گېرمانىيەلىك سەيياھ كرىستوف رېھاگنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى پىيادە ساياھىتى (5)

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2023.02.06
Chiristoph-Rehage-qeshqer.jpg Youtube، Twitterر قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتايچە لېيكې (雷克)، لاۋ لېي (老雷) تەخەللۇسلىرى بىلەن تونۇلغان گېرمانىيەلىك سەيياھ كىرىستوپ رېھاگ (Chiristoph Rehage) قەشقەردەسۈرەتكە تارتقان ئۇيغۇر بالىلار.
christophrehage.com

5. «چېقىلىۋاتقان قەدىمىي قەشقەردە ئەڭ مېھىرلىك ئۇيغۇرلارنى كۆردۈم»

كرىستوف رېھاگ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى پىيادە سەپىرى جەريانىدا دەم ئېلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى قەشقەر ۋە خوتەندە بىر ھەپتىلىك ساياھەتتە بولغان ئىكەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ 2012-يىلى ياز پەسلىدە قىلغان ساياھىتى دەل قەشقەرنىڭ قەدىمىي مەھەللىلىرى چېقىلىۋاتقان مەزگىللەرگە توغرا كەلگەن. ئۇ ئۆز تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ: «چېقىلىۋاتقان قەدىمىي قەشقەردە ئەڭ مېھىرلىك ئۇيغۇرلارنى كۆردۈم» دېدى.

كرىستوف رېھاگ ئەپەندى، ئۆزىنىڭ پىيادە سەپىرى جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تەشۋىقاتلىرى ۋە خىتاي پۇقرالىرى تەرىپلىگەنگە ھېچ ئوخشىمايدىغان يەنە بىر يۈزىنى كۆرگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ 2012-يىلى ئۆزى كۆرگەن قەشقەر ئۇيغۇرلىرى ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ، «ئۇ يەردە ئەڭ ساپ، ئەڭ ئاق كۆڭۈل ئۇيغۇرلارنى كۆردۈم» دېدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەينى چاغدا شىمالىي شىنجاڭدىكىلەر، ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلارمۇ شۇنىڭ ئىچىدە، ماڭا ‹سىز جەنۇبقا بارسىڭىز دىققەت قىلىڭ› دېگەن ئىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ دېگىنى مەن كۆرگەن ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمىدى. خۇددى مەن ئىلگىرى سىزگە ئېيتقىنىمدەك، بۇ ئەھۋال خۇددى ھەر بىر جايدىكى كىشىلەر ئۆزىنىڭ قوشنىسى ياكى باشقا جايدىكىلەرنى ئاشۇرۇپ تەسۋىرلىگىنىدەك بىر ئىش ئىدى. ئەمما مېنىڭ ھېس قىلغىنىم، ئۇ يەردىكىلەر تېخىمۇ ساپ ۋە ئاقكۆڭۈڭۈل كىشىلەر ئىكەن.»

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 2012-يىلى ياز پەسلىدە پىيادە مېڭىپ غۇلجا شەھىرىگە بارغىنىدا، گېرمانىيەدىن كەلگەن بىر دوستى بىلەن بىرلىكتە پويىزغا ئولتۇرۇپ، ئاۋۋال ئۈرۈمچىگە، ئاندىن قەشقەر ۋە خوتەن شەھەرلىرىدە 10 كۈنلۈك ساياھەتتە بولغان ئىكەن.

كرىستوف رېھاگن قۇمۇل سەپىرىدە،  قۇمۇلغا 90 كىلومېتىر قالغاندا چۈشكەن سۈرەت، 2008-يىلى.
كرىستوف رېھاگن قۇمۇل سەپىرىدە، قۇمۇلغا 90 كىلومېتىر قالغاندا چۈشكەن سۈرەت، 2008-يىلى.
christophrehage.com

كرىستوف رېھاگ ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتى چېقىۋاتقان قەدىمىي قەشقەر كوچىلىرىدىكى بىر ئۇيغۇر ئاشخانا خوجايىنىڭ ئۆزىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى يەنە بىر ئۇنتۇلماس ئەسلىمە قالدۇرغانلىقىنى ھېكايە قىلدى:

«بىزنىڭ قەشقەرگە كەلگەن ۋاقتىمىز 2012-يىلى ئىدى. ئۇلار ئۇ چاغدا قەشقەرنىڭ قەدىمىي قۇرۇلۇشلىرىنى چېقىۋاتقان ئىكەن. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ‹شەھەرنىڭ قەدىمىي قۇرۇلۇشلىرى بىخەتەر ئەمەس، يەر تەۋرەشكە ئوخشاش تەبىئىي ئاپەتلەرگە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، شۇڭا قايتا قۇرۇپ چىقىش كېرەك› دېگەندەك باھانىلار بىلەن ھەممە جايلارنى چېقىۋاتقان ئىكەن. ئۇ مەنزىرە ھەقىقەتەن قورقۇنۇچلۇق ئىدى. ئۇلار ئىشىك-دەرۋازىلارنىلا بىر تەرەپكە ئېلىپ قويۇپ، كونا قورو-جايلارنى پۈتۈنلەي چېقىۋاتقان ئىكەن. شۇ كۈنى بىز تېخى چېقىلىپ بولمىغان قەدىمىي شەھەر كوچىلىرىنى ئايلاندۇق. بۇ كوچىلاردا ئادەم ئاسانلا ئادىشىپ قالاتتى. بىز يولدا ئادىشىپ قېلىپ، بىر ئۇيغۇرنىڭ ئاشخانىسىغا كەلدۇق. ئۇ يەردە قورۇما چۆپ يىدۇق. پۇل تۆلەيدىغان چاغدا قارىسام، يېنىمدا 100 سوملۇق پۇللا بار ئىكەن، پارچە پۇل يوق ئىدى. ئۇ چاغلاردا تېخى بانكا كارتىسى ياكى تېلېفون ئارقىلىق پۇل تۆلىگىلى بولمايتى. مەن خوجايىنغا ‹سىز بۇ يۈز سوم پۇلنى ئېلىپ تۇرۇڭ› دېدىم، ئەمما ئۇ ئالغىلى ئۇنىدى. ئۇ ‹كېلەر قېتىم كەلگەندە ھىسابات قىلساقمۇ بولىدۇ› دەپ تۇرۇۋالدى. مەن ئۇنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قارىماي ‹سىز ھازىرچە بۇ پۇلنى ئېلىپ تۇرۇڭ، بىز ئەتە يەنە كېلەيلى! سىز شۇ چاغدا ئاشقان پۇلنى قايتۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ› دېدىم. قارىماققا ئۇنىڭدا قايتۇرغىدەك پارچە پۇلمۇ يوقتەك قىلاتتى. كېيىن ئۇ ناھايىتى ئوڭايسىزلانغان ھالدا ‹ئۇنداقتا، بولىدۇ، ئەتە يەنە كېلىڭلار› دەپ بىز بىلەن خوشلاشتى. ئەمما ئەتىسى بىز ئۇ ئاشخانىنى تاپالمىدۇق. چۈنكى قەدىمىي شەھەر كوچىلىرىدا ئادىشىپ قالغان ئىدۇق. باشقا ئاشپۇزۇلغا باردۇق ۋە بۇ ئىش شۇنداق بولدى، دىيىشتۇق. ئەمما بىر كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ھېلىقى ئاشخانا بىزگە يەنە ئۇچرىدى. بىز ئۇنىڭ ئاشخانىسىغا قايتا كىرگىنىمىزدە، ئۇ ئىنتايىن خوشال بولۇپ كەتتى. شۇ چاغدا بىزمۇ ئۆز ئۆيىمىزگە قايتىپ كەلگەندەك يېقىنلىق ھېس قىلدۇق. بىز ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى ھالىتىدىن بىزنىڭ قايتا كەلگىنىمىزدىن ئۇنىڭ شۇ قەدەر خوش بولۇپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلغان ئىدۇق.»

Youtube، Twitter قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتايچە لېيكې (雷克)، لاۋ لېي (老雷) تەخەللۇسلىرى بىلەن تونۇلغان گېرمانىيەلىك سەيياھ كىرىستوپ رېھاگ (Chiristoph Rehage) ئۇيغۇر بالىلار بىلەن.
Youtube، Twitter قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتايچە لېيكې (雷克)، لاۋ لېي (老雷) تەخەللۇسلىرى بىلەن تونۇلغان گېرمانىيەلىك سەيياھ كىرىستوپ رېھاگ (Chiristoph Rehage) ئۇيغۇر بالىلار بىلەن.
christophrehage.com

كرىستوف رېھاگ ئەپەندىنىڭ «ئۇزۇن يول» ناملىق سەپەر خاتېرىسىدە، ئۇنىڭ قەشقەرنىڭ قەدىمىي كوچىلىرىدا بىر توپ ئۇيغۇر بالىلار بىلەن چۈشكەن سۈرىتى ئالاھىدە دىققەت تارتاتتى. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، بۇ بالىلارنىڭ ئەينى چاغدا چېقىلىۋاتقان قەدىمىي قەشقەر كوچىلىرىدا ئۇچرىغان ئۇيغۇر بالىلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «خاتىرلىشىمچە، بۇ سۈرەت 2012-يىلى قەشقەرنىڭ قەدىمىي كوچىلىرىدا مەن دوستۇم بىلەن ئايلىنىپ يۈرگەن چاغلار ئىدى. بىز بۇ بالىلارغا ئۇچراپ قالدۇق. ئۇ چاغلاردا ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ زور كۆپ قىسمى ئاتا-ئانىلىرىغا قارىغاندا خىتاي تىلىنى ياخشى سۆزلەيتى. ئۇلار خىتايچە ئورتاق تىلنى بەزى خىتاي بالىلىرىدىن توغرا تەلەپپۇز قىلاتتى. شۇڭا مېنىڭ قەشقەردەك بىر شەھەردە ئۇلار بىلەن ئالاقە قىلىشىم توسالغۇغا ئۇچرىمايتى. ئەمما مەن ئۇلارغا ئۇيغۇرچە ‹ياخشىمۇسىز، رەھمەت، خەير-خوش› دېگەن سۆزلەرنى قىلغىنىمدا، ئۇلارنىڭ شۇ قەدەر خوش بولۇپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. مەن ئۇلار بىلەن پاراڭلاشقىنىمدا يۈرەكنى ئىللىتىدىغان يېقىنلىق تۇيغۇسىنى ھېس قىلاتتىم».

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شۇ چاغدا ئۇ سۆزلىگەن بىرقانچە ئېغىر ئۇيغۇرچە سۆزدىن كېيىن، بۇ بالىلار ئۇنىڭ بىلەن قىزغىن سۆھبەتتە بولغان. بالىلارنىڭ ئۇنىڭغا نىسبەتەن يېقىنلىقى ۋە ئامراقلىقىنى ئىپادىلىشى، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە يەنە بىر گۈزەل ئەسلىمە قالدۇرغان. ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ يېقىندىن چۈشىنىش ئىستىكىنى قوزغاپ، ئۇنىڭ خاتىرىسىدە ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن خىتاي تەشۋىقاتلىرىغا ئوخشىمايدىغان ئىجابىي قاراشلارنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن ئىكەن.

ئۇ سەپەر جەريانىدا ئۆزى يولۇققان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا خەلقلەردىن ھېس قىلغان تەسىراتىنى بايان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۇلارغا خۇش مۇئامىلە قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ تىلىدا سۆزلىگەن كىشىگە ئالاھىدە يېقىنلىق قىلىدىغان خاراكتېرىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بىلەمسىز، مەن ئۈزلۈكسىز شۇنداق بىر تۇيغۇدا بولىمەن. مەيلى ئۇيغۇرلار بولسۇن ياكى باشقا خەلقلەر بولسۇن؛ مەيلى خىتايلار ياكى تىبەتلەر بولسۇن؛ مەيلى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۆزبەكلەر بولسۇن ياكى ئىرانلىقلار بولسۇن، سىز بىر چەت ئەللىك ساياھەتچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئانا تىلىدا ئۇنىڭغا ‹ياخشىمۇسىز› دېسىڭىزلا ئۇ خوشال بولىدۇ. مەن شىنجاڭدا ئۇيغۇرچە ‹ياخشىمۇسىز› دېسەم، ئۇلار ‹سەن مېنى ئېتىراپ قىلدىڭ، تىرىشچانلىق كۆرسەتتىڭ› دېگەن تونۇشقا كېلىدىكەن. بۇ ساياھەتچىمۇ ئۇنىڭدا ياخشى تەسىرات قالدۇرىدىكەن. ئاندىن كېيىن مەن ئۇنىڭغا ‹كەچۈرۈڭ، مەن ئۇيغۇرچە بىلمەيمەن› دېگىنىمدە، ئۇ بۇنى توغرا چۈشىنىدىكەن. چۈنكى بىر ئىنساننىڭ ھەممە تىللارنى بىلىشى مۇمكىن ئەمەستە!»

قەشقەر ھەققىدىكى گۈزەل ئەسلىمىلەرنىڭ ئۆزىدە ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدە كۆپلىگەن ئۇنتۇلماس تەسىراتلارنى قالدۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن كرىستوف رېھاگ ئەپەندى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەردەك بىر قەدىمىي شەھەرنى چېقىشىنى ۋە بۇ شەھەرنى ئۆزگەرتىۋېتىشىنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭچە، بۇ بىر مەدەنىيەتنىڭ ۋەيران قىلىنىشى بولۇپ، ساياھەتچىلەر ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى ئۈچۈنمۇ بىر تەبىئى ساياھەت نۇقتىسىنىڭ ۋەيران قىلىنىشى ۋە بىر ئۆزگىچە مەدەنىيەتنىڭ يوقۇتۇلۇشى ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.