گېرمانىيەلىك سەيياھ كرىستوف رېھاگنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى پىيادە ساياھىتى (7)

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2023.02.09
Chiristoph-Rehage-1.jpg Youtube، Twitter قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتايچە لېيكې (雷克)، لاۋ لېي (老雷) تەخەللۇسلىرى بىلەن تونۇلغان گېرمانىيەلىك سەيياھ كىرىستوپ رېھاگ (Chiristoph Rehage) ئۇيغۇر رايونىغا پىيادە كېتىۋاتماقتا.
christophrehage.com

گېرمانىيەلىك سەيياھ كرىستوف رېھاگ ئەپەندى ئىلى دىيارىغا بولغان پىيادە سەپىرى ھەققىدە توختىلىپ، مەيلى تەلكە تاغلىرىدىكى ئالمىلىقنى كۆرگىنىدە بولسۇن ياكى سايرام كۆلىنى بويلاپ ماڭغان پىيادە سەپىرىدە بولسۇن ۋە ياكى غۇلجا شەھىرىنى كەزگەن چاغلىرىدا بولسۇن، ئۆزى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان ئەسلىدىكى ئىلى دىيارىنى ئەسلا كۆرەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئۆزىنىڭ غۇلجاغا كىرىش سەپىرىنى مۇنداق بايان قىلدى: «مەن سايرام كۆلى تەرەپتىكى ئالمىزارلىققا سېلىنغان چوڭ كۆۋرۈكتىن چۈشۈپ، جەنۇپقا ماڭدىم. ئاندىن بىڭتۇەنگە قاراشلىق 66-پول مەيدانىغا كەلدىم. ئاندىن ئۇ يەردىن ئۆتۈپ غۇلجا شەھىرىگە يېتىپ باردىم. غۇلجا شەھىرىدە بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن، شىمالغا مېڭىپ قورغاسقا كەلدىم. بۇ جەرياندا ماڭا بۇرۇنقى ئەنئەنىۋى ھالىتىنى ساقلانغان ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان مەھەللە-رايونلار ئۇچرىمىدى. شۇنى ھېس قىلدىمكى، زور كۆپ قىسىم جايلار ئېغىر دەرىجىدە خىتايلاشقان ئىكەن. ئەلۋەتتە، يولدا بىر كىچىك كەنتنى كۆردۈم، ئۇ يەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنەنىۋىي مەھەللىسىدەك تۇيغۇ بەردى. ئەمما ئىسمى ئېسىمدە قالماپتۇ. ماڭا يەنە ئۇيغۇرچە ئۇسلۇپتىكى مېھىمانخانىلارمۇ ئۇچرىدى. ھازىر ئىلىنى ئەسلىگىنىمدە، ئۇ يەردىكى كېچىلىك بازارلار ئېسىمگە كېلىدۇ. غۇلجا شەھىرىدە كېچىلىرى تاكى يېرىم كېچىگىچە كەچلىك بازارلار داۋام قىلىدىكەن. چوڭ كۆۋرۈكنىڭ ئاستىدىكى كېچىلىك بازاردا ھەر خىل كاۋاپلار ۋە تۈرلۈك ئۇن تائاملىرى سېتىلىدىكەن. كەيپىيات ناھايىتى قىزغىن بولىدىكەن. مەن غۇلجادا تۇرغان ۋاقتىمدا دائىم كېچىلىرى چىقىپ شۇ بازارلاردا تاماق يېيىشنى بەك ياخشى كۆرگەن ئىدىم.»

ئۇنىڭدىن «سىز 2012-يىلى ئىلى دىيارىغا بارغانلىقىڭىزنى ئېيتتىڭىز. سىز غۇلجا شەھىرىنى پىيادە ئايلىنىپ كۆردىڭىزمۇ؟» دەپ سورىغىنىمىزدا، ئۇ جاۋاپ بەردى: «شۇنداق، مەن ئۇ شەھەرنى كېسىپ ئۆتتۈم. مەن پىيادە مېڭىپ تاكى غۇلجا شەھىرىنىڭ مەركىزىگىچە باردىم.»

بىز ئۇنىڭدىن يەنە: «ئۇنداقتا، سىز غۇلجادىكى ئۇيغۇر مەھەللىلىرى ياكى يېزىلارنى، يەنى جىلىيۈزى ناھىيەسىدىكى جايلارغا باردىڭىزمۇ؟» دەپ سورىدۇق.

ئۇ مۇنداق دېدى: «غۇلجانى دەيسىز، شۇنداققۇ؟ مەن غۇلجادا كونا شەھەرنىڭ قىياپىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈدىغان، شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەرنى ئىنتايىن ئاز ئۇچراتتىم. ئېسىمدە قېلىشىچە، مەن ئىلگىرى ئۇ يەردە رۇسلار تۇرغان بەزى ئۆيلەر بار، دەپ ئاڭلىغان ئىدىم. شۇڭا مەخسۇس رۇس پاسونىدا سېلىنغان ئۆيلەر ۋە بىنالارنى ئىزدىگەن ئىدىم. ئەمما تاپالمىدىم. مېنىڭ كۆرگىنىم ۋە ھېس قىلغىنىم، پۈتكۈل غۇلجا شەھىرىنىڭ زامانىۋىيلاشقان ھالىتى، تېخىمۇ ئېنىقراقى ھازىرقى خىتايلىشىپ كەتكەن قىياپىتى بولدى. توغرا يەنە بىر ئىش بار. مەن غۇلجادا چېچىمنى ياسىتىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ئاچقان بىر ساتراچخانىغا باردىم. ئۇلار ئۇ يەردە ساقاللىرىمنى ئېلىپ، چېچىمنى ياساپ قويدى. مۇلازىمىتى ناھايىتى ياخشى ئىدى. ئەمما ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىپ يېقىنلىشىش پۇرسىتى بولمىدى. مەن بەزىدە غۇلجادا بولغان كۈنلىرىمدە ئۆزۈم كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان جايلارنى تاپالمىدىممۇ-قانداق، دەپمۇ ئويلاپ قالىمەن. ئەمما نېمىلا بولمىسۇ، غۇلجانى ئىنتايىن ياخشى كۆردۈم، دىسەم خاتالاشقان بولمايمەن.»

بىز ئۇنىڭدىن: «سىز غۇلجادا يەرلىكلەر بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟ يەنى يەرلىك ئۇيغۇرلار ياكى قازاقلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىز قانداق بولدى؟» دەپ سورىدۇق.

ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: «ھەئە، مەن ئۇ چاغدا ماڭا تاغا دېمەتلىك بىر ئۇيغۇر بىلەن تونۇشتۇم. ئۇ ۋاقىتتا مەن پۈتۈنلەي سەپەر تەييارلىقلىرىم بىلەن ئالدىراش ئىدىم. يەنى مەن خىتايدىن ئايرىلىش ئالدىدا تۇراتتىم. مەن سەپەردە ئىشلەتكەن قول ھارۋىنى چوقۇم بىر يەرگە ئامانەت قويۇپ قويۇشۇم كېرەك ئىدى. ھارۋا بىلەن چېگرادىن ئۆتۈشكە بولمايتى. مەن تونۇشقان بۇ ئۇيغۇر تاغامنىڭ بىر شەخسىي زاۋۇتى بار ئىكەن. ئۇ كىشىنى ئىچكىي ئۆلكىلەردىكى بىر خىتاي تونۇشۇم ماڭا تونۇشتۇرغان ئىدى. ۋاقتىم قىس بولغاچقا، بۇ ئۇيغۇر تاغام بىلەن كۆپرەك ئالاقىدا بولۇش پۇرسىتىممۇ بولمىدى. مەن ئۇنىڭدىن پەقەتلا ‹مەن قول ھارۋامنى بۇ يەرگە قويۇپ قويسام بولامدۇ؟› دەپ سورىدىم. ئۇمۇ بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن ھېچ ئىككىلەنمەستىن قول ھارۋامنى ئۇنىڭغا ئامانەت قويدۇم. كۆڭلۈمدە ئۇ ئادەمنىڭ ياخشى كىشى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ئىدىم.»

كىرىستوف رېھاگ ئەپەندى سۆھبىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا، ئۆزىنىڭ غۇلجا ھەققىدىكى تەسىراتىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇردى: «مەن ئىلىنى يەنىلا ناھايىت ياخشى كۆردۈم، گەرچە بۇ جايدا خىتايلىشىش ئەھۋالى ئېغىر بولسىمۇ، ئەمما مەن ئۇ يەرنى يەنىلا ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدىم.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.