گوللاندىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىنماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۇيغۇرئاي
2021-06-01
Share
گوللاندىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىنماقتا گوللاندىيەدە دى-بالى تېلېۋىزىيەسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى ۋە ئۇلارغا كېلىۋاتقان تەھدىت، بېسىملىرىنى ئاڭلاتماقتا. 2021-يىلى 27-ماي.
RFA/Uyghur'ay

گوللاندىيەدە 5-ئاينىڭ 27-كۈنى مۇستەقىل تاراتقۇ (دى-بالى) تېلېۋىزىيەسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى ۋە ئۇلارغا كېلىۋاتقان تەھدىت، بېسىملىرىنى ئاڭلاتقان.

مەزكۇر تېلېۋىزىيە سۆھبىتى گوللاندىيە ۋاقتى سائەت 19:30دا نەق مەيداندا تارقىتىلغان بولۇپ، سۆھبەتكە گوللاندىيە پارلامېنت ئەزالىرىدىن رەئىس رۇيتىن ۋە رۇبىن بىرىكلىمانىس ئەپەندىلەرمۇ قاتناشقان. ئۇلار ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» مەسىلىسى ھەمدە ياۋروپا ۋە گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار توغرىسىدا توختالغان.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە لاگېر شاھىتلىرىدىن قەلبىنۇر سىدىق ۋە ئۆمەر بېكالى قاتارلىقلارمۇ تەكلىپ قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلار 4-ئىيۇن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا ئەنگلىيەدە ئېچىلىدىغان سوت كوللېگىيەسىدە گۇۋاھلىق بېرىدىغانلىقى سەۋەبلىك بۇ سۆھبەتكە قاتنىشالماي قالغان.

گوللاندىيەدە دى-بالى تېلېۋىزىيەسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى ۋە ئۇلارغا كېلىۋاتقان تەھدىت، بېسىملىرىنى ئاڭلاتماقتا. 2021-يىلى 27-ماي.

ئۇنىڭدىن باشقا بۇ قېتىملىق سۆھبەتكە گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەيسا قارىم، ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىسى ۋە سىياسىي ئاكتىپ ياشلاردىن ئالىرىك ئابلىمىت ۋە ئەخمەتجان قاسىم قاتارلىقلار قاتناشقان.

ئۇلار بۇ سۆھبەتتە گەرچە ئۆزلىرى چەتئەلدە ياشاۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئائىلىلىرى خىتاينىڭ تەھدىتى ۋە ئەندىشىسى ئىچىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىقىنى، ھازىرمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قورقۇش ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر مەسىلىسىنى جانلىق ئاڭلاتقان.

گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەيسا قارى ئەپەندىدىن مەزكۇر تېلېۋىزىيە سۆھبىتىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئاڭلىتىشلارنىڭ قانداق بولغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر ئىگىلىدۇق.

2021-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى گوللاندىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئىكەنلىكىنى رەسمىي ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە قىزىقىشى ۋە گوللاندىيەدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش ئىشلىرى جىددىي داۋام قىلماقتا ۋە گوللاندىيە خەلقى ئارىسىدىمۇ زور تەسىر قوزغاۋاتقانلىقى مەلۇم.

رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىسى ئەخمەتجان قاسىم بۇ قېتىمقى تېلېۋىزىيە زىيارىتىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى.

گوللاندىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن، گوللاندىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش پائالىيەتلىرى كۆپلەپ داۋام قىلماقتا.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت