گىرۇزىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئەتىنىڭ ھېكايىسىنى ئېيتىش» ناملىق فېستىۋالدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى تونۇشتۇرۇلدى
2024.06.26
گىرۇزىيەنىڭ پايتەختى تىبىلىستا 21-ئىيۇن كۈنىدىن 23-ئىيۇنغىچە ئۆتكۈزۈلگەن «ئەتىنىڭ ھېكايىسىنى ئېيتىش» يەنى «زېگ فېستىۋالى» دا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسى تونۇشتۇرۇلدى. ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان، بۇ فېستىۋال «كودا» نەشرىياتىدىكى ژۇرنالىستلار بىلەن «ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ بىرلىشىپ تەشكىللىشىدە ئۆتكۈزۈلگەن.
گىرۇزىن تىلىدا «ئەتىدىن كېيىن» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان، ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ فېستىۋال «بىز مۇشۇ يەردە ئىنسانلارنىڭ ھەقىقىي كەچمىشى ئارقىلىق ئەتىنىڭ ھېكايىسىنى يارىتالايمىز» دېگەننى ئاساس قىلىدىغان بولۇپ، يەرشارى مىقياسىدىكى داڭلىق شەخسلەرنىڭ ھايات ھېكايىلىرى سۆزلىنىش ئارقىلىق، كىشىلەرنى ۋە دۆلەتلەرنى دېموكراتىيە ۋە توغرىلىققا ئۈندەش ھەم ئىلھاملاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.
بۇ يىلقى مەزكۇر فېستىۋال دۇنيانىڭ ھەر تەرىپىدىن كەلگەن يازغۇچىلار، سىياسىي پائالىيەتچىلەر، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ۋېنگىرىيە، نورۋېگىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ گىرۇزىيەدىكى باش ئەلچىلىرى ھەم دىپلوماتلارنىڭ قاتنىشىشىدا ئېلىپ بېرىلغان.
بۇ فېستىۋالنى تەشكىللىگۈچى ئورۇننىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان 21-ئىيۇندىكى مەخسۇس سۆھبەت ھەققىدىكى مەلۇماتتا «يوقىتىلغان مەدەنىيەت، مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرلىرى، مەجبۇرىي قايتا تەربىيەلەش، ئوغرىلانغان بالىلار ۋە خىتاي بىلەن ئۇنىڭ ئەڭ ئېزىلگەن ئاز سانلىقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت ھېكايىلىرى» ھەققىدە ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ھېكايىسى سۆزلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
بۇ فېستىۋالغا قاتناشقان ژۇرنالىست ئاۋى ئاۋتمەن رادىيومىزنىڭ زىيارىتىگە يازمىچە جاۋاب بېرىپ؛ «مېنىڭچە، ئۇيغۇرلارنىڭ تىراگېدىيەسىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، خىتاينىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدەك يىمىرىلمەيلى دەپ ئويلىشى ئۈچۈندۇر. خىتاي ئىچىدە خىتاي بولمىغان خەلقلەر-بولۇپمۇ ئۇيغۇر ۋە تىبەتتەك ئۆزىنىڭ دۆلىتى بار بولۇپ، ئىشغالدىن كېيىن يوق قىلىنغانلار خىتاينىڭ مۇقىملىقىغا قارشى بىر تەھدىت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مۇشۇ ئىدىيە ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ۋەھشىي سىياسەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئىنسان ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ ھاياتلىرىنىڭ ئاساسلىق قىممىتىنى رەت قىلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان بىر جەمئىيەت بولۇشىدىن ئۇ قەدەر قورقىدۇكى، ئۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلارغا ھەر قانداق يامانلىق قىلىشقا رازىدۇر. خىتاي، ئىنسان ھوقۇقلىرىنى پەقەت كېرەكسىز كىشەن دەپ قارايدۇ»، دەيدۇ.
«ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچەك تارىخى» دەپ ئىسىم بېرىلگەن 50 مىنۇتلۇق سۆھبەتتە، ئابدۇۋەلى ئايۇپ «ئۇيغۇرلار قانداق بولۇپ خىتاينىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ قالغانلىقى، تارىختىكى ئىمپېرىيالىست كۈچلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى قانداق قىلىپ خىتايغا تاشلاپ بەرگەنلىكى ۋە ھازىرقى قىسمىتى، جازا لاگېرلىرى» ھەققىدە يىغىن ئەھلىگە تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن. ئۇ، بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلىشىپ شۇنداق دەيدۇ.
بۇ فېستىۋالدا يەنە، ھەر قايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، گىرۇزىيەدە ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدىغان شەخسلەر، كارخانىچىلار، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر، ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى، چەت ئەللەرنىڭ ئەلچىخانىلىرى ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ قاتنىشىشىدا ئايرىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەن. ياشلار ئابدۇۋەلى ئايۇپتىن ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر سەنئىتى، مەدەنىيىتى ھەققىدە سوئاللار سوراشقان. ئابدۇۋەلى ئايۇپ گىرۇزىيەلىك كارخانىچىلار بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتتە ئۇلارنى خىتاي ماللىرىغا بولغان بېقىندىلىق ۋە خىتاينىڭ كۈنتاختىسى، خىتاينىڭ تېمو، شېيىن، ئالى ئېكسپىرېس قاتارلىق قۇل ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىق جاسۇس دېتاللىرىدىنمۇ ئاگاھلاندۇرغان.
بۇ فېستىۋال جەريانىدىكى 23-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتە، دۇنيا مىقياسىدا مۇستەبىتلىكنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ سۈرگۈندە ياشاۋاتقانلىقى مۇنازىرە قىلىنغان بولۇپ، رېژىسسور سېئان پەن «بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ھېكايىلىرى بار، مەن مۇستەملىكىچىلىك ھەققىدىكى بۇ ئۇيغۇر ياشنىڭ ئېنىقلىمىسىدىن بەك تەسىرلەندىم، مەن بۇ يەردە زۇلۇمغا جەڭ ئېلان قىلالايدىغان ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئەتىسىنى تەرەققىي قىلدۇرالايدىغان ئادەملەرنى كۆردۈم، بولۇپمۇ بۇ يەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاش مېنى ھەممىدىن بەك تەسىرلەندۈردى» ، دېگەن.
ئابدۇۋەلى ئايۇپ مەزكۇر پائالىيەتتىن كېيىن ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، گىرۇزىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر فېستىۋالدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، چۈنكى بۇنىڭ، مەزكۇر مەسىلىدىن خەۋەرسىز ياكى مەلۇماتلىرى يېتەرسىز قالغان كىشىلەر ئۈچۈن مۇھىم بىر مەلۇمات بېرىش پۇرسىتى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
گىرۇزىيە كاۋكازىيەدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغان دۆلەت بولۇپ، ئۇنىڭ دېموكراتىيەلىشىشى ۋە راۋاجلىنىشى جەريانىدا كۆپ كۈرەشلەر يۈز بەرگەن. بۇ قېتىمقى فېستىۋالدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن قىرغىنچىلىقى مەسىلىسى تۇنجى قېتىم بۇ دۆلەتتە بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى تەرىپىدىن ئەتراپلىق تونۇشتۇرۇلۇشىدۇر.