گېرمانىيە خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىققا قارشى مۇھىم قەدەملەرنى باسماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2021-04-02
Share
Anjila-merkil-Angela-Merkel-virus.jpg گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانجىلا مېركىل كورونا ۋىرۇسى توغرىلىق سۆزلىمەكتە. 2020-يىلى 18-مارت، بېرلىن، گېرمانىيە.
AP

گېرمانىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «ئىقتىساد ھەپتىلىكى گېزىتى» 2–ئاپرېل «خىتايدا قانداق قىلغاندا بازارنى ئاساس قىلغان ھالدا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە زەربە بەرگىلى بولىدۇ؟» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالە «خىتاي يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرلىرىغا قامىغانلىقى ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئاخىرى ئۇنىڭغا جازا يۈرگۈزدى. بازار ئىگىلىكىمۇ بۇ جازانىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇشنىڭ بەزى ئامىللىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ» دېگەن جۈملە بىلەن باشلانغانىدى.

ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، بىرقانچە ئايلىق تالاش – تارتىشلاردىن كېيىن گېرمانىيە باش مىنىستىر ئانجىلا مەركىل، فېدېراتسىيە ئەمگەك مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ھۇبەرتۇس ھەئىل، فېدېراتسىيە تەرەققىيات ياردەم مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى گېرد مۈللەر، فېدېراتسىيە ئىقتىساد مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى پېتېر ئالتمايەر قاتارلىقلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن گېرمانىيە پارلامېنتى ئالدىمىزدىكى دۈشەنبىدە يېڭى «تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنى» نىڭ تۇنجى لايىھەسىنى ماقۇللىغان. مىنىستىرلار ناھايىتى تەستە ماقۇللانغان بۇ قانۇننى «تارىخىي بۆسۈش» دەپ ئاتىغان.

ماقالىدا ئىزاھلىنىشىچە، يېڭى «تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنى» نىڭ گېرمانىيە ئىقتىسادىغا ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنى زور بولسىمۇ، ئەمما كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن گېرمانىيە بۇ بەدەلنى تۆلىشى لازىم ئىكەن ۋە بۇ قانۇن خىتايغا تېخىمۇ زور بېسىم ھەم غايەت زور زىيان ئېلىپ كېلىدىكەن.

مەزكۇر قانۇننىڭ ھازىرچە ئاشكارىلانغان قىسمىدىكى ماددىلارغا ئاساسلانغاندا، گېرمانىيەنىڭ 3000 دىن ئارتۇق خىزمەتچىسى بولغان شىركەتلىرى بۇ قانۇننى 2023–يىلى 1–ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىدىكەن. 1000 دىن ئارتۇق خىزمەتچىسى بولغان شىركەتلەر 2024–يىلىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىدىكەن. «تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنى» نىڭ ئاساسىي نېگىزى: تەمىنلەش زەنجىرىدە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئالاقىسى بولغان ھەرقانداق شىركەت ۋە ئارىچى شىركەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ئالاقىنى ئۈزۈش ئىكەن.

نۆۋەتتە گېرمانىيەنىڭ خىتايدا 5200 شىركىتى تىجارەت قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە سىمېنس، ۋ ۋ، ھۇگو بۆس قاتارلىق خىزمەتچىلىرىنىڭ سانى نەچچە ئونمىڭدىن ھالقىغان چوڭ شىركەتلەرنىڭ سانى ئاز ئەمەسكەن. بۇ شىركەتلەرنىڭ خىتايدىكى زاۋۇتلىرىدا قانچە يۈزمىڭلىغان خىتاي ئىشچىلار ئىشلەيدىكەن. بۇ شىركەتلەر خىتاينىڭ قانچە ئونمىڭلىغان سودا شىركەتلىرى بىلەن چېتىشلىق ئىكەن. مۇبادا «تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنى» ئىجرا قىلىنسا، نۇرغۇنلىغان خىتايلار ئىشسىز قېلىش بىلەن بىرگە، يەنە نۇرغۇنلىغان خىتاي شىركەتلىرى ھالاك بولىدىكەن.

گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى، د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېڭى «تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنى» گېرمانىيەنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ، خىتايغا قارىتا جازا يۈرگۈزۈش ئۈچۈن باسقان ئەمەلىي قەدەملىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدا 31 – مارت ئېلان قىلىنغان «ئۇيغۇرلارنى قوغداش كېرەكمۇ ياكى خىتايغا سېتىۋېتىش كېرەكمۇ؟ مودا سانائىتى دۇچ كەلگەن مۈشكۈلات» ناملىق ماقالىدا، دۇنيا پاختا مەھسۇلاتىنىڭ 20 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغان شىنجاڭ پاختىسىنى سېتىۋېلىشنى نۇرغۇنلىغان غەرب شىركەتلىرىنىڭ ئارقا – ئارقىدىن رەت قىلىۋاتقانلىقى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتايغا قارىتا جازالارنى كۈچەيتىشى سەۋەبلىك نۇرغۇنلىغان داڭلىق مودا سانائىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلمەي ئىلاجى يوق بىر ۋەزىيەتكە يۈزلىنىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.

نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، غەربنىڭ خىتايغا قارىتا ئارقا – ئارقىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان جازالىرى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى دۇنيا سىياسىتىنىڭ مەركىزىدىكى مۇھىم تېما ھالىغا كەلتۈرۈپ، خىتايغا نىسبەتەن ئېغىر بېسىم شەكىللەندۈرمەكتىكەن.

«خىتايدا قانداق قىلغاندا بازارنى ئاساس قىلغان ھالدا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە زەربە بەرگىلى بولىدۇ؟» ناملىق ماقالىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئاقىۋەت ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم سالغان خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن ئالاقىسى بولغان 4 شەخس ۋە بىر ئورگىنىغا جازا يۈرگۈزدى. خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان ئېچىنىشلىق زۇلۇملىرى ھەقىقەتەنمۇ ئىشەنگۈسىز دەرىجىگە يەتكەن ۋە ئىنسانىيەتسىز ئىدى. خىتاي ئۇيغۇر مىللىتىگە يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ جازانى ھەربىر شەخسكە قەدەر كېڭەيتكەن. مانا بۇنداق بىر ئارقا كۆرۈنۈش ئاساسىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى تاللىۋېلىشتىن باشقا چارىسى يوق ئىدى، ئەگەر ئۇ ئۆزلىرىگە بولغان ئىشەنچنى ساقلاپ قالىمەن دېسە. چۈنكى ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەر ئۆزلىرىنى دۇنيا مىقياسىدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ تەرغىباتچىلىرى دەپ قارايدۇ. گېرمانىيەمۇ مانا ئەمدى تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قەدەمنى باستى».

31-مارت گېرمانىيەنىڭ دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلى بولغان ئا ر د دا ئېلان قىلىنغان «خىتاي ياۋروپانىڭ پورتلىرى ۋە توشۇش پاراخوتلىرىنى قانداق ئىگىلىۋالدى؟» ناملىق ماقالىدا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا قارىتا سىمۋول خاراكتېرلىك جازالارنى يۈرگۈزۈش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىقى، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي گەۋدىسىنى ياۋروپا تۇپراقلىرىدىن سىقىپ چىقىرىش لازىم ئىكەن. ھازىر خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلىرى ياۋروپانىڭ 14 دېڭىز پورتىغا پاي قوشقان ۋە ئۆزلىرىنىڭ قوشۇمچە پورتلىرىنى قۇرۇۋالغان بولۇپ، خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» پىلانى نامىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىقتىسادىي تاجاۋۇزىنى جىددىي چەكلەش تەدبىرلىرىنى ئېلىش زۆرۈر ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت