خىتاينىڭ گوللاندىيەدە قۇرغان مەخپىي ساقچىخانىلىرى تەكشۈرۈلمەكتىكەن

0:00 / 0:00

گوللاندىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى، خىتاينىڭ ئامىستېردام ۋە روتتېردامدىن ئىبارەت گوللاندىيەنىڭ ئىككى چوڭ شەھىرىدە قۇرغان قانۇنسىز ساقچى پونكىتلىرىنى تەكشۈرىۋاتقانلىقىنى، «مۇھاپىزەتچىلەر» تەشكىلاتى ئېلان قىلغان بۇ خۇسۇستىكى دوكلاتقا جىددىي قاراۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىنغان.

« فرانسىيە ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ 26-ئۆكتەبىردىكى «دەنھاگ خىتاي ساقچى تەرەپنىڭ گوللاندىيەدە قۇرغان قانۇنسىز ساقچىخانىلىرىنى تەكشۈرمەكتە» ناملىق خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى قوغداشنى ئاساسىي ۋەزىپە قىلغان مەركىزى ئىسپانىيەدە بولغان «مۇھاپىزەتچىلەر» ناملىق بىر ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات يېقىندا خىتاينىڭ گوللاندىيەدە قۇرغان ئىككى مەخپىي ساقچى پونكىتى توغرىسىدا بىر دوكلات ئېلان قىلغان. دوكلاتتا بۇ ساقچىخانىلارنىڭ گوللاندىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنى تەقىپ قىلىدىغانلىقى ۋە ئۇلارغا تەھدىت سالىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، «مۇھاپىزەتچىلەر» نىڭ دوكلاتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، RTL تېلېۋىزىيە قانىلى بىلەن توردا راي سىناش ئېلىپ بارىدىغان «پۇلغا ئەگىشىش» ناملىق تور سەھىپىسى بىرلىكتە گوللاندىيەدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، بۇ ساقچىخانىلارنىڭ ھەقىقەتەنمۇ سىياسىي ئۆكتىچىلەرگە زەربە بېرىدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان. گوللاندىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىكىنىڭ سۆزچىسى ماكسىمې ھوۋېنكامپنىڭ فرانسىيە ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرىشىچە، گوللاندىيەنىڭ ئەدلىيە مىنىستېرلىكى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستېرلىكى ۋە تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىكى «مۇھاپىزەتچىلەر» نىڭ دوكلاتىدىكى مەزمۇنلارغا ئەستايىدىل ۋە جىددىي مۇئامىلە قىلماقتا ئىكەن.

«مۇھاپىزەتچىلەر» نىڭ دوكلاتىدا ئىپادىلىنىشىچە، خىتاي ساقچى تەرەپ گوللاندىيەدىكى تۇنجى ساقچىخانىسىنى 2018-يىلى 6-ئايدا ئامىستېردامدا قۇرغان. ئۇنىڭغا ئىككى نەپەر خىتاي ساقچىسى رەھبەرلىك قىلىدىكەن. ئامىستېردامدىكى بۇ ساقچىخانا 2021-يىلىنىڭ بېشىدا خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەن باھالاشتا «خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى 10 مۇنەۋۋەر ساقچى مەركەزلىرىدىن بىرى» قاتارىغا كىرگەن.

خىتاينىڭ گوللاندىيەدىكى ئىككىنچى ساقچىخانىسى بۇ يىلنىڭ بېشىدا روتتېردام شەھىرىدە قۇرۇلغان. بۇنىڭغا خىتاينىڭ ئەسكەرلىكتىن قايتقان بىر سابىق قوماندانى رەھبەرلىك قىلماقتا ئىكەن. ئەمما بۇ ھەر ئىككى ساقچىخانا ھېچقانداق ۋېۋىسكىسى بولمىغان ئۆيدە قۇرۇلغان. گوللاندىيە ھۆكۈمىتىگە ياكى شەھەر مەمۇرىيىتىگە مەلۇم قىلىنمىغان ھەم رويخەتكىمۇ ئالدۇرۇلمىغان.

خىتاينىڭ بۇ قانۇنسىز ساقچىخانىلىرىنىڭ سىياسىي ئۆكتىچىلەرگە زەربە بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا گوللاندىيە ئاخبارات ساھەسى روتتېردامدا ياشايدىغان، ئۆزىنى «سىياسىي ئۆكتىچى» دەپ قارايدىغان ۋاڭ جىڭيۈ ئىسىملىك بىر خىتاي پۇقراسىنىڭ ئىقرارىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن. بۇنىڭدا ئېيتىشىچە، روتتېردامدىكى خىتاي ساقچىخانا خادىملىرى ۋاڭ جىڭيۈ بىلەن كۆرۈشكەن، ئۇنى خىتايغا قايتىشقا دەۋەت قىلغان، «مەسىلەڭنى قايىتقاندىن كېيىن بىرتەرەپ قىلىمىز» دېگەن ھەمدە «ئاتا-ئاناڭنى ئويلاپ قوي» دەپ تەھدىت سالغان. ۋاڭ جىڭيۈ 6-ئايدا خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا قاتناشقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ قول تېلېفونىغا روتتېردامدىكى خىتاي ساقچىلار تەرىپىدىن ھاقارەتلىك سۆزلەر ۋە تەھدىتلەر ئەۋەتىلگەن.

ئەمما خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىكىنىڭ سۆزچىسى ۋاڭ ۋېنبىن بۇ ھەقتە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، «بۇ دوكلات پۈتۈنلەي خاتا، خىتاي ھۆكۈمىتى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىدۇ» دېگەن ھەمدە «بۇ ساقچىخانىلارنىڭ ئاساسلىق مەقسىدى چەت ئەلدىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ شوپۇرلۇق كېنىشكىسىنى تور ئارقىلىق يېڭىلاپ بېرىشكە ياردەم قىلىش ۋە باشقا مۇلازىمەتلەرنى قىلىش» دەپ قوشۇمچە قىلغان.

ۋاھالەنكى، خىتاينىڭ گوللاندىيەدىكى بۇ قارا قوللىرى خىتاي ئۆكتىچىلىرىگىلا ئەمەس، گوللاندىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارغىمۇ ئۇزۇندىن بۇيان تەھدىتلەر ھەم زىيانلار سېلىپ كەلگەن. گوللاندىيەدىكى خىتاينىڭ بىۋاستە زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى ئۇيغۇرلاردىن بىرى «ئۈرۈمچى رېستورانى» نىڭ خوجايىنى زەينىدىن ئەپەندىدۇر. ئۇ بۇ ھەقتە توختالغاندا، خىتاينىڭ گوللاندىيەدە ھەقىقەتەنمۇ ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى، يىللار ئىلگىرى ئۆزىگە بىۋاستە زىيانكەشلىكلەر قىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

«مۇھاپىزەتچىلەر» نىڭ دوكلاتىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ چەت ئەلدە 54 ساقچى مەركىزى بار ئىكەن. گوللاندىيەدىكى ساقچىخانىلار بولسا شۇلارنىڭ تەركىبىدىكى ئىككى ساقچى پونكىتى ھېسابلىنىدىكەن. بۇنداق ساقچىخانىلارغا ئۇزۇن مەزگىل تەربىيەلەنگەن خىتاي ساقچىلار ئىشقا قويۇلىدىكەن. خىتايلار بۇلارنى «چەت ئەلدىكى خىتاي مۇھاجىرلىرىغا ياردەم قىلىدىغانلار» دەپ تەسۋىرلەيدىكەن. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى تامامەن باشقا ئىكەن.

چەت ئەلدىكى خىتاي ساقچىخانىلىرىدا ھەتتا مەخپىي تۈرمىلەرنىڭمۇ بولۇشى مۇمكىنلىكى پىكرىنى ئىلگىرى سۈرگەن نورۋېگىيەدىكى سىياسىي ئاكتىپلاردىن بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ دۇبەيدىكى خىتاي تۈرمىسىدە يېتىپ چىققانلىقى ئۆز ۋاقتىدا زور غۇلغۇلىلارغا سەۋەبچى بولغان ئىكەن. ئۇ ئۆزى رەھبەرلىك قىلىۋاتقان «ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپ ئامبىرى» نىڭ ئۇزۇندىن بۇيان چەت ئەلدىكى خىتاي تەھدىتىگە دائىر ئۇچۇرلارنى توپلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ سۆزىدە يەنە چەت ئەللەردىكى خىتاي ساقچىخانىلىرىنىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى ۋە بۇ خىتايلارنىڭ شۇ دۆلەتتە ياشاۋاتقان بەزى زەئىپ ئۇيغۇرلارنى قورقۇتۇپ، ئۆزىگە ئىشلەشكە مەجبۇرلايدىغان ھادىسىلەرنىڭمۇ بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

پارلامېنتى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلغان گولاندىيە ئاران 17 مىليون 500 مىڭ نوپۇسقا ئىگە كىچىك دۆلەت بولسىمۇ، يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان خىتايغا قارىتا قاتتىق سىياسەت يۈرگۈزۈش يولىغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە. مەزكۇر خەۋەردە ئىپادىلىشىچە، گوللاندىيەنىڭ تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىكى خىتاينىڭ گوللاندىيەدە «قورقۇتۇش ۋە تەھدىت سېلىش» تىن ئىبارەت بىر «قىزىق لىنىيە» تورى بەرپا قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنىدىن خەۋەر تاپقان ۋە گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنى بۇنىڭغا قارىتا تەدبىر قوللىنىشقا دەۋەت قىلغان.