غەرب دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتەپلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلىرى ۋە ئىمكانلىرى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز مېھرىبان تەييارلىدى
2024.02.29
يېزىق ماجىراسى بىزنىڭ ئانا تىلىمىز ئۇيغۇر تىلى – 2021-يىلى فېۋرال«خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن سىزىلغان كارىكاتۈر رەسىم، رەسسام يەتتەسۇ.
RFA/Yettesu

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن كېيىن، غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇرلار سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، بۇ دۆلەتلەردە ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتەپلىرىمۇ ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇلۇشقا باشلىدى. بولۇپمۇ 2017-يىل ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇرچە مائارىپ چەكلەنگەندىن كېيىن، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئانا تىل تەربىيەسىنى كۈچەيتىشكە جىددىي ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىدى، ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر ئانا تىلى مەكتەپلىرىنىڭ سانىمۇ تېزدىن كۆپىيىپ، 70 تىن ئاشتى. ھالبۇكى، ئوقۇتقۇچى مەنبەسىنىڭ كەمچىل بولۇشى، ئىقتىسادىي مەنبەسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى سەۋەبلىك، 2023-يىلغا كەلگەندە چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتەپلىرىنىڭ سانى ئازىيىپ، 20 نەچچىگە چۈشۈپ قالغان.

نۆۋەتتە نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان ئانا تىل تەشەببۇسچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ، يېقىنقى يىللاردا غەرب دۇنياسىدا قۇرۇلغان ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتەپلىرى ھەققىدە مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ئۇ بۇ جەرياندا ئۆزى بايقىغان بەزى مەسىلىلەرنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2019-يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر قايسى ئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا قۇرغان ئانا تىل مەكتەپلىرى 70 تىن ئاشقان. ھالبۇكى، 3 يىل داۋام قىلغان كورۇنا ۋىرۇسى يۇقۇمى مەزگىلىدىكى كارانتىن سەۋەبىدىن، شەنبە-يەكشەنبىلىك ئۇيغۇرچە ئانا تىل مەكتەپلىرىدە نەق مەيداندا دەرس ئۆتۈش مۇمكىن بولمىغان. بۇ مەزگىلدە توردا ھەقلىق ئانا تىل ئۆگىتىدىغان تور كۇرسلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلار كۆپەيگەن. 2022-يىلىغا كەلگەندە، تۈركىيە ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى ۋە ئانا تىل مەكتەپلىرىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك تاقىلىپ قالغان. 2023-يىلغا كەلگەندە، ئەمەلىي دەرس ئۆتۈۋاتقان ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتەپلىرىنىڭ سانى 20 نەچچىگە چۈشۈپ قالغان.

ئۇنداقتا، چەت ئەللەردىكى ئانا تىل مەكتەپلىرىنىڭ تاقىلىپ قېلىشىغا قانداق سەۋەبلەر تەسىر كۆرسەتكەن؟ بۇنىڭدا قانداق ئەمەلىي مەسىلىلەر ساقلانماقتا؟

ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ قارىشىچە، ئانا تىل مەكتەپلىرىنى تەمىنلەيدىغان مۇقىم مەبلەغ ۋە كىرىم مەنبەسى بولماسلىقى بۇنىڭدىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەن. ئانا تىل مەكتەپلىرىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغانلار ئاساسەن دېگۈدەك مائاش ئالمايدىغان پىدائىي ئوقۇتقۇچىلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن ئۇلار ئۇزۇن مەزگىل ئوقۇتۇشنى داۋام قىلدۇرۇلمىغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتۇش پىروگراممىسى ۋە مېتودى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مائارىپ ۋە پېداگوگىكا مېتودلىرىغا ماس كەلمىگەن. ئوقۇتۇلىدىغان دەرسلىك كىتابلاردا ساقلىنىۋاتقان قالايمىقانچىلىق ۋە يېتەرسىزلىك، بىرلىككە كەلگەن دەرسلىكنىڭ بولماسلىقى، شۇنداقلا ئوقۇتۇش قوللانمىسىنىڭ ئىلمىي سىستېمىغا چۈشمەسلىكى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللار، ئانا تىل مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنىڭ دېگەندەك ياخشى بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ بۇ جەھەتتە ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلايد شەھىرىدىكى «جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى» ، ئامېرىكانىڭ ۋىرجىنىيە ئىشتاتىدىكى «مېھرىبان ئانا» ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى ۋە گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى «ئۇيغۇرىيە» ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىنى مىسال تەرىقىسىدە تىلغا ئېلىپ، يۇقىرىقى ئانا تىل مەكتەپلىرىنىڭ ئۇزۇنغىچە داۋاملىشىشىنىڭ سەۋەبلىرىنى تەھلىل قىلىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ مەكتەپلەرنىڭ نەتىجە قازىنىشىدا مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يىللاردىن بۇيان توختىماي كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان تىرىشچانلىقى، شۇ جايلاردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ماسلىشىشى، شۇنداقلا شۇ دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، يەرلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە باشقا ئورۇنلارنىڭ ھەر جەھەتتە قوللىشى، تۈرتكىلىك رول ئوينىغان ئىكەن.

ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلايد شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مەلىكىزات غەيرەتمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، غەرب دۆلەتلىرىدىكى ئانا تىل ئوقۇتۇشىدا يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە تەشكىلاتلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش، دەرسلىك ماتېرىياللىرىنى تولۇقلاش ۋە بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش قاتارلىقلار مۇھىم ئىكەن. تېخىمۇ مۇھىمى، شۇ جايدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ھەر جەھەتتىن قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش زۆرۈر ئىكەن.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى، غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇر ئانا تىل ئوقۇتۇشىدا نەتىجە قازانغان مەكتەپلەر ھازىرلىغان ئوقۇتۇش مۇھىتى ۋە ئۇلار ئېرىشكەن ئىقتىسادىي ياردەملەرنىڭ، غەرب دۇنياسىدىكى ھەرقانداق بىر جايدا مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، ئۆزى ياشاۋاتقان نورۋېگىيەنىڭ كۆچمەنلەر سىياسىتى ۋە مەدەنىيەت-مائارىپ ساھەسىدىكى ئىمكانىيەتلەر ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقىنى، شىمالىي ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنى ئاساس قىلغان غەرب ئەللىرىدە ھەر قايسى كۆچمەن خەلقلەرنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى ئوقۇتۇشتا دۆلەتنىڭ ياردەم فوندلىرىغا ئىلتىماس كېلىش ئىمكانىيەتلىرىنىڭ زورلۇقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.