لاگېر شاھىتى گۈلزىرە ئاۋۇلقانقىزى: «ئادەم كۆپىيىپ كەتكەندە بىر مەزگىل چىلەككە تەرەت قىلدۇق»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019-05-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
لاگېر شاھىتى گۈلزىرە ئاۋۇلقانقىزى يوتۇبې تورىدا گۇۋاھلىق باياناتى ئېلان قىلماقتا. 2019-يىلى 29-ئاپرېل.
لاگېر شاھىتى گۈلزىرە ئاۋۇلقانقىزى يوتۇبې تورىدا گۇۋاھلىق باياناتى ئېلان قىلماقتا. 2019-يىلى 29-ئاپرېل.
Social Media

لاگېر شاھىتى گۈلزىرە ئاۋۇلقانقىزى غۇلجا ناھىيىسىدە لاگېردا ياتقان مەزگىلىدە 4 قېتىم ئورنى ئالماشقانلىقىنى، ئىككى قېتىملىق ئورنى ئالماشقاندا بۇ لاگېرلارنىڭ بىر قىسىم ياتاقلىرىدا ھاجەتخانا بولمىغاچقا 3 ئايچە چىلەككە تەرەت قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۆتكەن ھەپتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سابىق كارخانىچى نۇرمەمەت ئابدۇللامۇ ئۆزىنىڭ «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دە تۇتقۇن قىلىنغان ۋاقتىدا يەكەندىكى بىر سىياسىي تەربىيە مەركىزىدە چىلەككە تەرەت قىلغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، لاگېر شاھىتى گۈلزىرە ئاۋۇلقانقىزىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇ تۇتقۇندىكى 15 ئاي مەزگىلىدە 4 قېتىم لاگېردىن لاگېرغا ئالماشقان. بۇ جەرياندا ئاز دېگەندە 18 كىشى بىلەن، كۆپ بولغاندا 65 كىشى بىلەن بىر ياتاقتا ياتقان. 2017‏-يىلى11‏-ئاينىڭ 1‏-كۈنىدىن 2018‏-يىلى 7‏-ئاينىڭ 2‏-كۈنىگىچە، كونا توقۇمىچىلىق فابرىكىسىنىڭ ئورنىدىكى لاگېرغا يۆتكەلگەن. بۇ لاگېرنىڭ بەزى ياتاقلىرىدا ھاجەتخانا بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇ بۇ لاگېردىكى بىر ياتاقتا بىر ئايچە چىلەككە تەرەت قىلغان.

ئۇ 2018‏-يىلى 7‏-ئاينىڭ 2‏-كۈنىدىن 8‏-ئاينىڭ 26‏-كۈنىگىچە غۇلجا ناھىيىلىك 4‏-ئوتتۇرا مەكتەپتىكى لاگېرغا يۆتكەلگەن. بۇ لاگېرنىڭ ياتاق ئەسلىھەلىرى تولۇق بولمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ لاگېردىمۇ ئىككى ئايچە چوڭ بىر قىزىل چىلەككە تەرەت قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، تۇتقۇنلارنىڭ چىلەككە تەرەت قىلىشى لاگېرلار قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن، يەنى «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىنكى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن داۋامىدىمۇ كۆرۈلگەن. سابىق كارخانىچى نۇرمەمەت ئابدۇللانىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى زىيارىتىمىز داۋامىدا دېيىشىچە، ئۇ «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنغاندا يەكەندە دەسلەپتە 6 ئايچە قاماقتا ياتقان بولسا، كېيىنچە يەنە 6 ئايچە ئاتالمىش «سىياسىي تەربىيە» كۇرسىدا تەربىيىلەنگەن. بۇ جەرياندا ئۇ بۇ كۇرستا چۈشكىچە سىياسىي ئۆگىنىش ئېلىپ بارغان بولسا، چۈشتىن كېيىن ئەمگەككە سېلىنغان. شۇ چاغدىمۇ نۆۋەتتىكى يىغىلىۋېلىش لاگېرلىرىدا كۆرۈلگەن پىچاق بىسى شەكلىدە يانمۇ-يان قىستىلىپ يېتىش ۋە چىلەككە تەرەت قىلىش قاتارلىق ئىسكەنجە خاراكتېرلىك ياتاق شارائىتىنى باشتىن كەچۈرگەن ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت