غەيۇر قۇربان: «1-ئۆكتەبىر خىتايلار ئۈچۈن بايرام، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ماتەمدۇر»

0:00 / 0:00

10-ئاينىڭ 1-كۈنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى ئىچكىي خىتايدا ۋە ئۇنىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى رايونلاردا تۈرلۈك ئۇسۇللاردا تەبرىكلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەر بۇ كۈننى «ماتەم كۈنى» دەپ ئاتاپ، خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزگەن. چەت ئەللەردىكى تاراتقۇلاردا بۇ ھەقتە مەخسۇس ماقالىلەر ئېلان قىلىنىپ، خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى 75 يىللىق ئاسارەت قاتتىق ئەيىبلەنگەن.

د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇرباننىڭ «خىتايلار ئۈچۈن شېرىن چۈش، باشقىلار ئۈچۈن قاباھەتلىك چۈش» ناملىق ماقالىسى 2-ئۆكتەبىر كۈنى گېرمانىيە ئاخبارات قاناللىرىدىن «ئۈستەل مېدىيا» (Table Media) ناملىق تور سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان. ماقالە مۇنداق جۈملە بىلەن باشلانغان: «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىق خاتىرە كۈنىنى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى خىتايلارنىڭ بىرلىك ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئارزۇسى تولۇق ئەمەلگە ئاشقان كۈن، دەپ تەبرىكلىمەكتە. ئەمما بۇ بايرام ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرگە 75 يىللىق زۇلۇم ۋە باستۇرۇشنى ئەسلەتمەكتە. خىتاينىڭ بۇ شېرىن چۈشى باشقىلار ئۈچۈن قاباھەتلىك چۈشتۇر.»

ماقالىدە يەنە مۇنۇلار بايان قىلىنغان: «بىز ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرگە نىسبەتەن خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنىنىڭ ماتەم كۈنى بولۇشىدىكى سەۋەب: خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان ۋە مۇستەقىل تىبەت دۆلەتلىرىنىڭ يىمىرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى 1949-يىلى بۇ ئىككى دۆلەتكە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا خاتىمە بەردى. شۇڭلاشقا بۇ يىل، قانچە 10 يىللارغا سوزۇلغان زۇلۇملارنىڭ باشلىنىش مەزگىلى، دەپ قارىلىدۇ.»

غەيۇر قۇربان ئەپەندى بۇ يىل 28-ماي گېرمانىيەدىكى تورلاشقان ئاخبارات مەركىزى- «ئۈستەل مېدىيا» نىڭ «خىتاي مۇنبىرىدىكى 100 مەشھۇر شەخسنىڭ بىرى» بولۇپ تاللانغان ئىدى. ئۇ بۈگۈن بۇ ماقالە مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ «ئۈستەل مېدىيا» نىڭ رولىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن 75 يىللىق ئاسارەتنى گېرمانىيە خەلقىگە يەنە بىر قېتىم ئاڭلىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى خىتايدا ئانچە كۆڭۈللۈك ئۆتمىگەن. «فىرانسىيە ئاۋازى» رادىيوسى 1-ئۆكتەبىر كۈنى گېرمانىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «بازار ئۇچۇرلىرى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «ئىقتىسادىي ئاجىزلىق بېيجىڭنىڭ تەبرىكلەش كەيپىياتىنى بۇزۇۋەتتى» ناملىق خەۋەردىن نەقىل ئېلىپ بايان قىلىشىچە، كومپارتىيەنىڭ ئارزۇسى بۇ كەمگىچە «ئىقتىساد، تېخنىكا ۋە ھەربىي جەھەتتە دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى دۆلەتكە ئايلىنىش» تىن ئىبارەت بولۇپ، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي زەئىپلىكى ۋە تۈرلۈك ئىچكى مەسىلىلەر كوممۇنىستلارنى بۇ «ئۇلۇغۋار نىشان» غا يېتىشتىن مەھرۇم قالدۇرغان. بولۇپمۇ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئىزچىل چېكىنىش بېيجىڭنىڭ بۇ يىل دۆلەت بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەش كەيپىياتىنى بۇزۇپ تاشلىغان.

خەۋەردە بايان قىلىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ بۈيۈك ئارزۇلىرىدىن بىرى «تەيۋەننى خىتاينىڭ قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىشتەك بۈيۈك نەتىجىنىڭ ئىگىسى بولۇپ، ئۆز نامىنى خىتاي تارىخىغا يېزىپ قالدۇرۇش» تىن ئىبارەت ئىكەن، ئۇنىڭغا يېقىن كەلگۈسىدە بۇنداق بىر «شەرەپ» نىڭمۇ نېسىپ بولۇش ئېھتىماللىقى يوق ئىكەن.

ئەكسىچە، شى جىنپىڭنىڭ نامى دۇنيا تارىخىغا «ماۋ زېدۇڭدىن كېيىنكى يەنە بىر كوممۇنىست جاللات» بولۇپ يېزىلىدىكەن. بۇ قاراشنى ئىلگىرى سۈرگەن نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپ ئامبىرى» نىڭ مەسئۇلى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ جىنايىتى ماۋ زېدۇڭنىڭ جىنايىتىدىنمۇ ئېغىر ئىكەن. ئۇ سۆزىدە يەنە، شى جىنپىڭنىڭ كەلگۈسىدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىن سىرت، تىبەت، خوڭكوڭ ۋە خىتايدىكى قىرغىنچىلىقلارنىڭ ھەمدە كورونا ۋاباسى بىلەن ئۆلگەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مىليونلىغان ئىنسانلارنىڭ ئۆلۈمىنىڭ جاۋابكارلىقىغا مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

«خىتايلار ئۈچۈن شېرىن چۈش، باشقىلار ئۈچۈن قاباھەتلىك چۈش» ناملىق ماقالە يەنە مۇنداق جۈملىلەرگە ئورۇن بەرگەن: «خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە، شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتىكى باستۇرۇشلار تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان 1 مىليون 800 مىڭ بىلەن 3 مىليون ئارىسىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەر جازا لاگېرلىرىغا قامالدى. تۇتقۇنلار مەجبۇرىي مېڭە يۇيۇش ۋە باستۇرۇشلارغا ئۇچرىدى، ئاياللار مەجبۇرىي تۇغماس قىلىندى. تىبەتتە بولسا، تەخمىنەن 4 ياش بىلەن 8 ياش ئارىسىدىكى 1 مىليونغا يېقىن بالا مەجبۇرىي ياتاقلىق مەكتەپلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بۇنىڭدىكى مەقسەت، بالىلارنى ئانا تىلىدا سۆزلەتكۈزمەسلىك ھەمدە ئۇلارنى ئائىلە ۋە مەدەنىيەت مۇھىتىدىن ئايرىپ تاشلاش؛ كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا بالىلاردىكى قارشىلىق ئىدىيەلىرىنى يىلتىزىدىن يوقىتىش.»

غەيۇر قۇربان ئەپەندىنىڭ تىلغا ئېلىشىچە، «خىتايلار ئۈچۈن شېرىن چۈش، باشقىلار ئۈچۈن قاباھەتلىك چۈش» ناملىق ماقالىنىڭ «ئۈستەل مېدىيا» غا ئوخشاش داڭلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلىنىشى بەلگىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

«ئىقتىسادىي ئاجىزلىق بېيجىڭنىڭ تەبرىكلەش كەيپىياتىنى بۇزۇۋەتتى» ناملىق خەۋەردە بايان قىلىشىچە، خىتاي دۆلىتىنىڭ بۇ 75 يىلى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان بولۇپ، خىتاي ھاكىمىيىتى نۆۋەتتە خىتاي دۆلىتىنىڭ تارىخى ياكى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخى ھەققىدە خىتاي خەلقىنىڭ يېزىش، سۆزلەش ھوقۇقىنى تامامەن يوققا چىقارغان. چۈنكى، ماۋ زېدۇڭدىن شى جىنپىڭغىچە، بۇ مۇستەبىتلەرنىڭ ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىنىڭ ھەددى-ھېسابى يوق ئىكەن.