«5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىر پارچىسىدۇر

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز مېھرىبان تەييارلىدى
2024.02.02
«5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» ھەققىدە ئەسلىمىلەر (3) خىتاي ھۆكۈمىتى 1997-يىلى 5-فېۋرال كۈنى، غۇلجا ياشلىرىنىڭ تىنچ يول بىلەن ئېلىپ بارغان نامايىشىنى قانلىق باستۇرغان.
Yettesu

1997-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى يۈز بەرگەن غۇلجا ياشلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى قانلىق باستۇرۇلغان ئىدى. شۇنىڭدىن بۇيان، «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن خاتىرىلىنىپ كەلمەكتە. مەزكۇر قانلىق ۋەقە شۇ دەۋرلەرنى باشتىن كەچۈرگەن ئۇيغۇرلاردا پاجىئەلىك ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغان.

5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولغان ۋەزىيەت، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نامايىشنى قانلىق باستۇرۇشى ۋە بۇ باستۇرۇشتىن كېيىن غۇلجادا داۋاملىق يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ تەپسىلاتى ھازىر 30 ياشتىن تۆۋەن بولغان ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن يەنىلا قاراڭغۇ ھالەتتە تۇرماقتا.

نۆۋەتتە كانادادا ياشاۋاتقان گۈلشەن ئابدۇقادىر خانىم، 1997-يىلى 2-ئايدا غۇلجادا بۇ قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەن مەزگىلىدە ئىلى تېلېۋىزىيە ئىستانسىدا مۇخبىر بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئىكەن. ئۇ ئەينى چاغدىكى خاتىرىلىرى ۋە چەت ئەلگە چىققاندىن كېيىن توپلىغان ماتېرىياللار ئاساسىدا، 2020-يىلى «5-فېۋرال ئارخىپلىرى» ناملىق كىتابىنىڭ 1-قىسمىنى نەشر قىلدۇرغان. 2021-يىلى مەزكۇر كىتابىنىڭ 2-قىسمىنى تورۇنتودا نەشر قىلدۇرۇپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى مەزكۇر تارىخى ۋەقە ھەققىدىكى قىممەتلىك تارىخىي مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىگەن.

گۈلشەن ئابدۇقادىر خانىم رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 1997-يىلى قانلىق باستۇرۇلۇشقا ئۇچرىغان «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق باستۇرۇشلىرىنىڭ دۇنياغا ئاشكارىلىنىشى، دەپ كۆرسەتتى.

مەلۇم بولۇشىچە، شۇ يىللاردا غۇلجا ياشلىرى ئارىسىدا ئەۋج ئالغان زەھەرلىك چېكىملىك ۋە ئەيدىزگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، غۇلجا ياشلىرى ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ، «مەشرەپ» گۇرۇپپىلىرى بىلەن پوتبۇل كوماندىلىرىنى قۇرغان. ئەمما غۇلجا ياشلىرىنىڭ مەشرەپ گۇرۇپپىلىرى ۋە پۇتبول كوماندىلىرى ئۇزۇن ئۆتمەيلا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چەكلەنگەن. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر باللار ۋە ئاياللارنىڭ خىتاي شەھەرلىرىگە ئالداپ ئېلىپ كېتىلىشى، زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ يامراپ كېتىشىگە سۈكۈت قىلىشى ۋە ھېچقانداق تەدبىر قوللانماسلىقى، غۇلجا خەلقىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان.

سولدىن ئوڭغا: سەدىردىن شەمسىدىن، ئابدۇرازاق شەمسىدىن، ھىممەت مۇھاممەت.
سولدىن ئوڭغا: سەدىردىن شەمسىدىن، ئابدۇرازاق شەمسىدىن، ھىممەت مۇھاممەت.

گۈلشەن خانىمنىڭ 1997-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى نامايىش ئەھۋالى ھەققىدە ئېيتىشىچە، ئابدۇخېلىل ئابدۇمىجىتنىڭ مەشرەپ گۇرۇپپىسىدىكى 200 دىن ئارتۇق ياش، 5-فېۋرال كۈنى غۇلجا كوچىلىرىغا چىقىپ، تىنچ شەكلىدىكى نارازىلىق نامايىشىنى باشلىغان. نامايىش شۇ كۈنى كەچ قانلىق باستۇرۇلغانغا قەدەر، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز قوشۇلۇشى بىلەن نامايىشچىلار قوشۇنى زورىيىپ، 1000 دىن ئېشىپ كەتكەن. نامايىش باستۇرۇلغاندىن كېيىن، غۇلجادىكى پۈتكۈل مەشرەپ گۇرۇپپىلىرىدىكى ياشلار تۈركۈم-تۈركۈملەپ تۇتقۇن قىلىنغان. ئەگەر باشقا مەشرەپ گۇرۇپپىسىدىكى ياشلارمۇ بۇ نامايىشقا قاتناشقان بولسا، شۇ كۈندىكى نامايىشچىلار سانىنىڭ 10 مىڭدىن ئېشىشى مۇمكىن ئىكەن.

گۈلشەن ئابدۇقادىر خانىم يەنە 5-فېۋرال غۇلجا ياشلىرىنىڭ نامايىشى قانلىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن، 1997-1998-يىللار غۇلجادا يۈز بەرگەن بىرقانچە قېتىملىق قوراللىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

ئۇ بۇ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كېيىنكى مەزگىللەردە «5-فېۋرال قىرغىنچىلىقى» ياكى «5-فېۋرال ئىنقىلابى» دەپ تەرىپلىنىشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ، «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى قوراللىق كۈرەشلىرىنىڭ مۇھىم بىر پارچىسى، دەپ ئاتىدى.

«5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» دىن بىر كۆرۈنۈش. غۇلجا ياشلىرى تىنچلىق بىلەن ئېلىپ بارغان نامايىش خىتاي قوراللىق كۈچلىرى تەرىپىدىن توسقۇنلۇققا ئۇچرىماقتا 1997-يىلى 5-فېۋرال. غۇلجا.
«5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» دىن بىر كۆرۈنۈش. غۇلجا ياشلىرى تىنچلىق بىلەن ئېلىپ بارغان نامايىش خىتاي قوراللىق كۈچلىرى تەرىپىدىن توسقۇنلۇققا ئۇچرىماقتا 1997-يىلى 5-فېۋرال. غۇلجا.
YouTube

ئەينى يىللىرىدىكى بۇ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولغان ئۇيغۇرلاردىن ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى نۇرمەمەت مۇساباي ئەپەندىمۇ مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى غۇلجادىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بۇ نامايىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىپ، ساقچى، قوراللىق ساقچى، ئاپشاركا ۋە كۆيدۈرگۈچ قوراللارنى ئىشلىتىپ، نامايىشنى قانلىق باستۇرغان.

شۇ قېتىملىق نامايىش ھەققىدە ئاشكارىلانغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئەينى چاغدا خىتاي دائىرىلىرى ئىككى ھەپتىگىچە غۇلجادا ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈپ، ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ نەچچە مىڭلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلغان. 2-ئاينىڭ 5-كۈنى تۇتۇلغان نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇر ياش ئۈستى ئوچۇق بىر مەيدانغا توپلىنىپ، قېلىن قارنىڭ ئۈستىدە يالاڭئاياق مېڭىشقا مەجبۇرلانغان ۋە يۇقىرى بېسىملىق شىلانكىدا سۇ چېچىپ پۇت-قوللىرىنى توڭلىتىۋەتكەن. پۇت-قوللىرى ئۈششۈپ كەتكەنلەرنىڭ پۇت-قوللىرى كېسىۋېتىلگەن. ئابدۇخېلىل ئابدۇمىجىت، تۇرسۇن سەلەي قاتارلىق مەشرەپ گۇرۇپپىلىرىنىڭ يىگىت باشلىرىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن. مۇددەتسىز قاماق جازاسى ۋە 10 يىلدىن يۇقىرى قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغانلار سانى نەچچە يۈزدىن ئاشقان.

نۇرمەمەت مۇساباي ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» ئۇيغۇرلار يىللاردىن بۇيان ئۇچراپ كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، بۇ ۋەقە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى كۈرەشلىرىنىڭ ھېچ ۋاقىت توختىمىغانلىقىنىڭ بىر ئىسپاتى ئىكەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» يۈز بەرگىنىگە گەرچە بۇ يىل يىگىرمە يەتتە يىل بولغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي دائىرىلىرى بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ تەپسىلاتىنى ھازىرغا قەدەر ئاشكارىلىمىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىق قارشىلىقلىرىنى ھەقسىزلەشتۈرۈش ئۈچۈن، مەزكۇر ۋەقەنى «خەلقئارا تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى» گە باغلاپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان.

نۇرمەمەت ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇيغۇرلار ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بىر مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» غا ئوخشاش قانلىق ۋەقەلەرنى ئەستىن چىقارماسلىقى، ئۇنىڭ ھەقىقىي ئىچ يۈزىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە تولۇقى بىلەن ئاڭلىتىشى زۆرۈر ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.