«خىتاينىڭ جازا لاگېرىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار» تىزىملىكىدىكى گۈلگىنە لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەن

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2020.05.04
gulgine-tashmemet-yepiq-terbiyelesh-1.jpg ئاتا-ئانىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن يۇرتىغا قايتىپ، «يىغىۋېلىش لاگېرىغا» قامالغان مالايشىيا تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى گۈلگىنە تاشمەمەت. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)
RFA/Gülchéhre

مالايشىيا تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ماگىستىرلىق ئوقۇشىنى يېڭى پۈتتۈرگەن گۈلگىنە تاشمۇھەممەت 2017-يىلى 26-دېكابىر مالايشىيانىڭ كۇۋالا-لامپۇر شەھىرىدىن غۇلجادىكى ئۆيىگە تەتىل قىلىش ئۈچۈن قايتقان. ئەسلى ئۇ شۇ يىلى فېۋرالغىچە مالايشىياغا قايتىپ كېلىپ، 2018-يىلى دوكتورلۇق ئوقۇشىنى باشلىشى كېرەك ئىدى. بەختكە قارشى گۈلگىنەنىڭ يۇرتىغا قايتىشى دەل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كەك كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىۋاتقان، بولۇپمۇ چەتئەللەرگە چىقىپ قايتىپ كەلگەنلەر نۇقتىلىق «تەربىيەلەش لاگېرلىرى» غا ئېلىپ كېتىلىۋاتقان مەزگىللەرگە توغرا كەلگەنىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مالايشىيا خىتاينىڭ بېرىپ كەلگەن ئۇيغۇرلار چوقۇم تەكشۈرۈلىدىغان مۇسۇلمان ئەللىرى ۋە ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى قاتارىدىكى سەزگۈر دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنىدى. گۈلگىنە ئەنە شۇ قايتىشىدا تۇتۇلۇپ لاگېرغا سولانغانىدى.

ئارىدىن ئىككى يېرىم يىل ئۆتكەندە گۈلگىنە تاشمۇھەممەتنىڭ ھازىر گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ياشاۋاتقان ھەدىسى گۈلزىرە خانىم 1-ماي فەيسىبوك خاس بېتىدە، سىڭلىسىنى قويۇپ بېرىلگەنلىك خوش خەۋىرىنى جاكارلىدى.

گۈلزىرەنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، ئۇ شۇ كۈنى نامەلۇم تېلېفون نومۇرىدىن تېلېفون تاپشۇرۇپ ئالغان بولۇپ، ئۇ سىڭلىسى گۈلگىنە ۋە ئائىلىسى بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەن ھەم ۋىدېيو ئارقىلىق يۈز كۆرۈشكەن. گۈلگىنە ئۆزىنىڭ قاچان قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئېيتمىغان بولسىمۇ ئەمما ھازىر مەلۇم ئوقۇتۇش مەركىزىدە ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنىكەن.

گۈلگىنەنىڭ گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان ھەدىسى گۈلزىرە، ئەينى چاغدا خۇددى مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ھەر قانداق بىر ئۇيغۇرغا ئوخشاش ئائىلىسى بىلەن ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەنىدى.

سىڭلىسىنىڭ ئۆلۈك ياكى تىرىكلىكىدىنمۇ خەۋەر ئالالمىغان گۈلزىرە، ئاخىرى سىڭلىسىنىڭ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، بۇنى رادىيومىزغا ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا ئاشكارىلىغانىدى.

گۈلزىرەنىڭ ميۇنخېندا تۇرۇپ گېرمانىيەنىڭ ۋە باشقا خەلقئارالىق گېزىت-ژۇرنال، رادىئو ۋە تېلېۋىزىيەلەرنىڭ زىيارەتلىرىنى قوبۇل قىلىپ، سىڭلىسى گۈلگىنەنىڭ بەختسىز قىسمىتىنى ئاڭلىتىشى خەلقئارادا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغانىدى. گۈلگىنەنىڭ لاگېرغا سولىنىشى خىتاينىڭ مىليونلارچە بىگۇناھ ئۇيغۇرنىڭ قانۇنسىز ھالدا جازا لاگېرلىرىغا سولانغانلىقىنى، ھەتتا بىگۇناھ ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ پەقەتلا چەتئەلدە ئوقۇغانلىقى ئۈچۈنلا لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلىۋاتقانلىقىنى يورۇتقان ۋەكىللىك ۋەقەلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان ئىدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئارقا-ئارقىدىن خىتاينىڭ گۈلگىنەنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ مەخسۇس باياناتلار ئېلان قىلغانىدى. ھەتتا گۈلگىنەنىڭ مالايشىيا تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پروفېسسورى ھەم ساۋاقداشلىرىمۇ ئۇنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىپ، ئىمزا توپلاپ مالايشىيا ھۆكۈمىتىدىن ياردەم سوراپ پائالىيەتلەر ئېلىپ بارغانىدى.

1987-يىلى 17-سېنتەبىر تۇغۇلغان گۈلگىنە، 2010-يىلى مالايشىيا تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا بارغان. ئۇ يۇرتىغا قايتىشتىن ئىلگىرى، يېڭىلا تېخى ئاسپىرانتلىقنى تۈگەتكەن بولۇپ، دوكتورلۇق ئوقۇش ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنغانىكەن.

بۇ خۇش خەۋەر گۈلگىنەنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى ھەر بىر ئۇيغۇرنى ۋە تەشكىلاتلارنىمۇ ھاياجانغا سالغان.

گەرچە گۈلزىرە گۈلگىنەنىڭ ھايات ئىكەنلىكىدىن، لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ ئىنتايىن ھاياجانلانغان بولسىمۇ، ئەمما سىڭلىسى گۈلگىنە ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ يەنىلا قورقۇش ۋە تەشۋىش ئىچىدە ئىكەنلىكىنى سەزگەن. شۇڭا ئۇ يەنىلا ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلماقتىكەن.

گۈلزىرە خانىمنىڭ سىڭلىسىنىڭ ئەركىنلىككە چىققانلىقى ھەققىدىكى فەيسىبوك ئۇچۇرىغا ئىنكاس قايتۇرغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى، ئۇنىڭدىن سىڭلىسىنىڭ لاگېردىن قويۇپ بېرىلىشى بىلەن ئۆز پائالىيەتلىرىنى توختىتىدىغان-توختاتمايدىغانلىقىنى سورىغان. گۈلگىنە گەرچە بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلارغا فەيسىبوك بېتىدە بىۋاسىتە جاۋاب بەرمىگەن بولسىمۇ ئەمما بىزنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا ئىنتايىن كەسكىن جاۋاب بەردى.

گۈلگىنە مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېر سىياسىتى مېنىڭ ئەركىن دۇنيادىكى ھاياتىمغىمۇ ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى، روھىي ۋە سالامەتلىك جەھەتتە ئىككى يېرىم يىل جەريانىدا زور ئازاب تارتتىم، ھەتتا ئۆلۈپلا كەتسەم بولمامدۇ دەپ ئويلىغان چاغلىرىممۇ بار، قەيسەرلىك بىلەن ئۈمىدۋارلىق بىلەن ياشىغان بولساممۇ، ئىچىمدىن تۈگىشىپ كەتتىم. ھازىر سىڭلىمنىڭ لاگېردىن چىققانلىقى خەۋىرىنى ئاڭلىغان بولساممۇ ئۇنچىلىك خوش بولۇپ كېتەلمىدىم. ئۇنى ھەقىقىي ئەركىن دەپ ھېس قىلمايمەن. سىڭلىمغا ئوخشاش يەنە نۇرغۇن ئۇيغۇر ھەدە-سىڭىللىرىم خىتاينىڭ لاگېر ۋە تۈرمىلىرىدە قىينىلىۋاتىدۇ، خىتايغا مەجبۇرىي ياتلىق قىلىنىۋاتىدۇ، مەن 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىم ھەقىقىي ئەركىنلىككە ئېرىشمىگۈچە بۇ يولۇمدىن ھەرگىز يانمايمەن».

ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىنكاسلىرىغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ ئۆزىگە قارشى ئاۋازىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، گۈلزىرەگە ئوخشاش مەتبۇئاتلاردا بەكرەك ئىنكاس قوزغىغان ئاز بىر قىسىم ئاكتىپلارنىڭ ۋەتىنىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ۋاقتىنچە قويۇپ بېرىش ئارقىلىق ئۇلارغا يۇمشاق تاكتىكىلار بىلەن بېسىم ئىشلىتىشكە باشلىغان. پەقەت ئائىلىسى ئۈچۈنلا ئاۋاز چىقارغان بەزى ئۇيغۇرلار ئىچىدە، خىتاينىڭ ئائىلىسىگە قايتىدىن زىيانكەشلىك قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، ئۆز پائالىيەتلىرىنى توختاتقانلىرىمۇ بار ئىكەن.

سۆھبىتىمىز ئاخىرىدا گۈلزىرە يەنە سىڭلىسىنىڭ لاگېردىن ھايات چىقىشنى ئۆزىنىڭ ئازابنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، خىتاينىڭ رەھىمسىز سىياسىتىنى پاش قىلغىنىدىن سىرت مەتبۇئاتلارنىڭ ۋە بارلىق ئادالەتپەرۋەر، ئىنسانپەرۋەر تەشكىلات ھەمدە ئىنسانلارنىڭ زېرىكمەي ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ، ھازىرغا قەدەر سۈكۈتتە تۇرغان ئۇيغۇرلارنى زۇلۇمغا قارشى ئاۋاز چىقىرىشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتىشكە چاقىردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.