گېرمانىيە پارلامېنتى جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق گېرمانىيەدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىنىڭ ئاساسلىق تېمىسىنى تەشكىل قىلدى.

4-نويابىر گېرمانىيە پارلامېنتى ئەزالىرىدىن مارگېرىتا باۋزى ۋە سامان ماردى قاتارلىقلارنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدا تور ئارقىلىق گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان د ئۇ ق ياشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋە د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، د ئۇ ق بىلەن ھەمكارلىقتا ئېلىپ بېرىلغان بۇ گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا ھاكىمىيەت بېشىدىكى كۆپلىگەن پارتىيەلەرنىڭ ۋەكىللىرى ھەم گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ كۆپلىگەن مۇھىم ئەزالىرى، بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىمۇ قاتناشقان. غەيۇر قۇربان «ناشتىلىق يىغىلىشى» دەپ ئاتالغان بۇ يىغىنغا 70 تىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا لاگېر شاھىتى سايراگۈل ساۋۇتباي ۋە قەلبىنۇر سىدىقلار گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەر سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىنغان. سايراگۈل ساۋۇتباي بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ يىغىن پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ خىتاي زۇلۇمى ئاستىدا ئازاب چېكىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دەرت-ئەلەملىرىنى يەنە بىر قېتىم ئاڭلىتىپ ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

يىغىنغا كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە ئىشتىراك قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى مېھرىبان مەمەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گېرمانىيە يېشىللار پارتىيەسى ۋە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ د ئۇ ق بىلەن ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بارغان بۇ پائالىيىتىدە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ جازا لاگېرلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقلىرى ئەتراپلىق ئاڭلىتىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، گېرمانىيە يېشىللار پارتىيەسىنىڭ پارلامېتتىكى سۆزچىسى مارگېرىتا باۋزى خانىم بۇ قېتىمقى تور ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىنىڭ مۇقەددىمىسىدە قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەر ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ خەلقئارادا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.