زەينىدىن تۇرسۇن: «ئۇيغۇرلارنىڭ ھېكايىسىنى گوللاندىيەدە يەرلىك خەلق ئۆزى سۆزلەيدىغان بولسۇن! »

0:00 / 0:00

گوللاندىيەنىڭ روتتېردام شەھىرىدىكى ئۈرۈمچى رېستورانىنىڭ ساھىبى، ئاكتىپ پائالىيەتچى زەينىدىن تۇرسۇن ئەپەندى، 16-ماي كۈنى «گوللاندىيە ئۇيغۇرلارنى قوللاش گۇرۇپپىسى» ئورۇنلاشتۇرغان «ئۇيغۇر ھېكايىسىنى ئاڭلاش» پائالىيىتىگە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان مېھمانلارنى خۇش چىراي بىلەن قىزغىن كۈتۈۋالغان. بۇ پائالىيەتكە گوللاندىيە دۆلەتلىك ۋە روتتېردام شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇل خادىملىرى، پارلامېنت ئەزالىرى، ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ھەم ئۇيغۇرلارغا قىزىقىۋاتقان ھەر ساھە كىشىلىرىدىن بولۇپ، 50 تىن ئارتۇق مېھمان تەكلىپ قىلىنغان.

مېھمانلار، ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئەت ئەسەرلىرى ئېسىلغان، چىرايلىق ئەتلەس دەستۇرخانلار بىلەن بېزەلگەن، شىرەلىرى پولو، مانتا، ئۇيغۇر نېنى قاتارلىق مەززىلىك ئۇيغۇر تائاملىرى بىلەن تولغان ئۈرۈمچى رېستۇرانىدا، ئۇيغۇر تائاملىرى ۋە ناخشا-سازلىرىدىن ھۇزۇرلانغاچ، ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ھېكايەلەرنى ئاڭلىغان.

گوللاندىيەنىڭ روتتېردام شەھىرىدىكى ئۈرۈمچى رېستورانىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر ھېكايىسىنى ئاڭلاش» پائالىيىتىدە مەزكۇر رېستوراننىڭ ساھىبى ۋە ئاكتىپ پائالىيەتچى زەينىدىن تۇرسۇن ئەپەندى گوللاندىيە سابىق پارلامېنت ئەزاسى ھاررى ۋان بوممېل (Harry Van Bommel) بىلەن. 2023-يىلى 16-ماي.
گوللاندىيەنىڭ روتتېردام شەھىرىدىكى ئۈرۈمچى رېستورانىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر ھېكايىسىنى ئاڭلاش» پائالىيىتىدە مەزكۇر رېستوراننىڭ ساھىبى ۋە ئاكتىپ پائالىيەتچى زەينىدىن تۇرسۇن ئەپەندى گوللاندىيە سابىق پارلامېنت ئەزاسى ھاررى ۋان بوممېل (Harry Van Bommel) بىلەن. 2023-يىلى 16-ماي. (Zeynidin Tursun teminligen)

پائالىيەتچىلەر بۇ سورۇندا گوللاندىيەلىك مېھمانلارنى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى باستۇرۇشلىرى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتلار بىلەن خەۋەردار قىلغان. ئۇلار بۇ پائالىيەت ئارقىلىق، گوللاندىيە ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنتىدىن تەكلىپ قىلىنغان بۇ مېھمانلارنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشقا، گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتە مۇناسىۋەتلىك قارارلارنى ئېلىشىدا رول ئويناشقا، شۇنداقلا ئىنسانىي مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا چاقىرغان.

مەزكۇر پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇشقا قاتناشقان «گوللاندىيە ئۇيغۇرلارنى قوللاش گۇرۇپپىسى» نىڭ ئەزاسى، ياش پائالىيەتچى قەھرىمان تۇرسۇن ئەپەندى، روتتېردام ئۈرۈمچى رېستورانىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ ئىنتايىن مول مەزمۇنلۇق بولغانلىقىنى تونۇشتۇردى.

قەھرىمان تۇرسۇننىڭ ئېيتىشىچە، بۇ پائالىيەتكە «گوللاندىيە ئۇيغۇرلارنى قوللاش گۇرۇپپىسى» نىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان سابىق پارلامېنت ئەزاسى ھاررى ۋان بوممېل (Harry Van Bommel) ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلغان. ئۇ مېھمانلارغا ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرغاندىن باشقا يەنە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدىمۇ قىسقىچە مەلۇمات بەرگەن. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ گوللاندىيەدە يەنىمۇ ئېتىبارغا ئېلىنىشى كېرەكلىكىنى، گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلىشى ئۈچۈن ھەر ساھەدىكى مېھمانلارنىڭ كۈچ چىقىرىشىنى، ئاۋامنىڭ ئاۋازىنىڭ بۇ مەسىلىدە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن.

«گوللاندىيە ئۇيغۇرلارنى قوللاش گۇرۇپپىسى» ئورۇنلاشتۇرغان «ئۇيغۇر ھېكايىسىنى ئاڭلاش» پائالىيىتىگە قاتناشقۇچىلار. 2023-يىلى 16-ماي.
«گوللاندىيە ئۇيغۇرلارنى قوللاش گۇرۇپپىسى» ئورۇنلاشتۇرغان «ئۇيغۇر ھېكايىسىنى ئاڭلاش» پائالىيىتىگە قاتناشقۇچىلار. 2023-يىلى 16-ماي. (Zeynidin Tursun teminligen)

گوللاندىيە سوتسىياللار پارتىيەسىدىن بولغان سابىق پارلامېنت ئەزاسى ھاررى ۋان بوممېل ئەپەندى، ئىلگىرى گوللاندىيەنىڭ تاشقىي سىياسەت ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرلارنى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقان سىياسىيونلاردىن بىرى ئىكەن.

گوللاندىيە پارلامېنتى 2022-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇم سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئېتىراپ قىلغانىدى.

ئامىستېردام شەھەرلىك پارلامېنت يەنە 5-ئاينىڭ 4-كۈنى كۆپ ساندىكى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئاۋاز بېرىشى بىلەن شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىتايدىن كامېرا ۋە بەزى يۇقىرى تېخنىكالىق مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالماسلىق توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزگەنىدى. قارار لايىھەسىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن چېتىشلىقى بولغان شىركەتلەر ئىشلەپچىقارغان كامېرا ۋە بەزى يوقىرى تېخنىكالىق مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىشنىڭ چەكلەنگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

مەزكۇر پائالىيەتكە قەدەم تەشرىپ قىلغان مېھمانلار يەنە يېقىندا گوللاندىيەدە نەشر قىلىنغان «ئۇيغۇر چۈشى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى، ياش پائالىيەتچى ئەخمەتجان قاسىم ئەپەندىنىڭ ئۆز كەچمىشلىرى ھەققىدىكى ھېكايىلىرى ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە يەنىمۇ چوڭقۇر مەلۇماتلارغا ئىگە بولغان. ئەخمەتجان قاسىم ئۆزىنىڭ ئىنتايىن مول مەزمۇنلۇق ۋە ئەھمىيەتلىك بولغان بۇ پائالىيەتكە قاتناشقانلىقىدىن بەكمۇ خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

«گوللاندىيە ئۇيغۇرلارنى قوللاش گۇرۇپپىسى» ئورۇنلاشتۇرغان «ئۇيغۇر ھېكايىسىنى ئاڭلاش» پائالىيىتىدە ئۇيغۇر ناخشا، مۇزىكىلار ئورۇنلاندى. 2023-يىلى 16-ماي.
«گوللاندىيە ئۇيغۇرلارنى قوللاش گۇرۇپپىسى» ئورۇنلاشتۇرغان «ئۇيغۇر ھېكايىسىنى ئاڭلاش» پائالىيىتىدە ئۇيغۇر ناخشا، مۇزىكىلار ئورۇنلاندى. 2023-يىلى 16-ماي. (Zeynidin Tursun Teminligen)

گوللاندىيەنىڭ روتتېردام شەھىرىدە «ئۈرۈمچى ئۇيغۇر رېستورانى» نى ئېچىپ، بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر تائاملىرى ۋە مەدەنىيىتى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرسا؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش يولىدا ۋاقتى ۋە كۈچىنى ئايىماي سەرپ قىلىۋاتقان ئاكتىپ پائالىيەتچى زەينىدىن تۇرسۇن ئەپەندى، «ئۇيغۇرلارنى قوللاش گۇرۇپپىسى» نىڭ بۇ پائالىيىتىنىڭ بارلىق چىقىملىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ خىل پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مەقسىتىنىڭ گوللاندىيە خەلقىنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆزلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش؛ گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىجابىي قارارلارنى ئېلىشىغا تەسىر كۆرسىتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

زەينىدىن تۇرسۇن ئەپەندى يىللاردىن بۇيان گوللاندىيەدە ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش ۋە باشقا سىياسىي پائالىيەتلەر ئۈچۈن خالىس ھالدا ئۆز رېستورانىدا سورۇن ھازىرلاپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ رېستورانى بىر قانچە قېتىم نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئىدى. پائالىيەتچىلەر بۇ خىل ھۇجۇملاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قولى بار دەپ گۇمان قىلسىمۇ، ئەمما زەينىدىن تۇرسۇن ئەپەندى چىقىم ياكى تەھدىتلەرگە قارىماي پائالىيەتلىرىنى ئىزچىل ھالدا داۋام قىلىپ كەلمەكتە. ئۇ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ خىل پائالىيەتلەردىن قازانغان مەنىۋى قىممەتلەرنى ئىقتىسادىي قىممەتلەردىن ئەلا دەپ بىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ گوللاندىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رەسمىي يوسۇندا ئېتىراپ قىلىشىنى، گوللاندىيەدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى چەكلەشكە دائىر ئەمەلىي تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىشىنى تەلەپ قىلماقتا. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئوخشىمىغان شەكىللەردە تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلىتىشنى داۋام قىلماقتا.