«ئەرك تېلېۋىزىيەسى» نىڭ قۇرغۇچىسى، رېژىسسور ئابدۇراھمان ئۆزتۈرك ئۆز ئائىلىسىدىكەر ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى

0:00 / 0:00

ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ، تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئابدۇراھمان ئۆزتۈرك 14-سېنتەبىر كۈنى ۋىدىيولۇق گۇۋاھلىق بېرىپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كەلپىن ناھىيىسىدە ياشاۋاتقان ئاتا-ئانىسى ۋە بىر تۇغقان قېرىنداشلىرى بىلەن تېلېفون ئالاقىسىنىڭ يىللاردىن بۇيان ئۈزۈلگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە ھېچنېمە بىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ قول تېلېفونى ئارقىلىق ئاتا-ئانىسىغا ۋە قېرىنداشلىرىغا ئايرىم-ئايرىم تېلېفون قىلىپ سىناپ باققان بولسىمۇ، قارشى تەرەپتىكى ئوپېراتۇرنىڭ بۇ نومۇرلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تاقىلىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئاۋازىنىلا ئاڭلىيالىغان. ئۇ بۇ ئاۋازلارنى رېكورت قىلىپ ساقلىۋېلىپ، يوتۇب ئارقىلىق دۇنياغا كۆرسەتكەن.

ئابدۇراھمان ئۆزتۈرك ۋىدىيودا 15 يىل ئىلگىرى دادىسى بىلەن بىرگە چۈشكەن سۈرىتىنى كۆرسىتىپ، 15 يىلدىن بۇيان ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشەلمەي ھەسرەت بىلەن ياشاۋاتقانلىقىنى، 2017-يىلىدىن بۇيان ئاتا-ئانىسى، ئاكا-ئىنىلىرى ۋە ھەدە-سىڭىللىرى بىلەن ھېچقانداق ئۇچۇر-ئالاقە قىلالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئابدۇراھمان ئۆزتۈرك بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: «2017-يىلىدىن باشلاپ خىتاينىڭ جازا لاگېرلارنى يولغا قويۇپ كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا قامىغاندىن كېيىن، باشقا ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش مەنمۇ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمدىن خەۋەر ئالالمىدىم. چۈنكى چەتئەلدىن ئۇرۇلغان بىر تېلېفون ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزنىڭ 5 يىلدىن 10 يىلغىچە تۈرمە جازاسىغا سەۋەب بولىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. بەزى قېرىنداشلىرىم ئاتا-ئانىسىنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى بىر يىل ياكى ئىككى يىلدىن كېيىن خەۋەر تېپىۋاتىدۇ. . .»

ئابدۇراھمان ئۆزتۈرك ئەپەندى ئاتا-ئانىسىنىڭ بېشىغا بىرەر پالاكەت كەپ قالمىسۇن دەپ ئېھتىيات قىلىپ بىر قانچە يىلدىن بۇيان تېلېفون قىلمىغانلىقىنى، بىراق باشقىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى بىر ئىككى يىلدىن كېيىن خەۋەر تاپقانلىقىنى ئاڭلاپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن قاتتىق ئەنسىرىگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ئاتا-ئانا ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ تېلېفون نومۇرلىرىنىڭ تاقالغانلىقى سەۋەبىدىن ھازىرغىچە ئالاقە قىلالمقىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئابدۇراھمان ئۆزتۈرك ئەپەندى ئىككى يىل ئىلگىرى ئىنىسى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى، ئۇنىڭدىن كېيىن تېلېفون قىلغان بولسىمۇ، پۈتۈن تۇغقانلىرىنىڭ تېلېفونىنىڭ تاقالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ تېلېفوننىڭ توختىتىلغانلىقىغا قاراپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ تۇتۇلۇپ جازا لاگېرلىرىغا ئېلىپ كېتىلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ئۇ خىتاي دائىرلىرىغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن بىر پەرزەنت بولۇش سۈپىتىم بىلەن ‹ئاتا-ئانام قەيەردە؟›، ‹ئۇكىلىرىم، سىڭىللىرىم قەيەردە؟›، خىتاي ۋاباسى (كورونا ۋىرۇسى) تارقالغان بۇ كۈنلەردە ‹قانداق ئەھۋالىڭ، دادا-ئاپا؟› دەيدىغان بىر ئىمكانىيەتنى بېرىشنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەلۋەتتە، بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن خىتاينىڭ ۋەتىنىمىزدىكى ئۇ قىرغىنچىلىقىنى دەرھال توختىتىشقا چاقرىق قىلىمەن.»

ئۇ يەنە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا سىن ۋە ۋىدىيو تارقىتىش ئارقىلىق ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىش بىلەن بىرگە، دۇنيا جامائىتىدىن شەرقىي تۈركسىتاندا يۈز بېرىۋاتقان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا دىققەت قىلىشقا چاقىردى. ئۇ خىتاينىڭ مەيلى سودا-تىجارەت ساھەلەردە بولسۇن مەيلى باشقا ساھەلەردە بولسۇن، دۇنياغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھىيلە-نەيرەڭ، قىلتاقلىرىغا چۈشۈپ كەتمەسلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.

ئابدۇراھمان ئۆزتۈرك ئەپەندى 2010-يىلى تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتكەن بولۇپ، ئۇ ئاتا-ئانىسنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىش ئۈچۈن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا مەكتۇپ يازغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بىر تۈركىيە پۇقراسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاتا-ئانىسى بىلەن كۆرۈشۈشكە تۈركىيەنىڭ ياردەم بېرىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ تاكى ئانا-ئانىسى بىلەن راھەت كۆرۈشەلەيدىغان پۇرسەتكە ئىگە بولغۇچە ۋە ئۇيغۇرلار ئۆز تۇپراقلىرىدا راھەت ۋە ئەركىن نەپەس ئالالايدىغان ھالەتكە كەلگۈچە، بۇ يولدا كۈرەشنى توختاتمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا پۈتكۈل دۇنيا جامائىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلارنى ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقرىق قىلدى.

ئابدۇراخمان ئۆزتۈرك ئەپەندى، 2006-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدىن گوللاندىيەگە بارغان بولۇپ، شۇندىن بۇيان ئاتا-ئانىسى بىلەن يۈز كۆرۈشەلمەي كەلگەن. ئۇ 2009-يىلى «ئەرك تېلېۋىزىيەسى» تورىنى تەسىس قىلىپ، نۇرغۇن نادىر ھۆججەتلىك فىلىملارنى ئىشلەپ تارقاتقان ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا ئالقىشقا ئېرىشكەن. نۆۋەتتە ئۇ تۈركىيە كىنوچىلىق ساھەسىدىكى بىر كەسپىي رېژىسسور بولۇپ يېتىشكەن. ئۇ تۈركىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ بىۋاسىتە ياردىمى ۋە قوللىشى بىلەن رېژىسسور ۋە فىلىم ئىشلىگۈچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، «باياز بالىنا»، يەنى (ئاق كىت) ناملىق كەسپىي ھاياتىدىكى تۇنجى كىنو فىلىمىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلەپ چىققان ۋە كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگەن. ئۇ ھازىرمۇ ئىستانبۇلدا فىلىم ئىشلەش، رىژىسسۇرلۇق قىلىش بىلەن مەشغۇل بولماقتا.