لاگېر شاھىدى گۈلزىرە ئاۋۇلقانقىزى: «لاگېرغا تەكشۈرگۈچىلەر كېلىشتىن بۇرۇن چاچلىرىمىزنى بوياتقۇزدى»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019.05.01
gulzire-orqanqizi-guwahliq.jpg لاگېر شاھىتى گۈلزىرە ئاۋۇلقانقىزى يوتۇبې تورىدا گۇۋاھلىق باياناتى ئېلان قىلماقتا. 2019-يىلى 29-ئاپرېل.
Social Media

ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرى ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرىدىن قويۇۋېتىلگەن ۋە نۆۋەتتە قازاقىستاندا ياشاۋاتقان گۈلزىرە ئاۋۇلقانقىزى تۈنۈگۈن، يەنى 29‏-ئاپرېل كۈنى يۇتۇب قانىلىدا تۇنجى قېتىم گۇۋاھلىق باياناتى ئېلان قىلدى. ئۇ باياناتىدا ئىككى يىلدىن ئارتۇق ياتقان غۇلجا ناھىيىسىدىكى بىر لاگېرنىڭ ئىچكى ئەھۋاللىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى. گۈلزىرە ئۆرقاننىڭ پاش قىلىشىچە، ھەر قېتىم لاگېرغا تەكشۈرگۈچىلەر كەلگەندە لاگېردىكىلەر ئۆز ئەھۋالى ھەققىدە يالغان سۆزلەشكە مەجبۇرلانغان. ئوقۇتقۇچىلار ئۆيلىرىدىن تەشتەكلىك گۈللەرنى ئېلىپ كېلىپ لاگېرنى ۋاقىتلىق بېزىگەن. ھەتتا لاگېردىكى بىر قىسىم ئاياللارنىڭ چاچلىرى بويالغان.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، لاگېر شاھىدلىرىدىن ئۆمەر بېكئالى، مېھرىگۈل تۇرسۇن، گۈلباھار جېلىلوۋا ۋە سايراگۈل سايىتقانلاردىن كېيىن يەنە بىر گۇۋاھچى ئوتتۇرىغا چىقتى. تۈنۈگۈن يۇتۇبتا گۇۋاھلىق باياناتى ئېلان قىلغان 5‏-گۇۋاھچى گۈلزىرە ئاۋۇلقانقىزىنىڭ پاش قىلىشىچە، لاگېرلارنى تەكشۈرۈشكە ھەر قېتىم ئادەم كەلگەندە ئۇلار كۈلۈپ تۇرۇشقا، تەكشۈرگۈچىلەرگە تەبەسسۇم بىلەن بېقىشقا مەجبۇرلانغان. ئۇلار بۇ ئورۇندا تۈرمە ھاياتىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ كەسپىي تەربىيە كۆرۈۋاتقانلىقى ۋە بۇ ئورۇندىن رازى ئىكەنلىكىنى دېيىشكە بۇيرۇلغان. لاگېردا ئۇلار قۇرۇق گۈرۈچ ۋە خېمىر بىلەن ئوزۇقلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ھەر كۈنى قوي ۋە كالا گۆشىدە بېقىلىۋاتقانلىقىنى دېيىشكە زورلانغان. گۈلزىرە ئاۋۇلقانقىزىنىڭ دېيىشىچە، ھەتتا دائىرىلەر تۇتقۇنلارنىڭ روھىي كەيپىياتى ۋە تەقى-تۇرقىنى تامامەن پەرقلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن تەكشۈرگۈچىلەرگە كۆرۈنىدىغان ئاياللارنىڭ چېچىنى بويىغان. 

خىتاي دائىرىلىرى يېقىندىن بۇيان خەلقئارا جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمى بىلەن بىر قىسىم تەكشۈرۈش ئۆمەكلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلار ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويغان. ئەمما رايونغا بارغان تەكشۈرگۈچىلەر، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتىدىكىدىن پەرقلىق مەنزىرە بىلەن ئۇچراشقان بولۇپ، تەكشۈرگۈچىلەر بۇ يەردە ئەركىن-ئازادە ياشاۋاتقان ۋە ئۆز ئەھۋالىدىن مەمنۇنلۇقىنى بەس-بەستە بايان قىلغان، ناخشا ئېيتىپ ۋە ئۇسسۇل ئويناۋاتقان 22 ياش بىلەن 40 ياش ئارىسىدىكى كەسىپ ئۆگىنىۋاتقان ئاتالمىش «بەختلىك ياشلار» نى كۆرگەن ئىدى.

شاھىت گۈلزىرە ئاۋۇلقانقىزى بۇ گۇۋاھلىق باياناتىدا يۇقىرىقى مەنزىرىنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى پاش قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ لاگېر ھەققىدە دۆلەت ئىچىدىكى تەشۋىقاتىنىڭمۇ ساختىلىقىنى پاش قىلدى. مەلۇم بولۇشىچە، 2017‏-يىلى 7‏-ئاينىڭ 17‏-كۈنى لاگېرغا ئەكىرىپ كېتىلگەن گۈلزىرە ئاۋۇلقانقىزى 2018‏-يىلى 10‏-ئايدا لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەن. ئۇ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىنمۇ قازاقىستانغا كېتىشىگە دەرھال يول قويمىغان. ئۇ غۇلجىدا ئۆتكۈزۈلگەن بايراق چىقىرىش يىغىنلىرىدا ئۆزىنىڭ لاگېردىكى كەچمىشى ھەققىدە ساختا دوكلات بېرىشقا مەجبۇر بولغان. ئۇ دوكلاتىدا ئۆزى ئېغىر ئازاب چەككەن بۇ لاگېرلارنى ماختىغان. شى جىنپىڭ ۋە خىتاي كومپارتىيىسىگە رەھمەت ئېيتقان. 

گۈلزىرەنىڭ يەنە پاش قىلىشىچە، دائىرىلەر لاگېردىكى تۇتقۇنلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتىدىنمۇ تۇتقۇنلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى يوشۇرغان. تۇتقۇنلار ئائىلىسى بىلەن ئۇچراشتۇرۇلىدىغان چاغدا ئۇچرىشىش ئورنىغا كويزا-كىشەن بىلەن ئاپىرىپ ئەكېلىنگەن، پەقەت ئائىلە-تاۋابىئاتىنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئۇلاردىكى كويزا-كىشەن ئېلىۋېتىلگەن ۋە كۆرسىتىلمىگەن. 

ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ئادەم توپلىغاندا ئائىلىلەردىن ئاۋۋال ياشلارنى، ئاندىن دادىلارنى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئانىلارنى ئېلىپ كەتكەن. باشتا ئەكېتىلگەنلىرى قالغان ئائىلە ئەزالىرىنىڭمۇ ئەكېتىلىشىنى تەخمىن قىلمىغان. بۇ نۆۋەت گۈلزىرەنىڭ پاش قىلىشىچە، دائىرىلەر كىشىلەرنى لاگېرغا توپلىغاندا ھازىرقىدەك ئېنىقسىز بىر مۇددەتتە ئەمەس، پەقەت 15 ياكى 20 كۈنلۈك مۆھلەت بىلەن ئېلىپ كەتكەن. گۈلزىرەمۇ 15 كۈن مۆھلەت بىلەن ئەكىتىلىپ، قازاقىستاندىكى ئائىلە تاۋابىئاتىنىڭ ھەرىكەت قىلىشى بىلەن 2 يىلدىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. 

«ئاتا يۇرت» تەشكىلاتىنىڭ 15‏-ئاپرېل كۈنى يۇتۇبتا ئېلان قىلغان بىر سۆھبەت خاتىرىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە قازاقىستاندا ياشاۋاتقان يەنە لاگېر شاھىتى بەختىگۈل كۆشەنباي غۇلجا تېكەستىكى لاگېرغا ئالداپ ئاپىرىلغان، يەنى ساقچىلار ئۇنىڭغا پەقەت بەدەن تەكشۈرۈشكە ئېلىپ ماڭغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن لاگېرغا ئەكېتىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرمىغان. 

گۈلزىرەنىڭ گۇۋاھلىق باياناتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، گۈلزىرە ئەسلى غۇلجا ناھىيىسىدىن بولۇپ، ئۇ يولدىشى ۋە قىزى بىلەن بىرلىكتە 2014‏-يىلى قازاقىستانغا كۆچۈپ كەلگەن. ئۇ 2017 ‏-يىلى 7‏-ئايدا يۇرتىغا قايتقاندا غۇلجا ناھىيىسىدىكى لاگېرغا سولىۋېلىنغان. گۈلزىرە باياناتىدا ئۆزىنىڭ غۇلجا ناھىيىسىنىڭ بېيسەنپو دېگەن يېرىدىكى لاگېردا تۇرغانلىقىنى تىلغا ئالغان. بىز ئۆتكەن يىلى غۇلجا ناھىيىسىدىكى بىر يىغىۋېلىش لاگېرى خادىمىنى زىيارەت قىلغان ۋاقتىمىزدا ئۇ ئۆزىنىڭ بېيسەنپو، يەنى شىمالى تاغ قاپتىلى دېيىلىدىغان بىر جايدىكى لاگېردا خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى پاش قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.