گوللاندىيەنىڭ كاپېللې شەھىرى خىتاينىڭ جياشەن شەھىرى بىلەن بولغان «دوستلۇق» مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلدى

0:00 / 0:00

گوللاندىيەنىڭ كاپېللې شەھىرى خىتاينىڭ جېجياڭ ئۆلكىسى جياشەن شەھىرى بىلەن بولغان «دوستلۇق شەھەر» مۇناسىۋىتىنى ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقى سەۋەبلىك ئاخىرلاشتۇرغان.

14-سېنتەبىر كۈنى، «يېشىللار» پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى سەننا روزنىڭ ئالاقىدار تەكلىپى كاپېللې شەھەرلىك ھۆكۈمەت مەجلىسىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكەن بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ئىككى شەھەر ئوتتۇرىسىدىكى «دوست شەھەر» ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى رەسمىي ئۈزۈلگەن.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن يېشىللار پارتىيەسىنىڭ كاپېللې شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋەكىلى سەننا روزنى زىيارەت قىلدۇق. سەننا روز خىتاي بىلەن بولغان «دوستلۇق شەھەر» مۇناسىۋىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشتىكى سەۋەبلەر ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«ئىرقى قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغان بىر دۆلەتنىڭ شەھىرى بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئورنىتىشنى ئەخلاقسىزلىق دەپ قارىغانلىقىمىز ئۈچۈن خىتاي شەھىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى ئۈزۈشنى قارار قىلدۇق. بۇ مەزكۇر قارارنى ئېلىشىمىزدىكى ئەڭ ھالقىلىق سەۋەب».

گوللاندىيە «يېشىللار» پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى سەننا روز خانىم يىغىندا سۆزلىمەكتە. 2022-يىلى سېنتەبىر.
گوللاندىيە «يېشىللار» پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى سەننا روز خانىم يىغىندا سۆزلىمەكتە. 2022-يىلى سېنتەبىر. (RFA/Azigh)

سەننا روز خانىم يەنە مۇنداق دېدى: «جياشەن شەھىرى بىلەن بولغان دوستلۇق شەھەر مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشىمىزدىكى يەنە بىر سەۋەب بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نىيىتىنىڭ پەرقلىق ئىكەنلىكى. گوللاندىيە يەرلىك ھۆكۈمەتلىرى پەقەت ئىقتىسادىي جەھەتتىنلا بىر مۇناسىۋەت قۇرۇشنى پىلانلىغانىدى. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي قاناللارنى سىياسىي كۈچكە ئېرىشىش ئۈچۈن بىر ۋاسىتە سۈپىتىدە قوللىنىۋاتىدۇ. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مۇناسىۋەتلەرنى خەلقئارادا تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن قوللىنىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىمىز».

سەننا خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە خىتاي شەھەرلىرى بىلەن گوللاندىيە يەرلىك ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە «دوست شەھەر» مۇناسىۋىتى گوللاندىيە يەرلىك ھۆكۈمەتلىرىگە ھېچقانداق پايدا-مەنپەئەت ئېلىپ كەلمىگەن. بۇمۇ كاپېللې شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي شەھىرى بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەن.

گوللاندىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرىنى «ئىنسانلىققا قارشى جىنايەت» دەپ تونۇغاندىن كىيىن، گوللاندىيەدىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر خىتاي يەرلىك ھۆكۈمەتلىرى بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋەتلىرىگە قايتىدىن قاراپ چىقىشقا باشلىغان. بۇنىڭدىن بۇرۇن ئارنېم شەھىرى ۋۇخەن شەھىرى، شىمالىي گوللاندىيە ئۆلكىسى خىتاينىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسى بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلغانىدى.

گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر ياش پائالىيەتچى ئەخمەتجان قاسىم ئەپەندى گوللاندىيە يەرلىك ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خىتاي شەھەرلىرى بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىشىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى. ئۇ يەنە بۇندىن كىيىن گوللاندىيە شەھەرلىرىنىڭ خىتاي شەھەرلىرى بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈش ھەرىكىتىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

سەننا روز خانىم زىيارىتىمىز داۋامىدا، ئىرقى قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر دۆلەت بىلەن دوستلۇق ياكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئورنىتىشنى «ئەخلاقسىزلىق» دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «گوللاندىيەدىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر خىتاي يەرلىك ھۆكۈمەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈشى كېرەك. بەزى مۇناسىۋەتلەر ئىقتىسادىي جەھەتتىن پايدىلىق بولسىمۇ، كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن بۇ مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش لازىم. ئۇيغۇر ۋە باشقا خەلقلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئىقتىسادىي مەنپەئەتتىن تېخىمۇ مۇھىم.»

سەننا خانىم يەنە مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، بۇ خىل دوستلۇق مۇناسىۋەتنى داۋاملاشتۇرۇش كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە ئىرقى قىرغىنچىلىقنى ئەخلاقسىزلىق دەپ قارىمىغانلىقنىڭ ئىشارىتى. بۇ سەۋەبلىك گوللاندىيەدىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە تەۋسىيەم شۇ، ئەگەر ھەقىقەتەن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى ھەرىكەت قىلماقچى بولسىڭىز، خىتاي يەرلىك ھۆكۈمەتلىرى بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىڭ».

ئۇيغۇر ياش پائالىيەتچى ئەخمەتجان قاسىمنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىرقى قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنىڭ بىرقىسىم غەرب ئەللىرى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، غەرب ئەللىرى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە تېخىمۇ ئېھتىياتچان بولۇشقا مەجبۇر بولماقتا.