2023-يىلى غەرب دۇنياسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قارالار ۋە قانۇن لايىھەلىرى (2)

0:00 / 0:00

2023-يىلى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدىن ئامېرىكا، كانادا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ياۋروپادىكى بىر قىسىم دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋەزىيىتىنى ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن مۇناسىۋىتى بولغان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەيدىغان قارار ۋە قانۇن لايىھەلىرىنى ھۆكۈمەت پارلامېنتلىرىدا ئاۋازغا قويدى. بۇلاردىن بەزىلىرى قاراردىن ئۆتۈپ تەستىقلاندى. يەنە بەزىلىرى بولسا، داۋاملىق تولۇقلىنىپ، قاراردىن ئۆتۈپ، قانۇنغا ئايلىنىش ئۈچۈن تەييارلىق خىزمەتلىرى ئىشلەندى.

«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى چەكلەش قارار لايىھەسى»

2023-يىلى 6-ئاينىڭ1-كۈنى فىرانسىيە پارلامېنتىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى چەكلەش قارار لايىھەسى» تولۇق ئاۋاز بىلەن قاراردىن ئۆتتى. بۇ قارار لايىھەسى فىرانسىيە يۇقىرى پارلامېنتىدا يېشىللار پارتىيەسىنىڭ غوللۇق ئەزالىرىدىن پارلامېنت ئەزاسى مېلانى ۋوگېل ۋە گۇيلاۋمې گونتارد تەرىپىدىن 2023-يىل 16-يانۋار، فىرانسىيە پارلامېنتىغا سۇنۇلغان بولۇپ، 2023-يىلى 1-ئىيۇن كۈنى مۇزاكىرىگە قويۇلغان ۋە بېلەت تاشلانغان. مەزكۇر قارار لايىھەسى بىلەت تاشلاشقا قاتناشقان 144 ئاۋازنىڭ تولۇق قوللىشى بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن. مەزكۇر قارار لايىھەسىدە، فىرانسىيە ۋە ياۋروپا بازىرىغا ئىمپورت قىلىنغان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارغا قارىتا ئېمبارگو يۈرگۈزۈلۈشى كېرەكلىكى، فىرانسىيە ۋە ياۋروپادا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان كىيىم-كېچەك، ماشىنا ۋە باشقا مەھسۇلاتلارنىڭ ئىستېمال قىلىنماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىنىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

«ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ جاۋابكارلىق ۋە جازا قانۇنى»

بۇ قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئىككى نەپەر ئەزاسى - ماركو رۇبىيو بىلەن جېف مېركلېي تەرىپىدىن تونۇشتۇرۇلغان. ماركو رۇبىيو بىلەن جېف مېركلېي 2023-يىلى 31-ماي ئېلان قىلغان باياناتىدا، گەرچە ئامېرىكادا «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» ۋە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ماقۇللىغان بولسىمۇ، ئامما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ھېلىھەم توختاتمىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، شۇ ۋەجىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا چېتىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن بۇ قانۇن لايىھەسىنى تونۇشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىئو پارلامېنت بىناسىدا سۆز قىلىۋاتىدۇ، 2022-يىلى 17-ماي، ۋاشىنگتون
كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىئو پارلامېنت بىناسىدا سۆز قىلىۋاتىدۇ، 2022-يىلى 17-ماي، ۋاشىنگتون (AFP)

ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يېڭى قانۇن لايىھەسى ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدا مەسئۇلىيىتى بولغان خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا قويۇلىدىغان جازا تەدبىرى ۋە ساياھەت چەكلىمىسىنى كېڭەيتكەندىن باشقا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ئامېرىكا خەلقئارا تەرەققىيات ئورگىنىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارغا ياردەم بېرىشى، ئۇلارنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەتۈر تەشۋىقاتلىرىغا تاقابىل تۇرۇش پائالىيەتلىرىنى قوللىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

«ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش قانۇن لايىھەسى» يەنى ئۇيغۇرلارغا ئالدىن مۇساپىرلىق سالاھىيىتى بېرىش قانۇن لايىھەسى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي باستۇرۇش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى داۋام قىلىۋاتقاندا، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ جېننىفېر ۋېكستون، مارىيا سالازار قاتارلىق تۆت نەپەر ئەزاسى 2023-يىلى 7-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە «ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش قانۇن لايىھەسى» نى تونۇشتۇرغان. بۇ قانۇن لايىھەسىدە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە رايوندا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «ئاز سانلىق مىللەت» دەپ ئاتىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر خىل زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان خەلقلەرنى «ئالدىن مۇساپىرلىق سالاھىيىتى بېرىلىدىغان كىشىلەر» دەپ بېكىتىش، ئۇلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسىنى تېزلەشتۈرۈپ بىر ياقلىق قىلىش بېكىتىلگەن. بۇ قانۇن لايىھەسى ئامېرىكادىكى ھەر ئىككى پارتىيە ماقۇللىغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نىڭ مۇناسىۋەتلىك ماددىلىرى ئاساسىدا تۈزۈلگەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنى پاناھلىق بېرىشكە ئەڭ لايىق كىشىلەر دەپ بېكىتىش ۋە ئۇلارنى ئامېرىكاغا قوبۇل قىلىشنى ئاسانلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىدىكى يوچۇقنى ئېتىدىغان قانۇن لايىھەسى(De Minimis Reciprocity Act)

14-ئىيۇن كۈنى، ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرىدىن تاممى بالدۋىن ۋە بىل كاسسىدى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىدىكى يوچۇقلارنى ئېتىدىغان بىر قانۇن لايىھەسىنى

تونۇشتۇرغان. بۇ قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا تاموژنىسىنىڭ چەتئەللەردىن كىرگەن ھەمدە قىممىتى 800 دوللاردىن تۆۋەن بولغان پوسۇلكىلارنى تەكشۈرمەسلىك سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشنى نىشان قىلىدىكەن. ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ياسالغان پاختا مەھسۇلاتلىرى ۋە باشقىلارنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشى چەكلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ شېيىن ۋە تېمۇ قاتارلىق پارچە ساتقۇچى شىركەتلىرىنىڭ دەل ئامېرىكا تاموژنىسىدىكى «ئەڭ تۆۋەن چەك» يوچۇقىدىن پايدىلىنىپ ئامېرىكالىق ئىستېمالچىلارغا بىۋاسىتە پوسۇلكا يولى ئارقىلىق مال سېتىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغانىدى.

14-ئىيۇن كۈنى تونۇشتۇرۇلغان بۇ يېڭى قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا تاموژنىسىنىڭ 800 دوللارلىق ئەڭ تۆۋەن چەك تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىدۇ. شۇنىڭدەك خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ھەرقانداق قىممەتتىكى مەھسۇلاتىنى ئامېرىكادا تاموژنا رەسمىيىتى بېجىرىشكە بۇيرۇيدىكەن. مەزكۇر قانۇن ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئاساسلىق مەنبەسى خىتاي بولغان ھەمدە ئامېرىكالىقلارنى زەھەرلەشتە بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇۋاتقان فېنتانىلغا ئوخشاش قانۇنسىز دورىلارنىڭ تاموژنىدىن كىرىشىنىمۇ چەكلەيدىكەن.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى بالدۋىن ۋە كاسسىدى ئېلان قىلغان باياناتلىرىدا «ھەر ئىككى پارتىيەنىڭ ئورتاق قوللىشىدىكى بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ئامېرىكا تاموژنىسىدىكى يوچۇقنى ئېتىپ، ئامېرىكالىقلارنىڭ بىلىپ-بىلمەي مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى قوللىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقى ۋە ئامېرىكالىقلارنى زەھەرلىك چېكىملىكلەردىن قوغدايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكالىقلارنى خىتاينىڭ تېخنىكا شىركەتلىرىگە مەبلەغ سېلىشتىن چەكلەيدىغان قانۇن ماددىسى

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى ئامېرىكالىق مەبلەغ سالغۇچىلارنى خىتاينىڭ سۈنئىي ئەقىل ۋە كۋانت تېخنىكىسى قاتارلىق ساھەلىرىگە مۇناسىۋەتلىك خىتاي شىركەتلىرىگە سالغان مەبلىغىنى مالىيە مىنىستىرلىقىغا خەۋەر قىلىشىنى تەلەپ قىلىدىغان بىر ماددىنى ماقۇللىغان. مەلۇم بولۇشىچە ئالتىگە قارشى 91 ئاۋاز بىلەن ئۆتكەن بۇ ماددا ئامېرىكانىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ھوقۇق بېرىش قانۇنىغا كىرگۈزۈلگەن تۈزىتىش ئىكەن. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتايدىكى تېخنىكا شىركەتلىرىگە مەبلەغ سېلىشىغا چەكلىمە قويىدىغان بۇ قانۇننى ماقۇللاش خىزمىتى، بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكالىقلارنى خىتاينىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ، سۈنئىي ئەقىل ۋە كۋانت تېخنىكىسى قاتارلىق ھەل قىلغۇچ تېخنىكىلارغا مەبلەغ سېلىشنى چەكلەيدىغان مەمۇرىي بۇيرۇقى بىلەن ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىلغانىكەن.

يۇقىرىدا 2023-يىلى غەرب دۇنياسىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان قارارلار ۋە قانۇن لايىھەلىرى ھەققىدىكى پروگراممىنىڭ 2-قىسمىنىدىن مەلۇمات بەردۇق.