راندى شىركىتىنىڭ غايىب ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتى: سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدىكى «بالىلار لاگېرلىرى» (2)

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.06.03
راندى شىركىتىنىڭ غايىب ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتى: سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدىكى لاگېرلار ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ بىرى بولغان راندى شىركىتىنىڭ بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئېنىقلاپ چىققان سۈنئىي ھەمراھىدا تارتىلغان لاگېرلارنىڭ ئورنى. 2021-يىلى يانۋار.
rand.org

يېقىندا ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق تەتقىقات ئورگانلىرىنىڭ بىرى بولغان راندى شىركىتىدىكى بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ ئامېرىكا جۇغراپىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى جازا لاگېرلىرى دەپ قارىلىۋاتقان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق كۆزىتىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان.

بىز ئۆتكەنكى پروگراممىمىزدا راندى شىركىتىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق رايوندىكى 380 دەك گۇمانلىق ئورۇننى تەكشۈرۈپ، بۇ ئورۇنلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ 2019- ۋە 2020-يىلى ئىزچىل ئاكتىپ ئىكەنلىكى، 2019-يىلى پەقەت 11 ئورۇن تاقالغان بولسىمۇ، 97 پىرسەنت ئورۇننىڭ پەقەت بىر قىسمىنىڭ بىخەتەرلىكى بوشاشقانلىقى، بىراق يېرىمىنىڭ كۆلىمى كېڭەيگەنلىكى ۋە بىخەتەرلىكىنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكىنى بايقىغانلىقىنى خەۋەر قىلغانىدۇق.

راندى شىركىتىنىڭ دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، تەتقىقاتچىلار چوڭلار لاگېرلىرىنى كۆزىتىپلا قالماي، خىتاي ھۆكۈمىتى «ياتاقلىق مەكتەپ» ياكى «پەرىشتىلەر مەكتىپى» دەپ سۈرەتلەپ كەلگەن بالىلار لاگېرلىرىنى شۇنداقلا بۇزۇۋېتىلگەن ئۇيغۇر قەبرىستانلىقلىرىنى ۋە بۇ ئورۇنلاردىكى ئۆزگىرىشلەرنىمۇ كۆزەتكەن بولۇپ، ئۇلار ئاتا-ئانىسى تۇتۇپ كېتىلگەن بالىلارنىڭ «ياتاقلىق مەكتەپلىرى» نى سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئىزدىگەن شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۈچ بازارنىڭ ئۆزىدىنلا 100 گە يېقىن بۇ خىل ئورۇنلارنى تاپقان.

راندى شىركىتى تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى تەتقىقاتچى ئېرىك روبېنسوننىڭ ئېيتىشىچە، تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكىلەر سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدىكى بالىلار لاگېرلىرىنىڭ ئورۇنلىرىنى بېكىتىپ چىققان.

ئېرىك روبېنسون بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «مېنىڭ بىر قانچە خىزمەتدىشىم ئىلگىرى سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى ئارقىلىق پۈتۈن شىنجاڭدىكى ياتاقلىق مەكتەپلەرنىڭ تەپسىلىي ئورنىنى ئېنىقلاپ چىقىپ، بۇ توغرىسىدا بىر قانچە دوكلات ئېلان قىلغان. ئۇلار بۇ ئەسلىھەلەرنىڭ ئويۇن ئويناش مەيدانى ۋە باشقا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىدىكى پەرقلىق ئالاھىدىلىكلەرگە قاراپ، ئۇلارنىڭ ئورنىنى بېكىتىپ چىققان ھەم بۇ ئورۇنلارنىڭ قاچان ۋە قەيەردە قۇرۇلغانلىقىنى بايقىغان».

ئېرىك روبېنسوننىڭ ئېيتىشىچە، ئاتالمىش «بۇ ياتاقلىق مەكتەپلەر» خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان «قايتا تەربىيەلەش» سىياسىتىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەن. ئۇ: «بۇ ئەسلىھەلەر ئاتا-ئانىسى تۈرمىگە قامالغان ياكى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن بالىلارنى كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا ياتاقلىق مەكتەپلەردە تەربىيەلەشنى مەقسەت قىلغان ئورۇنلاردۇر. بۇ ئورۇنلار نۇرغۇن جەھەتلەردىن قايتا تەربىيەلەش سىياسىتىنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ، بۇ مەزكۇر سىياسەتنىڭ بالىلارغا كىچىكىدىن باشلاپ تەتبىقلىشىدۇر» دەپ كۆرسەتتى.

راندى شىركىتىنىڭ دوكلاتىدا، رايوندىكى بۇ «ياتاقلىق مەكتەپ» بىنالىرىنىڭ «پوچتا ماركىسى» دەك مۆھۈرلەنگەنلىكى، ئۇلارنىڭ كۆپ ھاللاردا 2 ياكى 3 قەۋەتلىك بولىدىغانلىقى، ئېگىز تاملار بىلەن قورشالغان بۇ ئورۇنلارنىڭ پەقەت بىرلا كىرىش ئىشىكى بولىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، «بۇ ئورۇنلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ بېزەكلىك مۇنارى بار بولۇپ، بەزىلىرىنىڭ يەر يۈزى رەڭلىك چەمبىرەكلەر بىلەن بويالغان، ئەمما ھەممىسىنىڭ سىرتىدا چۆچەكلەردىكىدەك ساختا ئويۇن ئويناش قۇرۇلمىلىرى بار» ئىكەن.

دوكلاتتا، بۇ «ياتاقلىق مەكتەپلەر» نىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى لاگېرلار پەيدا بولۇپ بىر قانچە ئاي ئىچىدە مايدانغا كەلگەنلىكى تەكىتلەنگەن. راندى شىركىتىنىڭ سىياسەت تەتقىقاتچىسى سكوت ھارولدنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ سۈرەتلەر خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئائىلىسىدىن ئايرىۋەتكەنلىكىگە ئائىت دەلىللەر بىلەن تەمىنلىگەن.

سكوت ھارولد يېقىندا بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «شىنجاڭدىكى خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارىتىلغان ئەيىبلەشلەرنىڭ بىرى، ئۇلارنىڭ بۇ تۇتقۇنلار ئارقىلىق ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىن ئايرىۋېتىش شۇنداقلا ئۇلارنىڭ يىلتىزىنى قومۇرۇپ تاشلاش، مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى بىلەن بولغان بېغىنى ئۈزۈپ تاشلاشقا ئۇرۇنۇشتۇر. مېنىڭ خىزمەتداشلىرىم سۈنئىي ھەمراھىدا تارتىلغان سۈرەتلەر ئارقىلىق ئائىلىسىدىن تارتىۋېلىنغان ئۇيغۇر بالىلىرى تۇرۇشلۇق نۇرغۇن ئەسلىھەلەرنى بايقىدى».

ئېرىك روبېنسون ئۆتكەنلىك پروگراممىمىزدا سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى لاگېرنىڭ ئىچىدىكى ئەھۋاللار توغرىسىدا مىكرو سەۋىيەدىكى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى. سكوت ھارولدنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ «ياتاقلىق مەكتەپلەر» نىڭ قۇرۇلمىسى ئوخشاش بولۇپ، ئۇنىڭدىكى نۇرغۇن ئەسلىھەلەر يېڭى ياسالغانىكەن.

سكوت ھارولد مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار بۇ سۈرەتلەر ئارقىلىق ئويۇن ئويناش مەيدانى، دېگەندەك يېڭى ياسالغان قۇرۇلمىلارنىڭ كۆرۈنۈشىنى بايقىغان. شۇڭا سىز بۇ سۈرەتلەرنى ئارقىلىق بۇ ئەسلىھەلەرنىڭ يېڭى قۇرۇلغان ۋاقتى ۋە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى جەريانىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆزىتەلەيسىز. بۇ ئەسلىھەلەرنىڭ ھەممىسى ئاساسەن ئوخشاش قۇرۇلمىغا ئىگە بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى 3 ياكى 4 قەۋەتلىك، ھەممىسىگە رەڭلىك ئويۇن ئويناش ئەسلىھەسى ئورۇنلاشقان. تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئائىلىسىدىن ئايرىۋېتىلگەن بالىلار تۇرۇشلۇق بۇ ئورۇنلاردىكى ئەسلىھەلەرنى كۆزىتىش ئارقىلىق بىر قاتار خۇلاسىلەرنى چىقارغان».

راندى شىركىتىنىڭ دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، تەتقىقاتچىلار يەنە بۇزۇلغان ئۇيغۇر قەبرىستانلىقلىرىغا ئائىت دەلىللەرگىمۇ ئېرىشكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى 3-4 يىل ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نۇرغۇن قەبرىستانلىقلىرىنى چېقىپ تاشلىغان. دائىرىلەر بۇ جەھەتتىكى تەنقىدلەرگە: «بۇ قەبرىستانلىقلار يول، باغچە ياكى بىنا قۇرۇلۇشلىرىغا توغرا كېلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن چېقىلدى» دەپ قاۋاپ بەرگەنىدى.

بىراق راندى شىركىتىنىڭ دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، تەتقىقاتچىلار رايوندىكى بىر قىسىم كونا قەبرىستانلىقلاردا زاۋۇت، دېھقانچىلىق مەيدانى، بىنا ۋە يېشىل بوش يەرلەرنىڭ پەيدا بولغانلىقى، بىراق ئۈچ تىن بىر قىسىم قەبرىستانلىقنىڭ سەۋەبسىزلا چېقىۋېتىلگەندەك قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئېرىك روبېنسوننىڭ ئېيتىشىچە، بۇ مەزگىلدە «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» نىڭ باشقۇرۇشىدىكى جايلاردىكى تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرى تېخىمۇ كۆپەيگەن ھەم كېڭەيگەن.

ئېرىك روبېنسون: «بىز بايقىغان يەنە بىر نەرسە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى جايلاردىكى تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىنىڭ كۆپىيىشى ۋە كېڭىيىشى بولدى. ئادەتتە خەلقئارا جەمئىيەت بىڭتۇەننىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن تېخىمۇ كەڭ شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىڭغا جازا قويغان. بىڭتۇەن شىنجاڭدىكى باشقا مەمۇرى رايونلارغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ تۇتۇپ تۇرۇش ۋە قايتا-تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە ئىگە» دېدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدا مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىنىپ، ئون مىڭلىغان ئۇيغۇر بالىلىرى قارانچۇقسىز قالغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ بالىلارنى «ياتاقلىق مەكتەپلەر» دېگەن نامدىكى بالىلار لاگېرلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارغا قارىتا سىستېمىلىق مېڭە يۇيۇش ئېلىپ بارغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرىكىتى ب د ت نىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسى» غا خىلاپلىق قىلغانلىق، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نىڭ ئىپادىسى، دەپ ئەيىبلەنگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە جازا لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى رەت قىلسىمۇ، بىراق ئۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە چەكلىمىسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش تەلەپلىرىنى رەت قىلىپ كەلگەنىدى. راندى شىركىتى ئامېرىكانىڭ دۆلەت سىياسىتىگە تەسىر قىلىدىغان نوپۇزلۇق تەتقىقات ئورگىنى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، راندى شىركىتىنىڭ بايقىشى «لاگېرلاردىكى غايىب ئۇيغۇرلارنىڭ قايسى لاگېرلاردا، قانچە ئۇيغۇرنىڭ قانداق شارائىتلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى توغرىسىدا رەت قىلغۇسىز كۈچلۈك دەلىللەر بىلەن تەمىنلەيدىكەن شۇنداقلا بۇ، خىتاينىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدە چەكلىمىسىز خەلقئارا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا يول قويمايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى» ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.