خىتاي سەيياھ گۇەن گۇەن: «بىر قىسىم يېزا-قىشلاقلاردىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرى زادى نەگە كەتتى؟»

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2021-11-19
Share
«شىنجاڭدىكى لاگېرلارنى ئىزدەش» ناملىق سىن كۆرۈنۈشىدىكى لاگېرلار كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى لاگېرلارنىڭ ئورنى كۆرسىتىلگەن خەرىتىنى بويلاپ، ئۇيغۇر رايونىنى ئايلانغان «گۇەن گۇەن» ئىسمى بىلەن يۇتۇب قانىلى ئاچقان خىتاي يۇتۇبېر.
Social Media

خىتاي سەيياھ گۇەن گۇەن تەرىپىدىن 2020-يىلى سىنغا ئېلىنغان 8 قىسىملىق سىن فىلىمىنىڭ 5-قىسمىدا ئەكس ئەتكەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلارغا ئائىت مەزمۇنلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغاندىن كېيىن، كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان ئىدى. خىتاي سەيياھ گۇەن گۇەن ئىشلىگەن 8 قىسىملىق سىن فىلىمىنىڭ 6-قىسمىمۇ ئۇيغۇر دىيارىغا بېغىشلانغان.

گۇەن گۇەن سىن فىلىمىنىڭ بۇ قىسمىدا ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ بۇ سىن فىلىمىنى ئىشلەشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختالغان. ئۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىزىل تەشۋىقاتى، ئاتالمىش «مۇقىملىق» نى ساقلاش ئۈچۈن يولغا تەدبىرلىرى، شۇنداقلا ئۇيغۇر رايونىدىكى تەكشۈرۈش پونكىتلىرى ھەققىدە ئەمەلىي ئەھۋالنى بىلمەكچى بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.

ئۇنىڭ مەزكۇر سىن فىلىمىدا بايان قىلىشىچە، ئۇ ئارايۇلتۇز (شىڭشىڭشيا) چېگرا پونكىتىدىن ئۆتۈپ، قومۇل ۋىلايىتى تەۋەسىگە كىرگەندىن كېيىن، يول بويى نۇرغۇنلىغان تاشلاندۇق يېزا-كەنتلەرنى، چېقىۋېتىلگەن ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى كۆرگەن. يول بويى ئۇچراتقان يېزا-كەنتلەردە بىرمۇ ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ بولماسلىقى ئۇنى ھەيران قالدۇرغان ۋە كاللىسىدا سوئال پەيدا قىلغان.

شۇ سەۋەبتىن ئۇ يۈرۈشلۈك سىن فىلىملىرىنىڭ 6-قىسمىدا، ئادەمسىز قالغان يېزا-كەنتلەر، يول بويى ئۇچرىغان مەھەللە-بازارلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ بولماسلىقى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ قەيەرگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدىكى تېمىغا ئېغىرلىق بەرگەن. ئۇ بۇ فىلىمدا يەنە خىتايلار ھۆددىگە ئالغان كۆكتاتلىقلاردا مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى قوشۇپ بايان قىلغان.

گۇەن گۇەن قۇمۇلدا توپا تاملىق ۋەيرانە ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى كۆرىدۇ. ئۇ بۇ مەھەللىلەردە پۇقرالارنىڭ ھويلا-ئاراملىرى چېقىۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما چېقىلماي ساقلىنىپ قالغان ئۇيغۇر تونۇرلىرىدىن بۇ يەرنىڭ ئەسلى ئۇيغۇر مەھەللىسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ.

ئۇ فىلىمدا يەنە ئۈرۈمچىنىڭ داۋانچىڭ بازىرىدا چېقىلىۋاتقان مەھەللىلەر ۋە خىتاينىڭ ئۆي-مۈلۈك شىركەتلىرىنىڭ يېڭى ئولتۇراق رايون ياكى سودا بازىرى قۇرۇلۇشى ھەققىدە چىقارغان ئېلان تاختىلىرىنى تەپسىلىي كۆرسىتىدۇ.

فىلىمدا گۇەن گۇەن يەنە ئۆزى تاماق يېگەن ئاشپۇزۇللاردىكى كىشىلەردىن ئادەمسىز قالدۇرۇلغان مەھەللىلەردىكى ئۇيغۇرلارنى، ئۇلارنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى سۈرۈشتە قىلىدۇ.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ تاماق يېگەن ئاشپۇزۇللاردىكى ئۇيغۇرلار ئۇنىڭ سوئاللىرىنى جاۋاپسىز قالدۇرغان. ئەمما خىتايلار ئۇنىڭغا بۇ جايلاردا خىتايلارنىڭ ئاساسلىق ئاھالە ئىكەنلىكىنى، بۇ يېزىلاردا ھازىر ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنىڭ قالمىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

مەزكۇر فىلىمدا گۇەن گۇەن يەنە رايوندىكى مىللەتلەرنىڭ نوپۇس نىسبىتى ھەققىدە ئۆزى ئىگىلىگەن ئەھۋاللارنى خۇلاسىلەيدۇ. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاي كۆچەنلىرىنىڭ نىسبىتى يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىدىن ئېشىپ كەتكەن ئىكەن.

گۇەن گۇەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، سەپەر جەريانىدا ئۇ بېسىپ ئۆتكەن يېزا-بازارلاردا ئۇنىڭغا ئەڭ كۆپ ئۇچرىغىنى خىتاي كۆچمەنلىرى بولغان. ھالبۇكى، ئۇ ئۆزى ئۇچراتقان ئادەمسىز مەھەللىلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نەگە كەتكەنلىكى ھەققىدە ئېنىق جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن.

ئەمما ئۇ سەپەر جەريانىدا خىتايلار ھۆددىگە ئالغان= قىزىلمۇچ ئېتىزلىقلىرىدا ئىشلەۋاتقان ئىشلەمچىلەر ئارىسىدا خوتەندىن كەلگەن ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەرنى كۆرگەن.

تىل ئۇقۇشماسلىقى ۋە ئۇ ئۇچراتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى نەزەرگە ئېلىپ، ئۇ ئۇيغۇرلار بىلەن بىۋاستە پاراڭلاشمىغان. ئۇيغۇرلارنىڭ يۈز ئىپادىسىنى سىنغا ئېلىشتىنمۇ ئېھتىيات قىلغان. ئەمما ئۇ ئۇچراتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆزلىرىدىن ئامالسىزلىق ئىپادىلەنگەن مۇرەككەپ تۇيغۇلارنى ھېس قىلغان. ئۇيغۇرلارمۇ ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىشكە پېتىنالمىغان.

8 قىسىملىق يۈرۈشلۈك فىلىمنىڭ 6-قىسمىدا يەنە ئۇيغۇر دىيارىدىكى يۇقۇرى سۈرەتلىك تاشيوللاردىن يېزا-بازارلاردىكى كۆكتات دۇكانلىرىغا قەدەر ئومۇملاشقان كامېرالىق كىملىك تەكشۈرۈش پوكىتلىرى، دۇكان-ئاشپۇزۇللارغا ئېسىلغان خىتايچە ۋىۋىسكىلار، ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىدا زەنجىرلەنگەن پىچاقلار، مەكتەپلەر تېمىغا چاپلانغان «خىتايچە ئورتاق تىلدا سۆزلەڭ» دېگەن تەشۋىقات ۋاراقلىرى تەپسىلىي كۆرسىتىلگەن.

گۇەن گۇەن 18-نويابىر كۈنى يۇتۇپ تورىدا ئۆزى ئىشلىگەن 8 قىسىملىق يۈرۈشلۈك فىلىم ھەققىدە تورداشلارنىڭ ئىنكاسىغا جاۋاپ قايتۇرغان.

ئۇ بۇ 8 قىسىملىق فىلىمنىڭ 5-6-قىسىملىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا بېغىشلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بۇ فىلىملەرنى ئىشلەشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى قىيىن ئەھۋالىنى ئاشكارىلاش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، فىلىمدىكى ئۇيغۇرلار قامالغان لاگېرلار ۋە ئۇلارنىڭ كۆرۈنۈشلىرى، ئادەمسىز ئۇيغۇر يېزىلىرى، چېقىۋېتىلگەن ئۇيغۇر مەھەللىلىرى، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار، خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن تويلىشىشقا مەجبۇرلارنغان ئۇيغۇر ئاياللىرى، خىتايچە ئوقۇشقا مەجبۇرلانغان ئۇيغۇر بالىلىرى، شۇنداقلا رايوندىكى قاتمۇ-قات نارازەر سېستىمىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىنىۋاتقانلىقى ھەمدە بۇ رايوننىڭ مۇستەملىكە زېمىن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت