گېرمانىيەدە ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2020-11-12
Share
germaniye-jumhuriyet-bayraq-1.jpg شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىككى جۇمھۇرىيەت خاتىرە كۈنىدە ئۆتكۈزۈلگەن بايراق چىقىرىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 12-نويابىر، ميۇنخېن، گېرمانىيە.
RFA/Ekrem

گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ خاتىرە كۈنى ئىستىقلال مارشىنى ئوقۇش ۋە بايراق چىقىرىش بىلەن خاتىرىلەندى.

د ئۇ ق نىڭ تەشەببۇسى بىلەن بۈگۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە جامائىتى ئوخشاش بولمىغان شەكىللەردە 1933-1944-يىللىرى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزمەكتە. ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ شەھەرنىڭ ساياھەت مەركىزىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقلال مارشىنى ئوقۇش ھەمدە 10 مېتىر ئېگىزلىكتىكى بايراق خادىسىغا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى چىقىرىش ئارقىلىق بۇ مۇبارەك كۈننى قۇتلۇقلىدى.

خىتايدىن تارالغان كورونا ۋىرۇسىنىڭ 2-قېتىملىق يۇقىرى دولقۇنى سەۋەبلىك ميۇنخېن ھۆكۈمەت دائىرىلىرى 20 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئاممىۋى سورۇنلاردا توپلىشىپ پائالىيەت قىلىشىنى چەكلىگەن ئىدى. د ئۇ ق رەھبەرلىرى بۇ بەلگىلىمىگە بىنائەن ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا كۆپ كىشىلەرنىڭ كەلمەسلىكىنى ئۇقتۇرغان بولسىمۇ، كەلگەنلەرنىڭ سانى يەنىلا كۆپ ئىدى. ئۇيغۇرچە ئەتلەس كۆڭلەك ۋە دوپپىلارنى كېيىشكەن ياش-ئۆسمۈرلەر ھەمدە سەبىيلەر ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ ئىستىقلال مارشىنى تەسىرلىك بىر شەكىلدە ئوقۇپ چىقتى.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۈگۈنكى بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش مۇراسىمىنىڭ مۇقەددىمىسىدە قىلغان سۆزىدە، بۇ شانلىق تارىخنى ياراتقان ئەجدادلارنى ئەسلەش ۋە كەلگۈسىدە قۇرۇلغۇسى يېڭى جۇمھۇرىيەتنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن بۇندىن 87 يىل ئىلگىرى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى بىلەن 76 يىل ئىلگىرى غۇلجادا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھىرىيىتىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى ھەر يىلى چوقۇم ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى.

بۈگۈنكى پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، تۈرلۈك چەكلىمىلەرگە قارىماي 2 جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش مۇراسىمىنىڭ نەتىجىلىك ئۆتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. پائالىيەتكە قاتناشقان ئابدۇشۈكۈرئەپەندىمۇ ئۆز تەسىراتىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت