خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى پەردازلاشقا ئۇرۇنۇشى غەربلىكلەرنىڭمۇ دىققىتىنى تارتماقتا

0:00 / 0:00

گېرمانىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «دۇنيا» گېزىتى 13-نويابىر كۈنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى پەردازلاپ كۆرسىتىش يولىدىكى ئۇرۇنۇشلىرىنى پاش قىلغان «مەجبۇرىي تۇغماسلىق، ئىرقچىلىق زوراۋانلىقى؟ ئەمما بىزدە يوق!» ناملىق ماقالىنى ئېلان قىلدى. گېرمانىيەلىك شەرقىي ئاسىيا مۇتەخەسسىسى، گېئو-سىياسەتشۇناس ئالېكساندېر گۆرلاھ تەرىپىدىن يېزىلغان بۇ ماقالە مۇنداق كىرىش سۆز بىلەن باشلانغان: «ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى پۈتۈن دۇنياغا ئۆزىنىڭ نۇقسانسىز گۈزەل قىياپىتىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن بارلىق چارىلەرگە مۇراجىئەت قىلماقتا. ئەمما بۇ بارغانسېرى قېيىنغا توختىماقتا. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بۇ مۇستەبىتلەر تەسىرلىك شەخسلەرنى ئىشقا سېلىپ، پەردازلانغان رېئاللىقنى شۇلار ئارقىلىق تەشۋىق قىلىشقا مەجبۇر بولماقتا.»

ماقالىدا مۇنداق جۈملىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن: «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەبىت رەھبەرلىرى شىنجاڭ رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان زور كۆلەملىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى قىلمىشلىرىنى يېڭىچە ئۇسۇلدا پەردازلاشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە. 2017-يىلى BBC سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى ئارقىلىق خىتاينىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانى شى جىنپىڭنىڭ جازا لاگېرلىرىنى قۇرۇپ، بۇ ئۆلكىدىكى مۇسۇلمان ئەرلەرنى قامىغانلىقىنى ئىسپاتلىغاندىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە، دۇنيانىڭ بۇ يىراق بۇرجىكىدىن تاراۋاتقان دۆلەت تېررورلۇقىغا دائىر ئۇچۇرلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. دوكلاتلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاي رەھبەرلىرى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ تۇغۇتنى چەكلىگەن، مەسچىتلەرنى تاقىغان ياكى ۋەيران قىلىپ تاشلىغان، لاگېردىكىلەرنىڭ مېڭىسىنى يۇغان. بەزى دوكلاتلار ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى، گېرمانىيەنىڭ ۋولكىسۋاگېن شىركىتىنىڭمۇ بۇنىڭغا چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقتا».

ماقالىدا يەنە مۇنداق بايان قىلىنغان: «نۆۋەتتە، شىنجاڭغا تەكلىپ قىلىنىپ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۈچۈن تۆلەۋاتقان بەدەللىرىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىۋاتقان تەسىرلىك شەخسلەر، بۇ ئۆلكىنى ئاكتىپلىق بىلەن تەشۋىق قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ بۇ يەردە ئۆتكۈزگەن زوراۋانلىق جىنايەتلىرىنى ھېچ يۈز بەرمىگەندەك ھالەتتە كۆرسىتىشلىرى كېرەك. ئەسلىدە، سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى ئاشكارىلىغان ھەقىقەتنى ئاغدۇرالمىغان ئىكەن، بېيجىڭ جازا لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلىشى لازىم ئىدى. ئىلگىرى خىتاي ‹جازا لاگېرلىرى مەۋجۇت ئەمەس› دەپ يالغان سۆزلىدى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، يوتۇب ياكى X دا شىنجاڭغا دائىر سىن كۆرۈنۈشلىرىنى تارقىتىۋاتقان تەسىرلىك شەخسلەرگە پارتىيە كادىرلىرى ۋە تەرجىمانلار ھەمراھ ئىكەن، ئۇلار سىن فىلىملىرىنى تامامەن بېيجىڭنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە سۈرەتكە ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىشلىرى لازىم ئىكەن.»

ئالېكساندېر گۆرلاھ «مەجبۇرىي تۇغماسلىق؟ ئىرقچىلىق زوراۋانلىقى؟ ئەمما بىزدە يوق!» ناملىق ماقالىسىدە تەيۋەنلىك بەزى تەسىرى زور شەخسلەرنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ياللىنىپ ئىشلەپ، «ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان سىستېمىلىق باستۇرۇشلىرىنى ھېلىھەم داۋام قىلدۇرۇۋاتقان مۇستەملىكىچى دۆلەتنىڭ ئىرقىي زوراۋانلىق مودېلىغا تەيۋەنلىكلەرنىڭمۇ ئەگىشىشىنى تەشەببۇس قىلىۋاتقانلىقى» نى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ ياللانما تەسىرلىك شەخسلەر تەيۋەننىڭ خىتاينىڭ قوينىغا قايتىپ كېلىشىنى، تەيۋەنلىكلەرنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە «بەختلىك ھايات» كۆچۈرۈشىنى، بىر ئۇچۇم بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلارغا ئەگەشمەسلىكنى، ئۇيغۇرلارنىڭ پاجىئەسىنى ئۇنتۇپ كېتىشىنى تەشەببۇس قىلىدىكەن.

دەرۋەقە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بارغانسېرى كۆپ ئېنېرگىيە سەرپ قىلىپ، غەربنىڭ سۆز ئەركىنلىكىدىن پايدىلىنىپ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى «تەسىرلىك شەخسلەر» نىڭ بايانلىرى ئارقىلىق يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى، غەرب ئەللىرىنىڭمۇ دىققىتىنى جەلپ قىلماقتا ئىكەن. بۇ قاراشنى ئىلگىرى سۈرگەن گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى غەيۇر قۇربان ئەپەندىنىڭ تىلغا ئېلىشىچە، ھەق-ناھەقنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىش خىتاي ۋە رۇسىيەگە ئوخشاش مۇستەبىت كۈچلەرنىڭ بۈگۈنكى زامان تېخنولوگىيەسىدىن پايدىلىنىپ قوزغاۋاتقان ئۇچۇر ئۇرۇشىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى ئىكەن.

مەزكۇر ماقالىدا مىسال كۆرسىتىلگەنگە ئوخشاش ئاتالمىش «تەسىرلىك شەخسلەر» نىڭ ھەممىلا دۆلەتتە مەۋجۇتلۇقىنى تىلغا ئالغان نورۋېگىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى، «ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپ ئامبىرى» نىڭ مەسئۇلى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، نورۋېگىيەدىكى بىر «تەسىرلىك شەخس»، ھەتتا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ باش جاۋابكارى شى جىنپىڭنى «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزات قىلىپ كۆرسىتىشتىنمۇ ئۇيالمىغان. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، پۇل ئۈچۈن ئەخلاقىنى قۇربان قىلىۋاتقان بۇ خىلدىكى شەخسلەر، خىتاي زەئىپلەشكەن ھامان توزغاقتەك توزۇپ كېتىدىكەن.

ماقالىدا بايان قىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتكە ئوخشاش دۇنيانىڭ كۆزىدىن يىراق، ئاخبارات قامال قىلىنغان رايونلاردا يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىقلىرى ۋە زوراۋانلىق جىنايەتلىرىنى بىر مەزگىل يوشۇرۇش مەقسىتىگە يېتەلىسىمۇ، باشقا جايدا ئاقتۇرالمايدىكەن. مەسىلەن، خوڭكوڭ دېموكراتىيەسىنىڭ قانداق ۋەيران بولغانلىقىغا پۈتۈن دۇنيا شاھىت ئىكەن. خىتاينىڭ تەيۋەنگە شەكىللەندۈرۈۋاتقان تەھدىتلىرىنىمۇ دۇنيا كۆرۈپ تۇرماقتا ئىكەن.