شىمالىي گوللاندىيە ئۆلكىسى خىتاينىڭ شەندوڭ ئۆلكىسى بىلەن بولغان «دوست ئۆلكە» لىك مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلغان

0:00 / 0:00

شىمالىي گوللاندىيە ئۆلكىسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سەۋەبىدىن شەندوڭ ئۆلكىسى بىلەن بولغان 26 يىللىق تارىخقا ئىگە «دوست ئۆلكە» لىك مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلغان.

گوللاندىيەدىكى «دەنك» پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى سۇلايمان قويۇنجۇ ئەپەندى 22-ئىيۇلدا «ھېت پاروئول» گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «بىز بۇرۇن شىمالىي گوللاندىيە ئۆلكىلىك پارلامېنتىغا خەت يېزىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىنسان قېلىپىدىن چىققان بېسىم سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ شەندوڭ ئۆلكىسى بىلەن ‹دوست ئۆلكە› لىك مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدۇق. شىمالىي گوللاندىيە ئۆلكىلىك پارلامېنتنىڭ تاشقىي مۇناسىۋەتلەر ئىشخانىسى بىزگە جاۋاب خېتى يوللاپ، بۇ ھەقتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. شىمالىي گوللاندىيە پارلامېنتى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى بىزگە خەت يېزىپ، ئۆزلىرىنىڭ خىتاينىڭ شەندوڭ ئۆلكىسى بىلەن بولغان ‹دوست ئۆلكە› لىك مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. بىز خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمىغا قارشى كۈرەش قىلىشنى داۋام قىلىمىز.»

ئۇيغۇر نامايىشچىلار ئارنېم پارلامېنتىنىڭ ئالدىدا. 2021-يىلى ئىيۇل، گوللاندىيە.
ئۇيغۇر نامايىشچىلار ئارنېم پارلامېنتىنىڭ ئالدىدا. 2021-يىلى ئىيۇل، گوللاندىيە. (RFA/Erkin Tarim)

گوللاندىيەدىكى «دەنك» پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى سۇلايمان قويۇنجۇ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، گوللاندىيەدە 12 ئۆلكە بارلىقىنى، بۇندىن كېيىن گوللاندىيەدىكى تېخىمۇ كۆپ ئۆلكە ۋە شەھەرلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان «دوستلۇق مۇناسىۋىتى» نى بىكار قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «گوللاندىيەنىڭ ئامستېردام، دەنھاك قاتارلىق نۇرغۇن شەھەر ۋە ئۆلكىلىرىنىڭمۇ خىتاي ئۆلكە ۋە شەھەرلىرى بىلەن ‹دوستلۇق مۇناسىۋىتى› بار. بىز ‹دەنك› پارتىيەسى بۇلارنىڭمۇ خىتاي بىلەن بولغان ‹دوستلۇق مۇناسىۋىتى› نى بىكار قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ، پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. ھازىر گوللاندىيەدە خىتايغا بولغان نارازىلىق بارغانسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ. خىتاي بىلەن بولغان ‹دوستلۇق مۇناسىۋىتى› نى بىكار قىلىدىغانلارنىڭ سانى بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپىيىشى مۇمكىن.»

گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر ياش ئەخمەتجان قاسىم ئەپەندى، شىمالىي گوللاندىيە ئۆلكىسىنىڭ خىتاينىڭ شەندوڭ ئۆلكىسى بىلەن بولغان «دوست ئۆلكە» لىك مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىشىنىڭ سەۋەبىنى ئېنىق ئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ خېلى زور دەرىجىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى بىلەن باغلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، گوللاندىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى، خىتايدا كەڭ كۆلەمدە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلار ۋە خىتايدىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەھۋالىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا خىتاي بىلەن بولغان «دوست ئۆلكە» ۋە «دوست شەھەر» ئالاقىسىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىش-ئىنسانىي ۋىجدان ۋە ئەخلاققا زىت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلگەن ئىكەن.

1999-يىلى خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرى بىلەن «دوست شەھەر» بولغان ئارنېم شەھىرىمۇ ئۆتكەن يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى بۇ خىل دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلغان ئىكەن. ئەخمەتجان قاسىم ئەپەندى بۇ ھەقتىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

گوللاندىيە ئارنېم شەھىرىنىڭ خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرى بىلەن بولغان «دوست شەھەر» لىك مۇناسىۋىتى، گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ كەلگەن ئىدى. ئۇلار ئۆتكەن يىلى بۇنىڭغا قارشى نامايىشلار ئۆتكۈزگەن ۋە گوللاندىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشكەن ئىكەن. مۇستەقىل پائالىيەتچى ئابدۇرەھىم غېنى ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

گوللاندىيە پارلامېنتى بۇ يىل 2-ئاينىڭ 26-كۈنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زور باستۇرۇش سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئېتىراپ قىلغان ئىدى.