خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 5-ماي كۈنى ياۋروپا زىيارىتى ئۈچۈن فىرانسىيەگە يېتىپ بارغان بولۇپ، ياۋروپادىكى 6-مايدىن 10-مايغىچە داۋاملىشىدىغان ئۈچ دۆلەت زىيارىتىنىڭ تۇنجى بېكىتى فىرانسىيە بولغانىدى. 5-ماي كۈنى پارىژدىكى ئەڭ مەشھۇر ئورۇنلارنىڭ بىرى بولغان «مادۆلەن» (Place de la Madeleine) مەيدانىدا فىرانسىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان فىرانسىيەلىكلەر نامايىش ئۆتكۈزگەن؛ نامايىشقا لاگېر شاھىتلىرىدىن گۈلباھار جېلىلوۋا ۋە گۈلباھار خاتىۋاجى خانىملارمۇ قاتناشقانىدى.
ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتنىڭ مەسئۇلى دىلنۇر رەيھان خانىم 5-ماي كۈنىدىكى نامايىشقا خىتاي مىللەتچىلىرىنىڭ نەچچە گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ ھەر خىل شەكىلدە توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، كىملىكى نامەلۇم بولغان، يۈزلىرىگە ماسكا تاقىۋالغان بىر تۈركۈم قارا تەنلىك ياشلار قوللىرىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ۋە ئۆزىنىڭ قارا بەلگە ئۇرۇلغان رەسىمىنى كۆتۈرۈپ، نامايىش مەيدانىغا بۆسۈپ كىرگەنلىكىنى ئېيتقان. نامايىش تۈگىگەندىن كېيىن، دىلنۇر ۋە لاگېر شاھىتلىرى فىرانسىيەدىكى داڭلىق ئاخبارات قاناللىرىنىڭ زىيارەتلىرىنى قوبۇل قىلغان. ئۇلار فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكروننىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا قامىغان شى جىنپڭنى كۈتۈۋېلىشىنى ئۆزلىرىگە قىلغان ھاقارەت دەپ ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
شى جىنپىڭنىڭ ياۋروپا زىيارىتى داۋام قىلىۋاتقان پەيتتە، يەنى 8-ماي كۈنى پارىژ ۋاقتى 11 لەردە كىملىكى نامەلۇم قارا كىيىملىك سەككىز كىشى قارا كىچىك ئاپتوموبىل بىلەن لاگېر شاھىتى گۈلباھار جىلىلوۋا خانىمنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كەلگەن. ئۇلار گۈلباھار خانىمنىڭ ئۆيىنىڭ قوڭغۇرىقىنى نەچچە قېتىم باسقان ۋە يان تېلېفونىغىمۇ نەچچە قېتىم تېلېفون قىلغان. ئەينى ۋاقىتتا گۈلباھار خانىم سىرتقا چىقىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ ئەھۋالنى بايقىغان قوشنىلىرى ئۇنى ئۆيىگە قايتماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان.
بىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن گۈلباھار خانىم بىلەن ئالاقىلەشتۇق. گۈلباھار خانىم بىخەتەر بىر جايغا يۆتكەلگەن بولۇپ، ئىشەنچلىك كىشىلەر تەرىپىدىن قوغدىلىۋېتىپتۇ. لېكىن ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن پاراكەندىچىلىك تۈپەيلى كەيپىياتى بەك ناچار بولغاچقا سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرەلمەي قالدى. شۇڭا گۈلباھار خانىمنىڭ يېنىدا باشتىن-ئاخىر تۇرغان دىلنۇر رەيھان خانىم ئۇ كۈنى يۈز بەرگەن ئەھۋاللار ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.
ئۇيغۇر مەسىلىسىنى فىرانسىيەدە كۈنتەرتىپكە ئەكېلىشتە مۇھىم رول ئويناۋاتقان ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى رافائىل گىلۇكىسمەن ئۆزىنىڭ X ھېسابىدا، گۈلباھار خانىمنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدا توختىتىپ قويۇلغان قارا رەڭلىك ماشىنا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا تۇرغان قارا كىيىملىك ئادەملەرنىڭ رەسىمىنى ئېلان قىلىپ، مۇنداق دەپ يازغان: «ھازىر پارىژدا مۇنداق ۋەقە يۈز بېرىۋاتىدۇ: قارا ماشىنىدىكى خىتايلار خىتاي لاگېرلىرىدىن ھايات قالغان گۈلباھار جېلىلوۋانى ئىزدەۋاتىدۇ. ئۇلار ئۇنىڭ ئىشىكىنىڭ قوڭغۇرىقىنى باسماقتا. ئۇ يوشۇرۇنۇۋېلىشى كېرەك. بۇ (خىتاي) ھاكىمىيەتنىڭ بىزنىڭ تۇپرىقىمىزدا ياشاۋاتقان كىشىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىشىغا قانداقسىغا يول قويدۇق؟ بۇنچە ئاجىز بولۇشنى قاچان توختىتىمىز؟ »
5-ماي كۈنى ئېلىپ بېرىلغان نامايىشتىمۇ، كىملىكى نامەلۇم بولغان، يۈزلىرىگە ماسكا تاقىۋالغان بىر تۈركۈم قارا تەنلىك ياشلارنىڭ نامايىشقا بۆسۈپ كىرگەنلىكىنى تىلغا ئالغانىدۇق. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلارنىڭ قوللىرىدا كۆتۈرۈۋالغان يۈزىگە قارا بەلگە ئۇرۇلغان رەسىملەرنىڭ ئارىسىدا ئەڭ كۆپ بولغىنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ رەسىمى ئىدى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى خىتاينىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا تۈرلۈك شەكىللەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان پاراكەندىچىلىكى ھەققىدە رادىيومىزغا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشىنىڭ شەكلىنىڭ ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى پائالىيەتچىلەرنى خىتاينىڭ جىسمانىي زىيانكەشلىكىدىن ئاگاھ بولۇشقا چاقىردى.
دىلنۇر رەيھان خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش پائالىيەتچىلەر خىتاي ئىستىخباراتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھەر خىل شەكىلدىكى پاراكەندىچىلىككە دائىم ئۇچراپ تۇرىدىكەن. زىيارىتىمىز جەريانىدا، ئۇ خىتاي تەشۋىقاتى چاپلانغان بىر ماشىنىنىڭ يېقىنقى بىر نەچچە ئايدىن ئۆزى نەگە بارسا شۇ يەردە پەيدا بولۇپ قالىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
دىلنۇر خانىم ئاخىرىدا قارا رەڭلىك ماشىنا بىلەن گۈلباھار خانىمنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغىچە كەلگەن قارا كىيىملىك ئادەملەر ھەققىدە بىۋاسىتە سوتقا ئەرز قىلىش ئۈچۈن ئادۋوكات بىلەن كۆرۈشۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ساقچىلار بۇ ھەقتە ئۇلارغا ئېنىق بىر مەلۇمات بەرمىگەن، پەقەت تەكشۈرۈشنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىز بۇ دېلو ھەققىدە پارىژ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى (préfecture de police de Paris) دىن مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئېلخەت ئەۋەتتۇق، ئەمما ئۇلار زىيارەت تەلىپىمىزگە تېخى جاۋاب قايتۇرمىدى.