گوردون چاڭ: «خىتايغا تۇتقان پوزىتسىيەمىز ناتسىستلار گېرمانىيەسىگە تۇتقان پوزىتسىيەمىز بىلەن ئوخشاش بولۇشى كېرەك»

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2021.02.04
گوردون چاڭ: «خىتايغا تۇتقان پوزىتسىيەمىز ناتسىستلار گېرمانىيەسىگە تۇتقان پوزىتسىيەمىز بىلەن ئوخشاش بولۇشى كېرەك» 2001-يىلى ئېلان قىلىنىپ زور تەسىر قوزغىغان «خىتايدا يۈز بەرگۈسى يىمىرىلىش» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى گوردون چاڭ ئەپەندى.
wikipedia.org

خەلقئارا جىنايى ئىشلار ئادۋوكاتى، دىپلومات ۋە پروفېسسور بېز ۋەن شاك خانىم نيۇ-يورك ئۇنۋېرسىتىتى قانۇن ئىنستىتۇتى، رېسىس قانۇن ۋە بىخەتەرلىك مەركىزى تەرىپىدىن چىقىرىلىدىغان «پەقەتلا بىخەتەرلىك» ژۇرنىلىدا «ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق: ئامېرىكانىڭ پارتىيە ئايرىماي ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى بېكىتىشىنىڭ قانۇنىي ئاساسى» سەرلەۋھىلىك بىر ماقالە ئېلان قىلغان.

ماقالىدە «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زوراۋانلىقنىڭ ئالاھىدىلىكىنى خەلقئارا ۋە ئامېرىكا قانۇنىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئېنىقلىمىسى بويىچە ئېيتقاندا، خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارغا ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ،» دېيىلگەن. ماقالىدە خىتاي دۆلەت ئورگانلىرى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ بىۋاستە مەسئۇل بولۇشى بىلەن ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئىسپاتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ماقالىدە يەنە «ئىرقىي قىرغىنچلىققا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى» دىكى 5 ماددا، يەنى مەلۇم بىر توپلۇقنىڭ ئەزالىرىنى كەڭ كۆلەمدە ئۆلتۈرۈش؛ مەلۇم بىر توپلۇقنىڭ ئەزالىرىغا ئېغىر جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن زىيان يەتكۈزۈش؛ مەلۇم بىر توپلۇقنىڭ تۇرمۇش شارائىتىغا قەستەن زىيان سېلىش؛ مەلۇم بىر توپلۇقنىڭ ئىچىدە تۇغۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغان تەدبىرلەرنى قوللىنىش؛ مەلۇم بىر توپلۇقتىكى بالىلارنى باشقا بىر توپلۇققا مەجبۇرىي ئۆتكۈزۈپ بېرىش قاتارلىق جىنايەتلەر ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملار بىلەن سېلىشتۇرۇلغان.

ئېنىقلىمىلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇرلار ئىرقىي ۋە دىنىي كىملىكى جەھەتتىن خىتايلاردىن تۈپتىن پەرقلىق بىر توپلۇق بولغانلىقى ئۈچۈن «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى» بويىچە قوغدىلىدىغان توپلۇق قاتارىغا كىرىدىكەن.

يازغۇچى ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ۋەھشىيلىكنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىنىشىدا تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان ئەڭ مۇھىم نۇقتىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە جىسمانىي جەھەتتىن يوق قىلىۋەتمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنى تامىقى، تازىلىقى، شارائىتى ناچار مۇھىتتا ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىتىش ئارقىلىق ئاستا خاراكتېرلىك ئۆلتۈرۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

«ئىرقىي قىرغىنچلىققا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى» بويىچە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان قىيناق، باسقۇنچىلىق ۋە جىنسىي زوراۋانلىقلار «ئېغىر جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن زىيان يەتكۈزۈش» ئارقىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تەشكىل قىلىدىغان ماددىلارنىڭ ئىككىنچىسىگە چۈشىدىكەن. مۇۋاپىق يېمەكلىك، سۇ، تۇرالغۇ، كىيىم-كېچەك، تازىلىق شارائىتى بولمىغان مۇھىتتا تۇتۇپ تۇرۇش، كىشلەرنى ھەددىدىن زىيادە ئىشلىتىش قاتارلىقلار خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ ماددىلىرىغا ئاساسەن «ئاستا خاراكتېرلىق ئۆلۈم» نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق تۈرىگە كىرىدىكەن.

ئامېرىكادىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن گوردون چاڭ ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق ئېتنىك مىللەتلەرگە ‹ئىرقىي قىرغىنچلىق› ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئېنىق. 1948-يىلى ئىمزالانغان ‹ئىرقىي قىرغىنچلىققا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى› گە ئامېرىكا ۋە خىتاي ھەر ئىككى دۆلەت ئىمزا قويغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ‹ئىرقىي قىرغىنچلىق› نى توختىتىش مەسئۇلىيىتى بار. دېمەكچى بولغىنىم، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىقى› نى توختىتىش ئۈچۈن بىزنىڭ ئەخلاقى مەسئۇلىيىتىمىز بولۇپلا قالماستىىن، بەلكى يەنە قانۇنىي مەسئۇلىيىتىمىزمۇ بار.»

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، بالىلارنى ئېلىۋېلىش، يەنى ياتاقلىق مەكتەپ نامىدا ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىش، ياشتا چوڭ ئاياللارنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش ۋە ياش قىزلارنى ‹توي قىلىش› نامىدا مەجبۇرىي خىتايلاردىن بالىلىق بولۇشقا يۈزلەندۈرۈش، خىتاي نوپۇسىنى تېز سۈرئەتتە ئۇيغۇرلار رايونىغا يۆتكەش قاتارلىقلار ئىستراتېگىيەلىك ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىشقا كىرىدىكەن.

ئامېرىكا يەھۇدىيلار مەجلىسىنىڭ نيۇ-يورك شۆبىسىدىكى رافائىل لېمكىن مۇنداق دېگەن: «‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› پەقەت بىر سۆز ئەمەس، ئۇ ۋەدە، ئۇ ئۈمىد. ئۇ ئالىبۇرۇن ئىجرا قىلىشقا تېگىشلىك قانۇنغا ئايلانغان. ئەمەلىيەتتە بۇ قانۇن بۇندىن كېيىن يوقىتىش، كەڭ كۆلەملىك ئادەم ئۆلتۈرۈش، جازا لاگېرلىرى، تۇغماس قىلىش، ئائىلىنى پارچىلاشتەك قىلمىشلار يۈز بەرمەسلىكى كېرەك، دېگەنلىكتۇر.»

گوردون چاڭ ئەپەندى ئامېرىكانىڭ 21-ئەسىردىكى بۇ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نى توختىتىش ئۈچۈن سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومىيونىڭ قارارىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەكلىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكانىڭ قىلىدىغان بىرىنچى ئىشى خىتاي ھاكىمىيىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈش. ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئاساسلىقى سودا مۇناسۋىتى. خىتاي بىلەن قىلغان ھەر بىر سودا خىتاينى ئاشۇ قىرغىنچىلىقنى داۋام قىلىدىغان مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەنلىك بولىدۇ. شۇڭا خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى توختىتىش قانۇنىي ۋەزىپىمىزدۇر.»

ئۇ يەنە مۇنۇلارنى قوشۇمچە قىلدى: «بىزنىڭ بۇ مەسىلىدە خىتايغا تۇتقان پوزىتسىيەمىز ناتسىستلار گېرمانىيەسىگە تۇتقان پوزىتسىيەمىز بىلەن ئوخشاش بولۇشى كېرەك. بىز ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› نى توختىتىش ئۈچۈن چوقۇم ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشىمىز كېرەك. ئەپسۇسلىنارلىقى، 1930-1940-يىللاردا ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە ئۇزۇن ۋاقىت كەتكەن ئىدى. بۇ قېتىم ياخشىراق قىلىشىمىز كېرەك.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.