لاگېر شاھىتى گۈلزىرە ئاۋۇلقانقىزى: ئاياللار ياتاقتىن كېچىلەردە ئاچىقىپ كېتىلىدۇ، ھېچ بىرى قايتىپ كەلمەيدۇ

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019.05.07
gulzire-orqanqizi-guwahliq.jpg لاگېر شاھىتى گۈلزىرە ئاۋۇلقانقىزى يوتۇبې تورىدا گۇۋاھلىق باياناتى ئېلان قىلماقتا. 2019-يىلى 29-ئاپرېل.
Social Media

غۇلجا ناھىيەسىدىكى ئاياللار لاگېرىدا 27 ئاي يېتىپ چىققان شاھىت گۈلزىرە ئاۋۇلقانقىزى، ئۆتكەن ھەپتە يوتۇب قانىلىدا ئېلان قىلغان گۇۋاھلىق باياناتىدا، ئۆزى بىلەن بىر ياتاقتا ياتقان بەزى ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ يېرىم كېچىلەردە نامەلۇم سەۋەب بىلەن ياتاقتىن ئېلىپ چىقىپ كېتىلگەنلىكى ۋە تەكرار ياتاققا قايتىپ كەلمىگەنلىكى ۋە شۇ پېتى ئىز-دېرىكى يوقالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى؛ ئۇ ئۆزىنىڭ بۇنداق سىرلىق غايىب بولۇشقا كۆپ قېتىم شاھىت بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا لاگېرغا ئەكېتىلگەن بەزى كىشىلەردىن ھەتتا ئىككى يىلغا قەدەر ھېچقانداق ئۇچۇر يوقلۇقى ئاشكارىلانغان ئىدى.

لاگېر شاھىتى گۈلزىرە ئاۋۇلقانقىزىنىڭ گۇۋاھلىق باياناتىدىن، لاگېر ئىچىدىكى يەنە بىر جىددىي ئەھۋال تۇتقۇنلارنىڭ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇش مەسىلىسىمۇ ئاشكارىلاندى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، 27 ئاي جەرياندا ئۆزى بىلەن بىر ياتاقتا ياتقان ئاياللاردىن بەزىلىرى كېچىلەردە نامەلۇم سەۋەب بىلەن ئاچىقىپ كېتىلگەن، ئەمما قايتىپ كەلمىگەن ۋە شۇنىڭدىن كېيىن ئىز-دېرىكى تامامەن بولمىغان. شۇ مەزگىللەردە لاگېردىن قويۇۋېتىلگەنلەر، يەنى ئاتالمىش تەربىيەلەش مەكتىپىنى پۈتتۈرگەنلەر بولمىغاچقا، ھەم بۇ تەربىيەلىنىشنىڭ مۇددىتىمۇ بېكىتىلمىگەن بولغاچقا، بۇ خىل ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇش گۈلزىرە ۋە ياتاقداشلىرىنى ئويغا ۋە ئەندىشىگە سالغان.

ئۆتكەن يىلى غۇلجا شەھىرىگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، بىر ساقچى خادىمىنىڭ تېلېفونى ئارقىلىق سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرگەن بىر خانىم؛ يولدىشى بىلەن ئىلگىرى ئايدا بىر قېتىم ئېكراندا كۆرۈشۈۋاتقانلىقى ۋە يېقىنقى 5 ئايدىن بۇيان ئالاقىسى ئۈزۈلگەنلىكى، ھەتتا ئۇنىڭ ئىلگىرى تۇرۇۋاتقان جىرغىلاڭدىكى لاگېردا بار-يوقلۇقىدىنمۇ ئۇچۇر ئالالمايۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان. ئۆتكەن يىلى ئاۋسترالىيەدىكى بىر ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ غۇلجا شەھىرىدىكى سىڭلىسىنىڭ 2 يىلدىن بۇيان ئىز-دېرىكى پۈتۈنلەي يوقلۇقى، غۇلجىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بۇ غايىب سىڭلىسىدىن ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمايۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلغان ئىدى. ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، ئۇنىڭ ئىز-دېرىكى ئايدىڭلاشمىغان ئىدى.

گۈلزىرە بىر تەرەپتىن بۇ غايىب ياتاقداشلىرىنىڭ باشقا بىنا ياكى سىنىپقا يۆتكەلگەنلىك ئېھتىماللىقىنى پەرەز قىلغان بولسىمۇ، ئەمما مەكتەپتە بېرىلگەن بەزى ئاگاھلاندۇرۇشلارغا ئاساسەن بۇ غالىپلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەنلىك ئېھتىماللىقىنى پەرەز قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، مەكتەپتە، خىتاي تىلىنى ياخشى ئۆگىنەلمىگەنلەرگە، ئەگەر ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىسە خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن. لاگېردا خىتاي تىلىدىن ھەپتىدە ۋە ئايدا بىر قېتىم ئىمتىھان ئېلىنغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە لاگېردىكىلەرنىڭ قاتتىق نازارەت ئاستىدا ۋە جەمئىيەتتىن خۇپىيانە ھالدا، كېچىلەردە بىر ئورۇندىن يەنە بىر ئورۇنغا پات-پات يۆتكىلىشىمۇ، گۈلزىرە ۋە ياتاقداشلىرىدا ئۆزلىرىنىڭمۇ غايىب قىلىۋېتىلىش ئەندىشىسىنى پەيدا قىلغان.

يۇقىرىدا لاگېر شاھىتى گۈلزىرە ئاۋۇلقانقىزىنىڭ گۇۋاھلىق باياناتىدىن، لاگېر ئىچىدىكى سىرلىق غايىبلار مەسىلىسى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.