گوللاندىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىش ئىشلىرى جىددىي قانات يايماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۇيغۇرئاي
2021-05-17
Share
گوللاندىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىش ئىشلىرى جىددىي قانات يايماقتا لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىم گوللاندىيەدە زور ئالقىشقا ئېرىشكەن مۇستەقىل تاراتقۇ - «دې-بالى» دەبالىە تېلېۋىزىيەسىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتماقتا. 2021-يىلى 10-ماي.
RFA/Uyghur'ay

يېقىندا لاگېر شاھىدلىرىدىن قەلبىنۇر سىدىق خانىم گوللاندىيەدە زور ئالقىشقا ئېرىشكەن مۇستەقىل تاراتقۇ- «دې-بالى» DeBalie تېلېۋىزىيەسىنىڭ تەكلىپى بىلەن 10-ماي كۈنى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقان.

بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاياللار لاگېرى توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، قەلبىنۇر خانىم ئاياللار لاگېرىدا يۈز بەرگەن ۋەھشىيلىكلەر، دەپسەندىچىلىكلەر، باسقۇنچىلىقلار ۋە باشقا ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قىلمىشلارنى ئۆزىنىڭ لاگېردىكى كەچۈرمىشلىرى ھەمدە كۆرگەن-بىلگەنلىرىگە ئاساسەن ئاڭلاتقان.

بىز قەلبىنۇر سىدىق خانىمنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق تېلېۋىزىيە سۆھبىتىدە نېمىلەرنى بايان قىلغانلىقى ۋە بۇ سۆھبەتنىڭ گوللاندىيە كۆرۈرۈمەنلىرىدە پەيدا قىلغان ئەمەلىي ئۈنۈمى ھەققىدە ئەھۋال ئىگىلىدۇق. ئۇ ئۆزىنىڭ مەزكۇر تېلېۋىزىيە سۆھبىتى جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى قىيىن ۋەزىيىتى ھەققىدە ئاڭلاتقانلىرىنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتتى.

گوللاندىيەدە زور ئالقىشقا ئېرىشكەن مۇستەقىل تاراتقۇ - «دې-بالى» دەبالىە تېلېۋىزىيەسى لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىم بىلەن سۆھبەت تەييارلىقىدا.  2021-يىلى 10-ماي.

قەلبىنۇر سىدىق خانىم يەنە مەزكۇر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ ئالدىمىزدىكى 27-مايدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ تىپتىكى سۆھبەت پروگراممىسى ھەققىدە ئۇچۇر بەردى. مەزكۇر تېلېۋىزىيە سۆھبىتىدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردە ئۆزىنى بىخەتەر ھېس قىلالمايۋاتقانلەىقى، خىتاينىڭ چېگرا ھالقىپ ئۇزاققا سوزۇلغان قولى سەۋەبلىك چەت ئەللەردىكى كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ قورقۇش ۋە ۋەھىمە ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ ھەر زامان تەھدىتكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى، ھەتتا خىتاي ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىدەك ئەھۋاللار باش تېما قىلىنىدىكەن. مەزكۇر تېلېۋىزىيە سۆھبىتىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئىزدىنىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر، سىياسيونلار ۋەكىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى تەكلىپ قىلىنىپ، پىكىر بايان قىلىدىكەن.

بۇ پائالىيەت 27-ماي كۈنى گوللاندىيە ۋاقتى سائەت 19:30 دە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، پائالىيەتكە خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى سېيتن دېكلېرىك، «ئەركىنلىك» ناملىق ھۈججەتلىك فىلىمنىڭ ئىشلىگۈچىسى خوپ فان ئاكېن، شۇنداقلا گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق لاگېر شاھىدلىرىدىن ئۆمەر بەگئالى ئەپەندى، قەلبىنۇر سىدىق خانىم، گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەيسا قارىم، گوللاندىيەدىكى ئۇنىۋىرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئەخمەتجان قاسىمى، ئالېرىك ئابلىمىت قاتارلىقلارمۇ تەكلىپ بىلەن قاتنىشىدىكەن. ئۇلارنىڭ بۇ تېلېۋىزىيە سۆھبىتىدە ئۇيغۇلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىنى ئاڭلىتىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئامېرىكا ۋە كانادادىن كېيىن گوللاندىيەمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ رەسمىي ئېلان قىلغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن گوللاندىيەدە ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە قىزىقىش، ھەر قايسى تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش ئىشلىرى جىددىي داۋام قىلماقتا. يېقىندا گوللاندىيەنىڭ «نوس» تېلېۋىزىيە قانىلىدا مىليۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى بىر ھۆججەتلىك فىلىم قويۇلۇپ، زور تەسىر قوزغىدى.

دەرۋەقە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا مىليونلىغان بىگۇناھ تۇتقۇنلارنى سىستېمىلىق قىيىن-قىستاقلار يۈرگۈزۈلىۋاتقان جازا لاگېرلىرىغا قامىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ۋە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنىڭ كۈچلۈك ئىسپاتى سۈپىتىدە ئارقا-ئارقىدىن پاش بولماقتا. دۇنيا ھازىر خىتاينىڭ يوقىرى تېخنىكىلىق رېجىمى ئاستىدا باستۇرۇلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى بىلمەكتە.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت