تۈركىيەلىك دىنىي ئالىم، ئۇيغۇرلارنىڭ دوستى ئۆمەر دۆڭگەلئوغلى كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ۋاپات بولدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2020-05-04
Share
merhum-diniy-alim-omer-donggeloghli.jpg ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇملارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقان دىنىي ئالىم ئۆمەر دۆڭگەلئوغلى ئەپەندى كورونا ۋىرۇس سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتتى. 2020-يىلى ئاپرېل، تۈركىيە.
RFA/Arslan

ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان دىنىي ئالىم ئۆمەر دۆڭگەلئوغلى ئەپەندى كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 3-ماي يەكشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدىكى باشاقشەھەر دۆلەت دوختۇرخانىسىدا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ۋاپات بولدى. مەلۇم بولۇشىچە، مەرھۇم 22-ئاپرېل كۈنى كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ، دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان ئىكەن.

ئۇنداقتا، مەرھۇم دىنىي ئالىم ئۆمەر دۆڭگەلئوغلى كىم؟ ئۇ ھايات ۋاقتىدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قانداق خىزمەتلەرنى قىلغان كىشى ئىدى؟ بۇ ھەقتە مەركىزى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ باش كاتىپى دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى بىزگە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆمەر دۆڭگەلئوغلى ئەپەندى تۈركىيەنىڭ تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىدا ۋە دىنىي ۋەز-نەشەت سۆھبەتلىرىدە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇملارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقان بىر دىنىي ئالىم ئىكەن. ئۇ ئالدىنقى يىللاردا لاگېرغا قامالغان ئۇيغۇرلار ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق ئەھۋالى ھەققىدە كۆپلىگەن تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىدا ۋە جامائەت سورۇنلىرىدا يىغلاپ تۇرۇپ دۇئا قىلغان ئىكەن. ئۆمەر دۆڭگەلئوغلى ھەر يىلى رامازان ئېيىدا تۈركىيەنىڭ «قانال-7» تېلېۋىزىيەسىنىڭ زوھۇر ۋە ئىپتار ۋاقتىدىكى دىنىي ۋەز-نەسىھەت نەخ مەيدان پروگراممىلىرىدا ھەر كۈنى دېگۈدەك ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئالاھىدە دۇئا قىلىپ كېلىۋاتقان شەخس ئىكەن.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ مەرھۇم ئۆمەر دۆڭگەلئوغلىنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ تىۋىتتېر ھېسابا تەزىيەنامە ئېلان قىلدى. رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەزىيەنامىسىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ھاياتىنى ئىسلام دىنى بىلىملىرىنى ئۆگىتىشكە بېغىشلىغان دىنىي ئالىم ۋە يازغۇچى ئۆمەر دۆڭگەلئوغلىنىڭ كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ۋاپات بولغانلىقىدىن قايغۇ ئىچىدە خەۋەر تاپتىم. قىممەتلىك ئۇستازىمىزغا ئاللاھتىن رەھمەت، ئائىلىسىگە ۋە پۈتكۈل دوست-يېقىنلىرىغا سەبىر تىلەيمەن، مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن!»

شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان مەرھۇم ئۆمەر دۆڭگەلئوغلىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ناھايىتى سەزگۈرلۈك بىلەن قارايدىغان كىشى ئىكەنلىكىنى، ئىسلام دۇنياسى ۋە مۇسۇلمان ئەللىرى رەھبەرلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئىگە چىقمىغانلىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ كېلىۋاتقان بىر كىشى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان مەرھۇم ئۆمەر دۆڭگەلئوغلىنىڭ ھەر دائىم شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن يىغلاپ دۇئا قىلغان بىر كىشى ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان جامائىتىنىڭ ئۆمەر دۆڭگەلئوغلىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ۋە چىن دىلىدىن ھۆرمەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىشىمىزچە، مەرھۇم ئۆمەر دۆڭگەلئوغلى پات-پات ياۋروپانى زىيارەت قىلىپ، خەلقئارالىق يىغىنلارغا قاتنىشىپ تۇرىدىكەن. ئۇ ياۋروپا زىيارىتى جەريانىدا ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلار بىلەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا پىكىرلىشىپ تۇرىدىكەن. بۇ ھەقتە شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەخمەتجان تۇرسۇن پىكىر بايان قىلدى. ئۇ مەرھۇم ئۆمەر دۆڭگەلئوغلى بىلەن شۋېتسىيەدە بىر قانچە قېتىم ئۇچراشقانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا شۇ قەدەر كۆڭۈل بۆلۈشىدىن قاتتىق تەسىرلەنگەنلىكىنى، شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى نامىدىن ئۇنىڭغا ئۇيغۇر دوپپىسى ھەدىيە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ئىستانبۇلدا ۋاپات بولغان دىنىي ئالىم ئۆمەر دۆڭگەلئوغلى ئەپەندى 2019-يىلى 20-دېكابىر ئىستانبۇلدا ئى ھ ھ (ئى ھا ھا) ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «سۈكۈتتىكى چۇقان» ناملىق يۈزمىڭلارچە كىشى قاتناشقان يۈرۈش قىلىش پائالىيىتىدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەخسۇس سۆز قىلغان ۋە ئۆزىنى تۇتالماي يىغلاپ كەتكەن ئىدى. ئۇ شۇ قېتىملىق يىغىلىشتا يۈزمىڭلىغان كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ مۇنداق دۇئا قىلغان ئىدى: «ئىھ ئاللاھ! بۇ كۈنىمىزنى شەرقىي تۈركىستان بىلەن ئۈزۈلمەس قېرىنداشلىق رىشتىمىز باغلانغان كۈن قىلىپ بەرگىن. ئىھ ئاللاھ! يەر شارىنىڭ ئەڭ قەبىھ قاتىلى بولغان خىتايلارنى ھالاك قىلغىن. ئىھ ئاللاھ، خىتايلارنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا قىلمىغان قىيىن-قىستاقلىرى قالمىدى، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بەزىلىرى جېنىدىن ئايرىلدى، بەزىلىرىنىڭ ئار-نومۇسلىرى دەپسەندە قىلىندى، ئىھ ئاللاھ، بىز سەندىن ياردەم تەلەپ قىلىمىز، شۇ قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قىلغىن! . . .»

ئۆمەر دۆڭگەلئوغلى 1968-يىلى تۈركىيەنىڭ توكات شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى يۇرتىدا ئوقۇغان. كېيىن ساكارىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىسلامىي بىلىملەر فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن بىر تەرەپتىن ئىسلام تارىخى تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللانسا، يەنە بىر تەرەپتىن مەسجىدلەردە ئىمامەتچىلىك قىلغان خەلق ئاممىسىغا دەۋەت-تەشۋىق قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ ھەر يىلى رامازان ئېيىدا تۈركىيەنىڭ دىنىي مەزمۇندىكى نەق مەيدان تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىدا سۆزلەپ كېلىۋاتقان دىنىي ئالىم ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت