاشقان. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، زېمىنىس بۇ ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالىمىسىمۇ، لېكىن كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىشنى ئىستىمەيدىكەن. بۇ مۇزاكىرە بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا يۈز بەرگەن مۇھىت مەسىلىسىگە دائىر نامايىشلاردىمۇ بولدى.»
دېلىيۇسنىڭ تەكىتلىشىچە، زېمىنىس ئۆزلىرىنىڭ كېلىشىمگە ئەمەل قىلىشى كېرەكلىكى، بولمىسا ئىقتىسادى جەھەتتە زىيان تارتىپلا قالماي، بەلكى يەنە ئىشەنچىنىمۇ يوقىتىپ قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن زەمىنىسنىڭ رادىيومىزغا بەرگەن يازما باياناتىدا ئۇنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى ئالاقىدار قائىدە-قانۇنلىرىنىڭ قاتتىق ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
ئۇنىڭدا: «مال تەمىنلىگۈچىلىرىمىزنى يەنە تاشقى مۇپەتتىشلەرمۇ تەپتىش قىلىدۇ. بۇ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشنى، بولۇپمۇ مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەگەر بۇ چەكلىمىلەرگە قارىماي ھەرىكەت مىزانىغا خىلاپلىق قىلىش ئەھۋالى كۆرۈلسە ۋە مال تەمىنلىگۈچى شىركەتلەر زۆرۈر تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى ئالمىسى، زېمىنىس ئۇلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى توختىتىپ، ئۇلارنى مال تەمىنلىگۈچى شىركەتلەر تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىدۇ،» دېيىلگەن.
ئۇلرىخ دېلىيۇسنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇلار ئۆتكەن ھەپتىكى پائالىيەتىدە زېمىنىس شىركىتىگە مەكتۇپ سۇنۇپ، ئۇنىڭ «خىتاي ئېلېكترونىك تېخنولوگىيە گۇرۇھى» بىلەن بولغان ھەمكارلىق كېلىشىمىگە بولغان نارازىلىقى ۋە كېلىشىمىنى بىكار قىلىش تەلىپىنى يەتكۈزگەن. ئۇ رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ھەر بىر ھادىسىنىڭ پەرقلىنىدىغانلىقى، شۇڭا ئۆزلىرىنىڭ «دائىم شەرقىي تۈركىستانغا چېتىشلىق شىركەتلەرنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى ئانالىز قىلىپ كېلىۋاتقنالىقى» نى بىلدۈردى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، زېمىنىس ھازىرغا قەدەر ئۇلارنىڭ مەكتۇپىغا تېخى جاۋاب بەرمىگەن.
0:00 / 0:00